قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (12)

تۆۋەندە سۈرە مائىدەنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.

701054
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (12)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە نىسانىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى ۋە نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدە بولسا، سۈرە مائىدەانىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە مائىدە ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە

ئاتىلىشى :

سۈرىنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ 12 ـ رۇكۇسىدىكى «هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَن يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَآئِدَةً مِّنَ السَّمَاء»  «رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن 112 ـ ئايەتتىن ئېلىنغان. قۇرئاننىڭ باشقا نۇرغۇن سۈرىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش بۇ ئىسىمنىڭمۇ مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋېتى يوق، بەلكى پەقەت سۈرىلەرنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئالامەتتىنلا ئىبارەتتۇر. 

 نازىل بولغان ۋاقتى :

سۈرىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولىشىچە شۇنداقلا رىۋايەتلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە بۇ سۈرە ھۇدەيبىيە كېلىشىمىدىن كىيىن، ھىجرىيە 6 ـ يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 7 ـ يىلىنىڭ باشلىرىدا نازىل بولغان. ھىجرىيەنىڭ 6 ـ يىلى زۇلقەدە ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 1400 نەپەر مۇسۇلماننى باشلاپ مەككىگە ئۆمرە ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. ئەمما قۇرەيش كۇپپارلىرى ئاداۋەت يۈزسىدىن ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىي ئەنئەنىلىرىگىمۇ خىلاپ ھالدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرە قىلىشىغا يول قويمىدى. نۈرغۇن تارتىشىشلاردىن كىيىن كېلەر يىلى زيارەتكە كېلىشكە يول قويىدىغان بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېلەر يىلى مۇسۇلمانلار ھەرەمنى ئىسلامنىڭ شان ـ شەرىپىگە لايىق زىيارەت قىلىش ئۈچۈن زۆرۈل بولغان ئەدەپ - قائىدىلەرنىڭ ئۈگۈتىلىشىنى تەقەززا قىلماقتا ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتە كۇپپارلارنىڭ بۇ يىل ئۆمرىدىن توسۇپ قويغانلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر ناتوغرا ھەرىكەت قىلىپ سالماسلىقىنى تەكىتلەش ئىنتايىن موھىم ئىدى. چۈنكى باشقا نۇرغۇنلىغان كاپىر قەبىلىلەر ئۆمرە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا قاراشلىق رايۇنلاردىن ئۆتمىسە بولمايتى. شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭمۇ خۇددى كاپىرلار ئۇلارنى ئۆمرە قىلىشتىن توسقاندەك كاپىرلارنىمۇ مەككىگە بېرىشتىن توسۇپ قويۇشى تامامەن مۈمكىن ئىدى. شۇڭا بۇ سۈرىنىڭ باشلانغۇچ نۇتۇقى دەل ئەنە شۇ ۋەقەلەردىن باشلانغان ۋە ئالدىمىزدىكى 14 ـ رۇكۇغا قەدەر داۋام قىلغان. بۇ سۈرىدە بىز ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان بۇنىڭدىن باشقا تىمىلارمۇ يەنە ئەشۇ دەۋرلەردە نازىل بولغان.

سۈرىدىكى بايانلارنىڭ راۋانلىقىغا قارىغاندا، ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا نازىل بولغان پۈتۈن بىر نۇتۇقتەك مەلۇم بولىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ بەزى ئايەتلىرى باشقا چاغدا ئايرىم نازىل بولغان بولىشى ۋە مەزمۇن مۇناسىۋېتى بىلەن كىيىن مۇشۇ سۈرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان يەرلىرىگە كىرگۈزىلگەن بولىشىمۇ مۈمكىن. بىراق بايان جەريانىدا، ھېچ بىر يەردە ئۇنىڭ ئىككى ئۈچ پارچە نۇتۇقتىن تەشكىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىدەك ئازراقمۇ بوشلۇقنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى :

سۈرە ئال ئىمران بىلەن سۈرە نىسانىڭ نازىل بولغان ۋاقتىدىن بۇ سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتىغا قەدەر ناھايىتى كاتتا ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. ئىلگىرى ئۇھۇد ئۇرۇشىنىڭ زەربىسى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن مەدىنىگە يىقىن رايۇنلارنىمۇ خەتەرلىك ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئىسلام دىنى پۈتۈن ئەرەب رايۇنىدا رەسمىي يېڭىلمەس بىر كۈچكە ئايلىنىپ بولغان، جۈملىدىن ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ بىر تەرىپى نەجىدگە تۇتاشقان بولسا، يەنە بىر تەرىپى شامغا، ئۈچىنچى تەرىپى قىزىل دېڭىز ساھىلىغا، تۆتىنچى تەرىپى مەككە شەھىرى ئەتراپىدىكى رايۇنلارغا تۇتاشقان ئىدى. دېمەك، ئۇھۇدنىڭ زەربىسى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ جاسارىتىنى سۇسلاشتۇرىدىغان ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۈچلۇك ئىرادىگە كەلتۈرىدىغان ئاگاھلاندۈرۈش تايىقىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇلار خۇددى يارىدار بولغان شىردەك چاچراپ تۇرۇپ، ئۈچ يىلغا بارمىغان مۈددەت ئىچىدە باشقىچە بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىزچىل پىداكارلىق بىلەن كۆرەش قىلىشى نەتىجىسىدە مەدىنىنىڭ تۆتلى ئەتراپىدىن 200 كىلومىتىرغىچە سوزۇلغان كەڭرى رايۇنلاردىكى ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ ئىسلامغا قارشى تۈرۈش كۈچى پۈتۈنلەي پاچاقلاپ تاشلاندى. مەدىنىدىكى دائىم خەۋپ كەلتۈرۈپ تۇرىدىغان يەھۇدىيلارمۇ قەتئىي تۈردە مەغلۇپ قىلىندى. ھىجاز ۋە باشقا رايۇنلاردا ياشايدىغان يەھۇدىيلارمۇ ئىسلام ھاكىمىيىتىگە باج تاپشۇرىدىغان يەرگە كېلىپ قالدى. قۇرەيش كۇپپارلىرى ئىسلامنى بېسىم ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن خەندەك ئۇرۇشىدا ئاخىرقىي تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ يىڭىلمەس بىر كۈچكە ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە نىسبەتەن پۈتكۈل ئەرەپ ئەھلى قىلچە گۇماندا بولمايدىغان يەرگە كەلدى. چۈنكى ئەمدىكى چاغدا ئىسلام قانداقتۇر ئىددىيە، تەپەككۈرلەر ئۈستىدىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەقىدە، ئىزملا ئەمەس، بەلكى رەسمى بىر قانۇنلۇق ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ، ئۆز تىررېتورىيە دائىرىسى ئىچىدىكى بارلىق پۇخرالارنىڭ ئەمەلىي ھاياتىنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە مۇسۇلمانلار ئۆزى ئىمان كەلتۈرگەن ئېتىقاد بويىچە ئاشكارا، ھېچقانداق دەخلى ـ تەرۈزسىز ھايات كەچۈرەلەيدىغان، ئىسلامدىن باشقا ھەرقانداق ئىككىنچى بىر ئېتىقاد، ئىزم ياكى قانۇنلارنى ئۆز تۇرمۇشىغا ئارلىشىۋېلىشتىن تۈسۈپ قالالايدىغان كۈچكە ئىگە ئىدى.

بۇ قىسقىغىنە مۈددەت ئىچىدە مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ قائىدە ـ پىرىنسىپ، نۇقتى نەزەرلىرىگە ئۈيغۇن بىر ئايرىم مەدىنىيەتنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، تۈرمۈشنىڭ ھەرقايسى ساھالىرىدە باشقىلار بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان يەرگە كەلدى. ئەمدىلىكتە مەدىنىيەت، ئەخلاق، ئىجتىمائى جەمئىيەت قاتارلىق ھەممە جەھەتلەردىن مۇسۇلمانلار غەيرىي مۇسۇلمانلاردىن پۈتۈنلەي پەرىقلىق ئورۇنغا ئۆتتى. ئىسلامنىڭ كونتىروللىقىدىكى بارلىق رايۇنلارغا مەسجىدلەر سېلىنىپ جامائەت نامىزى بەرپا قىلىندى. ھەربىر رايۇن، ھەربىر قەبىلە ۋە مەھەللىلەر ئۈچۈن ئىمام تەيىنلەندى. ئىسلام قانۇنىنىڭ جىنايەتكە ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى خېلى تەپسىلى تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، ئەدلىيە مەھكىمىلىرى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. تىجارەت، ئىلىم ـ بېرىم ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمقى قائىدىلەر پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۈرۈلۇپ، ئىسلاھ قىلىنغان يېڭى قائىدىلەر ئورنىتىلدى. مىراس ئىشلىرىغا ئايرىم قانۇن تۈزۈپ چىقىلدى. نىكاھ ۋە تالاق، دىنىي كېيىم - كېچەكلەر ۋە روخسەت قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئەھكاملار يولغا قويۇلدى. ئاندىن زىنا ۋە تۆھمەت قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ جازاسى بېكىتىلىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ئۆزگىچە بىر تۈسكە كىردى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئولتۇرۇپ ـ قوپۇشى، گەپ ـ سۆزلىرى، كېيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەكلىرى، قائىدە، ئۆرپە - ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىچە ئايرىم تۈس ئالدى. ئىسلامىي ھايات ئۆزىنى ئەنە شۇنداق تولۇق نامايەن قىلغاندىن كىيىن غەيرىي ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەممىسى  دېگۈدەك بۇنداق ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر مەدىنىيەت يارىتىپ بولغان مۇسۇلمانلارنى ئەمدىلىكتە ئاسېمىلاتسىيە قىلىشنىڭ قەتئىي مۈمكىن بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.

ھۇدەيبىيە كېلىشىمىنى تۈزگىچە بولغان مۈددەتكىچە مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىكى ئەڭ چوڭ تۇسالغۇ قۇرەيش كۇپپارلىرى بىلەن ئۈزۈلمەس ئۇرۇش قاينىمىغا كېرىپ كەتكەنلىكى ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئىسلام دەۋىتىنى كەڭرى قانات يايدۇرۇشقا تازا پۈرسەت بولمايۋاتاتتى. ئەمما قارىماققا مەغلۇبىيەتتەك كۆرىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە غەلىبە ھېساپلىنىدىغان ھۇدەيبىيە كېلىشىمى بۇ تۇسالغۇنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئۆز تېررېتورىيەسى ئىچىدە تىنچلىققا سازاۋەر بولۇش بىلەن بىرگە ئەتراپتىكى ھەرقايسى رايۇنلاردا ئىسلام دەۋەتىنى كەڭرى قانات يايدۇرۇش شارائىتىغا مۈيەسسەر بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەتنى كېڭەيتىشنىڭ فرنجى قەدىمىنى رىم، مىسىر ۋە باشقا ئەرەپ پادىشاھلىرىغا مەكتۇب يوللاش بىلەن باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە ھەرقايسى قەۋم ۋە قەبىلە كىشىلىرىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈنمۇ مەخسۇس دەۋەتچىلەرنى تەيىنلەپ ئەۋەتتى.

مەزمۇنى:

سۈرە مائىدە نازىل بولىۋاتقان چاغ دەل ئەنە شۇنداق ۋەزىيەت ئىدى. بۇ سۈرە تۇۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 بىرىنچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد، مەدىنىيەت ۋە سىياسىي ھاياتىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ يوليورۇقلارنى بېرىش بولۇپ، مانا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەج سەپىرىنىڭ ئەدەپ - قائىدىلىرى، ئاللاھنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا قىلىنىدىغان ئىھتىرام شۇنداقلا كەبىنى زىيارەت قىلغۇچىلارغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەسلىك ھەققىدە ئەھكاملار بېرىلدى. يېمەك ـ ئىچمەكنىڭ ھارام، ھالاللىق  دائىرىسى قەتئىي تۈردە بەلگىلىنىپ، جاھىلىيەتنىڭ خۇراپى چەكلىمىلىرى ئەمەلدىن قالدۈرۈلدى. ئەھلى كىتابلار بىلەن يېمەك ـ ئىچمەككە ۋە قىزلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا رۇخسەت قىلىندى. تاھارەت، غۇسۇل، تەيەممۇمنىڭ قائىدىلىرى مۇقەررەرلەشتۈرۈلدى. ئىسيانكارلىق، بۇزغۇنچىلىق ۋە ئوغۇرلۇق قاتارلىق چىنايەتلەرنىڭ جازالىرى مۇئەييەنلەشتۈرىلدى. قىمار ۋە ھاراق قەتئىي تۈردە ھارام قىلىندى. قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كاپارىتى مۇقەررەرلەشتۈرۈلۇپ، گۇۋاھلىق قانۇنىغا بىر قانچىلىغان يېڭى قوشۇمچىلار كىرگۈزىلدى.

ئىككىنچىسى، مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىش ئىدى. چۈنكى ئەمدىلىكتە مۇسۇلمانلار ھۆكۈمران كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدا خۇمارى ھەرقانداق مىللەتنىڭ تاپتىن چىقىشىغا سەۋەپ بولۈپ كەلگەن ماددى قۈۋۋەت مەۋجۇت ئىدى. ئەمدىلىكتە جەبىر ـ زۇلۇم تارتىش دەۋرى ئاياقلىشىپ، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق سىناق دەۋرىگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇراتتى. شۇڭلاشقا ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش جەريانىدا، ئادالەتتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئەھلى كىتابلارنىڭ يولىدىن ساقلىنىش، ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىش، ئۇنىڭ ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىش ھەققىدە بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىش، ھەرگىزمۇ يەھۇدى ۋە ناسارالارغا ئوخشاش ئەھدىسىنى بوزۇپ تاشلاپ، يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولماسلىق، ئۆزىنىڭ پۈتۈن مۇئامىلە ـ مۇناسىۋەتلىرىدە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەگىشىش، مۇناپىقلارچە پوزىتسىيەدە بولۇپ قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش قايتا ـ قايتا تەكىتلەندى.

ئۈچىنچىسى، يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارغا نەسىھەت قىلىش ئىدى. ئەمدىلىكتە يەھۇدىيلارنىڭ تەسىر كۈچى پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ شىمالىي ئەرەپ رايۇنلىرىغا جايلاشقان بارلىق يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ كونتىروللىقى ئاستىغا ئۆتۈپ بولغان ئىدى. بۇ شارائىتتا ئۇلارنىڭ خاتا پوزىتسىيەلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۈرۈش بېرىلىپ، توغرا يولغا كېلىش دەۋەت قىلىندى. ھۇدەيبىيە كېلىشىمى تۈزۈلۈش بىلەن ئەرەپ رايۇنلىرىغا تۇتاش جايلاردىكى باشقا قەۋملەر ئارىسىدىمۇ ئىسلام دەۋەتى كەڭ قانات يايدۇرىلىۋاتقان شارائىت بولغاچقا، خىرىستىيانلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى خاتالىقلىرى ئېيتىپ بېرىلدى. ئۇلارمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىندى. ئەمما خوشنا ئەللەردىكى بۇتپەررەس ۋە ئاتەشپەرەس قەۋملەرگە بېۋاستە ئايرىم خىتاب قىلىنمىدى. چۈنكى ئۇلار بىلەن ئېتىقادداش ئەرەپ مۈشرىكلىرىگە قىلىنغان (مەككىدە نازىل بولغان) خىتابلار ئۇلار ئۈچۈنمۇ يېتەرلىك ئىدى. (داۋامى بار....)

**** ** *** **** **** ***** ****** *****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ئەنئامنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى ۋە  نازىل بولۇش سەۋەپلىرى نازىل بولغان ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر