ئەڭ ماھىر چۈش تەبىرچىسى

ئەڭ ماھىر چۈش تەبىرچىسى: يۈسۈف ئەلەيھىسسالام.

720209
ئەڭ ماھىر چۈش تەبىرچىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: زىندان يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا قۇدۇقتىكى كۈنلىرىنى ئېسىگە سالدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام زىنداندا پۈتۈن ۋاقتىنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئۇنىڭ زىنداندا نۇرغۇن دوستلىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئىلگىرى خان سارىيىدا ئىشلىگەن چاكارلاردىن ئىدى.

بۇ ئىككىسى بىر كۈنى غەلىتە چۈش كۆرۈشتى. ئۇلار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشلەرگە توغرا تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامدىن كۆرگەن چۈشىلىرىگە تەبىر بېرىشنى ئۆتۈنۈشتى. بىرى، چۈشىدە ئۈزۈم سىققانلىقىنى، يەنە بىرى، بېشىنىڭ ئۈستىدىكى ناننى قۇشلارنىڭ چوقۇلاپ يېگەنلىكىنى كۆرگەنىدى.

ئۇلارنىڭ كۆرگەن چۈشىنى ئاڭلىغان يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۈزۈم سىقىپ چۈش كۆرگەن زىنداندېشىغا: «سەن تەكرار سارايغا قايتىپ، پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەنسەن» دېدى. يەنە بىرىگە بولسا: «ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىكەن ۋە قۇشلار بېشىڭغا قونىدىكەن» دېدى.

 ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام تەبىر بەرگەن چۈشلەر رىئاللىققا ئايلاندى. ئۇ ئىككى مەھبۇستىن بىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولسا، يەنە بىرى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتقىنىدەك سارايغا قايتىپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

ئۇ كۈنلەردە مىسىرنىڭ پادىشاھى بىر كېچىسى چۈش كۆردى. چۈشىدە بىر دەريانىڭ بويىدا ئولتۇرۇۋاتاتتى. دەريادىن كۈتۈلمىگەندە يەتتە تۇياق سېمىز كالا سەكرەپ چىقتى، ئارقىدىنلا يەتتە تۇياق ئورۇق كالا سەكرەپ چىقتى. بۇرۇن چىققان يەتتە سېمىز كالا كېيىن چىققان يەتتە ئورۇق كالىنى بىردەمدىلا يەپ كەتتى.

 پادىشاھ چۈشىدىن قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتى. بۇنىڭ چۈش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئەركىن ئۇھ تارتتى، ئارقىدىنلا قايتا ئۇيقۇغا غەرق بولدى. بۇ قېتىم يەنە چۈش كۆردى، چۈشىدە يەتتە باش يېشىل ۋە تولغان بۇغداي باشىقى بىلەن يەتتە باش قۇرۇپ كەتكەن بۇغداق باشىقى كۆردى. قۇرۇق باشاقلار يېشىل باشاقلارنى يەۋاتاتتى.

كەينى - كەينىدىن كۆرگەن بۇ چۈشىنىڭ چوقۇم تەبىرى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە پادىشاھ ئادەملىرىنى سارايغا يىغىپ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن كېچە كۆرگەن چۈشۈمگە تەبىر بېرىڭلار ياكى بولمىسا تەبىر بېرىدىغان بىرىنى تېپىپ يېنىمغا چاقىرىپ كېلىڭلار.»

پادىشاھنىڭ چۈشىگە سارايدىكىلەرنىڭ بىرسىمۇ توغرا تەبىر بېرەلمىدى، ھەممىسى چارىسىزلارچە جىم بولۇپ قېلىشتى. سارايدا ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر كامېردا ياتقان چاكارمۇ بار ئىدى. سارايدىكىلەرنىڭ پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز خىيالىغا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام كەلدى. چاكار ھاياجانلىنىپ كەتتى ۋە دەرھال پادىشاھقا  مۇنداق دېدى: «مەن زىنداندا ياتقان چېغىمدا چۈشلەرگە ناھايىتى توغرا تەبىر بېرەلەيدىغان بىلىمى مول بىر دوستۇم بار ئىدى، ئالىيلىرى رۇخسەت قىلسىلا چۈشلىرىگە ئۇ تەبىر بېرىپ باققان بولسا، قانداق دەيلىكىن.»

پادىشاھ ئۇنى دەرھال يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلگەن چاكار، پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىنى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا بايان قىلىپ، ئۇنىڭ تەبىر بېرىشىنى ئۆتۈندى.

يۈسۈف ئەلەيھىسسالام چۈشكە تەبىر بېرىشكە باشلىدى: «يەتتە يىل مول ھوسۇللۇق ۋە بەرىكەتلىك يىل بولىدۇ، ئاندىن يەتتە يىل ئاچارچىلىق ۋە قەھەتچىلىك يۈز بېرىدۇ. بۇ سەۋەبلىك مول ھوسۇللۇق يەتتە يىلدا بۇغداي، ئارپىغا ئوخشاش زىرائەتلەر بىلەن مېۋە - چىۋىگە ئوخشاش مەھسۇلاتلار ھەسسلەپ تېرىلىشى، شۇنداقلا ئامبارلار ئاشلىقلار بىلەن تولدۇرۇلۇشى كېرەك. قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق يىللىرىدا بولسا ئامبارلاردىكى ئاشلىقلاردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ، قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق يىللىرىدىن مۇشۇ خىل چارىلەر بىلەن قۇتۇلغىلى بولۇشى مۇمكىن.»

پادىشاھقا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن چۈش تەبىرى شۇنداق ياقتى. چۈشىنىڭ ھەقىقىي تەبىرىنىڭ بۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى ۋە يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى سارىيىغا چاقىرتتى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۈستۈن قابىلىيىتى، يۈكسەك ئەدەب - ئەخلاقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا پادىشاھنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئەتىۋارلىق ئادىمى بولۇپ قالدى.

پادىشاھ قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق دەۋردە ئىستېمال قىلىنىدىغان ئاشلىق ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى يىغىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا تاپشۇردى. شۇنداق قىلىپ يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قۇدرەتلىك بىر مەملىكەتنىڭ ئاشلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئالىي مەنسەپ ئىگىسى بولۇپ قالدى.

  مول ھوسۇللۇق يىللار ئۆتۈپ قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق دەۋرى باشلانغان ئىدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردىن ئۇزاق دىيار بولغان كەنئاندىكى ئاتىسى ياقۇب ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاكىلىرىمۇ بۇ تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. شۇڭا، ئىنىسى يۈسۈفنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن ئاكىلىرى بۇغداي تېپىش ئۈچۈن مىسىرغا كېلىشكەنىدى.

ئۇلار قىيىنچىلىقلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاشلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشتى، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى كىشى دەل يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئىدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى كۆرمىگەن ۋاپاسىز ۋە ۋىجدانسىز ئاكىلىرىنى بىر كۆرۈپلا تونۇغان، بىراق ئۇلار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى تونۇيالمىغان ئىدى.

ئاكىلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ھال - ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن، بىر تىيىنمۇ ھەق ئالماي ئۇلارغا ھەسسلەپ بۇغداي ئاجرىتىپ بەردى. بىراق ئۇلاردىن بۇنيامىن ئىسىملىك كىچىك ئىنىسىنىڭ مىسىردا قېلىشىنى ئۆتۈندى. ئاكىلىرى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىگە بىر نەرسە دېيەلمەي، ئىنىسىنىڭ يۇسۇفنىڭ قېشىدا قېلىشىغا قوشۇلۇپ، كەنئانغا قايتىپ كېتىشتى.

ياقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىنىڭ ئىنىسى بۇنيامىننى مىسىردا قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلارغا: «يۈسۈفكە زىيانكەشلىك قىلغىنىڭلاردەك، كىچىك ئىنىڭلار بۇنيامىنغىمۇ زىيانكەشلىك قىلغان ئوخشىمامسىلەر؟» دېدى قاتتىق قايغۇرغان ھالدا.

 ياقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىنى قايتىدىن يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.

ئۇلار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ كەلگىنىدە، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاكىلىرىغا ئاشكارىلىدى. ئاكىلىرى بۇنى ئۇقۇپ قاتتىق ھەيران قالدى ۋە قورقۇپ كېتىشتى. بىراق ئاق كۆڭۈل ۋە مىھىر - شەپقەتلىك يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاكىلىرىنى كەچۈرۈۋەتتى ۋە ئۇلارنى ئاتىسى ياقۇب ئەلەيھىسسالام ۋە ئانىلىرىنى مىسىرغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى.

ئۇلار ئاتىسى ياقۇب ئەلەيھىسسالام ۋە بالا - چاقىلىرىنى مىسىرغا ئېلىپ كېلىشتى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇزۇن يىللىق ھىجران ئازابىدىن كېيىن ئاتىسى ياقۇب ئەلەيھىسسالام بىلەن دىدارلاشتى. ئۇ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا: «ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مىسىردا ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئولتۇراقلىشىڭلار» دېدى.

يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاكىلىرى ئىنىسىنىڭ ئالىي مەرتىۋىسى ۋە ھەيۋىتىنى كۆرۈپ ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھېس قىلىشتى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاتىسى ياقۇب ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاتا! ئۆز ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرى مۇشۇ ئىكەن، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم چۈشۈمنى رىئالىققا ئايلاندۇردى» دېدى.

شۇنداق قىلىپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ كىچىك ۋاقتىدا قۇياش، ئاي ۋە ئون بىر يۇلتۇزنىڭ ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئۆزىگە سەجدە قىلىپ كۆرگەن چۈشى رىئاللىققا ئايلانغان بولدى.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شارائىت قانچىلىك قىيىن بولۇپ كېتىشتىن قەتئىينەزەر ئاللاھتىن ئۈمىد ئۈزمەسلىك ئىنتايىن زۆرۈردۇر، شۇنداقلا مەيلى زىنداندا بولسۇن، مەيلى سارايدا بولسۇن، مەيلى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن، ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىق ئىنتايىن مۇھىمدۇر، چۈنكى جانابىي ئاللاھ بەندىلىرىگە ئىنتايىن يېقىندۇر.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر