رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە كوردلار

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ «رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دىيارباكىردىكى نۇتىقى»توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئانالىزى

706517
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە كوردلار

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەنبە كۈنىدىكى دىيارباكىر زىيارىتى پۇرسەتلەر ۋە دۇئېللار بىرلىشىپ كەتكەن سىياسىي تارىخ مۇھىتىدا روياپقا چىقتى. ئەردوغاننىڭ كوردلارنى جۇمھۇرىيەتنىڭ باراۋەر پۇقرالىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنىڭ 16-ئاپرېلدىكى رېفېراندۇمدىنمۇ ھالقىغان مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بارلىقى مۇقەررەردۇر.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ ئەردوغان 2005-يىلدا دىيارباكىرنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىپ ھازىرقى زامان تۈركىيە تارىخىدا بىرمۇ سىياسىي رەھبەر تاشلىمىغان تەڭداشسىز قەدەملەرنى تاشلىدى. كوردلارنى تۈرك مىللىتىنىڭ باراۋەر ۋە مۇھىم پارچىسى سۈپىتىدە كۆرۈپ كوردلار بىلەن پ ك ك نىڭ بىر-بىرلىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ  تاراتقۇلاردا، سىياسىي سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە يولغا قويۇپ كېلىنىۋاتقان كۈرتچە چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك ئىسلاھاتلارنى يولغا قويدى. سايلام بىلەن پارلامېنتنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، پ ك ك نىڭ بولسا ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ، سايلام بىلەن پارلامېنتنى تاللاشنىڭ مەسىلىنى تۈپ نېگىزىدىن ھەل قىلىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. ئەردوغان كوردلارنى تۈركىيەدىكى باشقا ئېتنىك توپلۇقلاردىن قەتئىي ئايرىمىدى، ئوخشاش ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلدى. بۇ ئەردوغاننىڭ سىياسىي مىراسىنىڭ  مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ كەلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دىياباكىردىكى يىغىلىشتا قىلغان سۆزىدە «بىز ئارزۇ-تەلەپلىرى ۋە لايىھەلىرى بولغان ھەر قانداق كىشى بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەييارمىز. پەقەت بىرلا شەرتىمىز بار:< قولىغا قورال ئالمايدۇ، دۆلەت بىلەن مىللەتنى بۆلۈشنىڭ كويىغا كىرمەيدۇ>دېدى. پ ك ك تىنچلىق مۇساپىسىنى 2015-يىلى ئۆز ئالدىغا بۇزۇۋېتىشىدىن ۋە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى يوشۇرۇن سىياسىي كۈچ  سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ رولىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن بۇيان، جۇمھۇررەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كوردلار بىلەن  دىنى جامائەت كاتتېباشلىرى، سىياسىي شەخسلەر، ئاددەتتىكى پۇقرالار، سودا-سانائەتچىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولۇپ ئۆزىنىڭمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  

قىسقىسى، كوردلارنى پ ك ك نىڭ قۇچىقىغا ۋە مۇستەبىت ماركسىزىم ۋە لېنىنىزىم ئىدېئولوگىيەسىگە تاشلاپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، پ ك ك تۈركىيە دۆلىتىگىلا ئەمەس ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى قوبۇل قىلمىغان كوردلارغىمۇ  ھۇجۇم قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەققىي ماھىيىتىنى ئاللىبۇرۇن ئاشكارىلاپ بولدى. خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى پ ك ك نىڭ «خەندەك سىياسىتى»نى قوللاش ئارقىلىق سىياسىي ھاياتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش بىلەن بىرگە، 2014-يىلى يەرلىك سايلاملاردا ئۇتۇپ چىققان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خادىملىرىنى، بايلىقلىرىنى، راسخوتلىرىنى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى خەتەرگە ئىتتىردى. بۇ پارتىيەنىڭ بىر قاتار قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئۆزىگە ئېغىر زىيانلارنى بەردى، كوردلارنىڭ كۆپ قىسمىنى پ ك ك بىلەن خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە دۇچار قىلدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ بارلىق بېسىملىرىغا قارىماي ، تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە باياشات تۇرمۇش ئارزۇ قىلماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دىيارباكىردىكى يىغىلىشتا كوردلارغا تىنچلىق، ئامانلىق ۋە باياشاتلىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى ئىستانبۇلسىز، ئىزمىرسىز، تىرابزونسىز، ئانتالياسىز ۋە ئەرزۇرۇمسىز قانداق خىيال قىلالمىساق، ئوخشاشلا دىيارباكىرسىزمۇ خىيال قىلالمايمىز.» تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركلەرنىڭ، ئەرەبلەرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قانداق دۆلىتى بولغان بولسا ئوخشاشلا كوردلارنىڭمۇ دۆلىتىدۇر. ئەردوغان تېررورىزىمغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادىمۇ، كوردلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ ئاقساپ قالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن تۈركىيە مىقىياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە كوردلارغا پايدىلىق ئىسلاھات لايىھەلىرىدە ئازراقمۇ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.  ھۆكۈمەت دىيارباكىرنىڭ سۇر ناھىيەسىدە پ ك ك تېررورچىلىرى ۋەيران قىلغان يەرلەرنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھازىرغىچە مىليونلارچە دوللار سەرپ قىلدى.

ئەردوغان پ ك ك نىڭ بىر تەرەپتىن تېررولۇق قىلمىشى سادىر قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن تىنچلىق توغرىسىدا گەپ سېتىپ سىياسىي ئويۇن ئوينىشىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ بىر تەرەپتىن كوردلارنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلجىرلاپ يەنە بىر تەرەپتىن پ ك ك نىڭ باياناتچىسىدەك باياناتلارنى بېرىپ كېلىشىگىمۇ قەتئىي قارشىدۇر. رىئاللىق شۇكى، ئەردوغان تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان تىنچلىق مۇساپىسىدە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى پ ك ك نىڭ قىلمىشلىرىغا قارشى چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن نارازىلىق بىلدۈرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.

تۈركىيەدە ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەت پ ك ك نى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ قوراللىق توقۇنۇشنى قانۇنلۇق ۋە ھەقلىق قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ھەر قانداق بىر پارتىيە ياكى گۇرۇھقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا شىمالىي ئېرلاندىيەدە ئىرا، ئىسپانىيەدە ئەتا ياكى كولومبىيەدە رارك قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىر تەرەپتىن قوراللىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن تىنچلىق ياكى سىياسىي تەلەپلىرىنى ھۆكۈمەتكە قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدى. لېكىن تۈركىيەدە پ ك ك نىڭ بىر تەرەپتىن قوراللىق ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.

كوردلارنى پ ك ك نىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش پەقەت ئۇلارنىڭ ھەق—ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش  ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش دېگەنلىك بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنى پ ك ك نىڭ زۇلۇمى ۋە زوراۋنلىقىدىن قوغداش دېگەنلىكمۇ بولىدۇ. دىيارباكىر، ھاككارى، شىرناك ۋە نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى كوردلاردىن تەشكىل تاپقان باشقا شەھەرلەردىكى كوردلارنىڭ كۆپ قىسمى، پ ك ك  ۋە شەھەر باندىتلىرىغا قارشى ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، چۈنكى بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە نورماللىق ۋە ئىستىقبال ئۈچۈن ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆز دۆلىتىدىكى پ ك ك ئەزالىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئۇلاردىن تۈركىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ياۋروپالىق ھۆكۈمەتلەر، ئۆزلىرىنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي ئۆزلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئىستىراتېگىيەلەرنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ھاكىمىيىتىمۇ ئوخشاش خاتالىقنى دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىلىرى بولغان دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسى ۋە خەلقنىڭ مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى قوللاش ئارقىلىق ئۆتكۈزمەكتە. پ ك ك نىڭ سۈرىيە ئۇرۇشىدىن رايونلۇق نىشانلىرى ئۈچۈن ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان.  پ ك ك نى، ئۇنىڭ ياۋروپا ۋە سۈرىيەدىكى گۇماشتىلىرىنى قوللاش سىياسىتى رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيانلارنى ۋە ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە كوردلارنىڭ كۆپ قىسمى چەت ئەللىك كۈچلەرنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن شاھمات پىشكىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېلىشىدىن ئاللىبۇرۇن بىزار بولدى، شۇنداقلا پ ك ك ۋە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ باياناتچىلىرىنىڭ باياناتلىرىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ كوردلارنىڭ پ ك ك غا قارشى مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى نەزەرگە ئالمىغان ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىدىنمۇ جىق تويۇپ كەتتى. ئۇلار ۋاكالەت ئۇرۇشى چىقارماقچى بولغان چەت ئەللىك جاسوسلارنىڭ قولىدا ماركسىزىم-لېنىنىزىم ئىدىئولوگىيەسى بىلەن نىقابلانغان ئويۇنچۇق سۈپىتىدە كۆرۈلىدىغان كورد ئوبرازىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. پ ك ك نىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپىنى كوردلارغا ۋاكالىتەن ياقلىغۇچىلاردىن بولسا نەپرەتلىنىدۇ.

راي سىناشتا كوردلارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنى مۆلچەردىكىدىنمۇ كۆپ نىسبەتتە قوللايدىغانلىقى ئېنىق بولدى. بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ تەۋسىيە قىلىنغان تۈزۈمنىڭ ئاجىز بىرلەشمە ھۆكۈمەتلەر دەۋرىگە خاتىمە بېرىش، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ۋە كۈچلۈك كونترول ۋە مۇۋازىنەتلىك سىسستېما بەرپا قىلىشقا ئوخشاش پايدىلىرىنى تونۇپ يەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر.  

ئەردوغاننىڭ كوردلارنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باراۋەر ئەزالىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش چاقىرىقى 2003-يىلدىن بۇيان ئەردوغاننىڭ سىياسىتىنى بەلگىلىدى، بۇ سىياسەت 16-ئاپرېل رېفېراندۇمى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى جەرياندىمۇ ئەھمىيىتىنى ساقلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر