چاناققەلئە شاھادەت داستانلاشقان جايدۇر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (12)

693620
چاناققەلئە شاھادەت داستانلاشقان جايدۇر

چاناققەلئە شاھادەت داستانلاشقان جايدۇر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (12)

قال الله تعالى في كتابه الكريم:

تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُم مَّا كَسَبْتُمْ وَلاَ تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴿134﴾

قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:

مَنْ قَاتَلَ لِتَكُونَ كَلِمَةُ اللهِ هِيَ الْعُلْيَا فَهُوَ فِي سَبِيلِ اللهِ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر كېلىپ كېتىپ بولدى. ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ قىلغانلىرىڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەردىن ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقى سۈرىشتە قىلىنمايدۇ.» (سۈرە بەقەرە 134 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«كىمكى ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان بولىدۇ».

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بىزلەرنى ئۆتمۈشتىن ئىبرەت ئېلىش ئارقىلىق كەلگۈسىمىزنى بىنا قىلىشقا چاقىرىدۇ. چۈنكى ئۆتمۈشتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار پەقەت بىر ئەس – خاتىرىدىن ئىبارەت ئەمەس. تارىخىمىز بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز بولغانغا ئوخشاش ھەم بۈگۈنىمىز، ھەم كەلگۈسى ئستىقبالىمىزدۇر. تارىخ كەلگۈسىمىزنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بايلىقىمىزدۇر. ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۇلۇشى ۋە قەتئىي ئۇنتۇلماسلىقى كېرەكلىك نۇرغۇن چوڭ ۋەقەلەر ۋە كاتتا غەلىبىلەر تارىخقا پۈتۈلگەن بولىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ تارىخىدىكى كاتتا غەلىبىلەردىن بىرسى دەل چاناققەلە زەپىرىدۇر.

قەدىرلىك قېرىنداشلار! چاناققەلئە ماددى كۈچ – قۇدرەتلەر ئىمان ئالدىدا تىز چۆككەن جايدۇر. چاناققەلئە، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ «وَلاَ تَهِنُوا وَلاَ تَحْزَنُوا وَأَنتُمُ الأَعْلَوْنَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ» «كۆڭلىڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، بوشاشماڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر.» (سۈرە ئال ئىمران 139 – ئايەت) دېگەن خۇشخەۋرى يەنە بىر قېتىم تەجەللىي قىلغان جايدۇر.

چاناققەلئە، كۇپىرغا قارشى ئىماننىڭ، باتىلغا قارشى ھەقنىڭ، ناھەقچىلىككە قارشى ھەققانىيەتنىڭ زەپەرگە ئېرىشكەن يېرىدۇر.  چاناققەلئە، شىمالدىن جەنۇپقىچە، شەرقتىن غەربكىچە قانچە مىڭلىغىن ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ مۇقەددەس دىنى ئۈچۈن مۇرىنى مۇرىگە تېرەپ شاھادەتكە يۈگۈرگەن يېرىدۇر. چاناققەلئە، ئىستىقلال شائىرىمىز مەرھۇم مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ «نە قەدەر بۈيۈكسەنكى، قېنىڭ قۇتقۇزىدۇ تەۋھىدنى. ساڭىلا ئوخشايتى بەدىرنىڭ ئارسلانلىرىمۇ » دېگەن مىسرالىرىدا ئېيتقىنىغا ئوخشاش شاھەدەت داستانلاشقان، بىر مىللەتنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىشقى – مۇھەببىتى ئۆزىنى نامايان قىلغان جايدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! چاناققەلئە زامانىۋى دۇنياغا ئۇرۇش ئەخلاقىي ۋە قانۇن - پىرىنسىپلىرىنى ئۆگەتكەن بىر مەكتەپتۇر. چاناققەلئەدە مىللىتىمىز ئۆز ماۋجۇتلۇقىغا كۆز تىككەن ھاياسىز تاجاۋۇزچىلارغا قەتئىي ئۇنتۇلمايدىغان ئادىمىيلىك دەرسى بەرگەن ئىدى. «ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!» سادالىرىنى ياڭرىتىپ ئۇرۇش مەيدانلىرىغا يۈگۈرگەن ئەسكەرلىرىمىز، يارىدار بولغان دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى مۇرىسىدە كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز تۇلۇملىرىدىن سۇ ئۈچۈرىدىغان دەرىجىدە ئۇلۇغۋار روھىنى نامايەن قىلغان ئىدى. 

ئەزىز قېرىنداشلار! چاناققەلئە ئورتاق غايىلەر ئۇچراشقان، مىللەت ۋە ئۈممەت ئېڭىغا ئىگە بولۇشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىسى يارىتىلغان جايدۇر. چاناققەلئەدە ھېچ بىر بايلىقنى مەنىۋىي بايلىقىدىن ئۈستۈن كۆرمەسلىكنىڭ نادىر ئۈلگىسى يارىتىلغان ئىدى. چۈنكى تىللىرى، تەن رەڭلىرى ۋە تۇرۇشلۇق رايونلىرى پەرقلىق قانچىلىغان ۋەتەن ئەۋلادلىرى دىن، مىللەت، ۋەتەن، ھەق، ھەققانىيەت، ئادالەت ۋە پەزىلەت ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلغان ئىدى.  ئانادولۇنىڭ ھەر بىر ئۆيىدىن، رۇمەلىنىڭ ھەر بىر رايونىدىن، دەمەشىقتىن، باغداتتىن، قاھىرەدىن، تىرابلۇستىن، ئۈسكۈپتىن، كوسوۋادىن، سارىيېۋودىن كاۋكازلاردىن ۋە تۈركىستاندىن سان - ساناقسىز ئەزىمەتلەر ئاخىرىقى ئەھلى سەلىبنىڭ ھەيۋىتنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن چاناققەلئەگە يۈگۈرگەن ئىدى. نەتىجىدە مىللەتنىڭ غۇرۇرىنىڭ ئاياق ئاستى بولۇشىغا يول قويماي، ئۈممەتنىڭ ئۈمىدىنى ۋەيران بولۇشىن ساقلاپ قالغان ئىدى. زۇلمەتلەرنىڭ بۈگۈنىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى ئەسىر ئېلىشىغا يول قويمىغان ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! بىزگە نىسبەتەن بىر بۇرۇلۇش نۇقتسى بولغان چاناققەلئە زەپەرىنى مانا بۈگۈن پۈتۈن مىللەت بىرلىكتە خاتىرىلىمەكتىمىز. تارىختا مىسالى تېپىلمايدىغان بۇنداق چوڭ ھادىسىنى، مۇنبەرلەردىن ۋە مىھرابلاردىن ئاڭلىتىشنى ئەلۋەتتە داۋاملاشتۇرىمىز. بىراق بىزلەر چاناققەلئە ۋە باشقا زەپەرلىرىمىزنى خاتىرىلەپ قويۇش بىلەنلا توختاپ قالساق، بەلىگىلىك مۇراسىملاردا تەبرىكلەش پائالىيىتىگە چۈشۈرۈپ قويساق قەتئىي بولمايدۇ. ئەجدادىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى بىلەن ماختىنىپ ئولتۇرساق تېخىمۇ بولمايدۇ. مۇھىم بولغىنى بۇ غەلىبە ئۇتۇقلاردىن چوڭ دەرس ۋە ئىبرەتلەرنى ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۈگۈنىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى بۇ زەپەرلىرىمىزنىڭ يورۇقى ئاستىدا بەرپا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

 ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋەزىپىمىز، ئەشۇ ئۇلۇغ چاناققەلئە رۇھىنى ياخشى چۈشۈنۈش، ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە قەدەر قانچىلىغان خائىنلارچە ئۇرۇنۇشلارغا قارىماستىن، قەتئىي يوقالماي كەلگەن بۇ ئۇلۇغ روھنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. تۇپراق ئاستىغا كۆمۈلگەن، لېكىن ھازىرمۇ ھايات ھېسابلىنىدىغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ خاتىرىلىرىگە ئىگە چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار قەتئىي چېكىنمەستىن ھاياتىنى قوربان قىلغان مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزنى مەھكەم باغرىمىزغا بېسىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ جەننەت پۇرايدىغان بەدەنلىرىنى كۆرەلمىسەكمۇ، گەرچە بىزگە قىلىۋاتقان نىدالىرىنى ئاڭلىيالمىساقمۇ، شېھىتلىرىمىزنىڭ بىزدىن دەل شۇنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار! خۇتبىمىزنى ھەممىمىز چىن يۈرەكتىن ئامىن دېيىشىمىز كېرەكلىك مۇنۇ دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

ئى ئاللاھىم! ھاياتىنى سېنىڭ يولۇڭدا پىدا قىلغان، بارلىقىنى بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز، ئىززەت ھۆرمىتىمىز ۋە غۇرۇرىمىز ئۈچۈن ئاتىغان بارلىق شېھىتلىرىمىزنىڭ ماقامىنى ئۈستۈن قىلغىن! بىزلەرنى ئاخىرەتتە ئۇلار بىلەن بىرگە قىلغىن!

ئى ئاللاھىم!  بىزلەرنى شېھىتلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ رۇھىغا ئىگە بولغانلاردىن قىلغىن، بىزلەرنى ئۇلۇغ شېھىتلىرىمىزنىڭ خاتىرىلىرىگە ئىگە چىقىدىغانلاردىن قىلغىن! بىزلەرنى ئەشۇ شېھىتلىرىمىز ھاياتىنى پىدا قىلغان قىممەت قاراشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلاردىن قىلغىن! بىزلەرنى بۇ قىممەت قاراشلارغا ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزغا خىيانەت قىلدىغانلاردىن بولۇش قىلىشتىن ساقلىغىن! ئامىن!

  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر