قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (08)

تۆۋەندە سۈرە فاتىھەنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.

681880
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (08)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئىددىيەسىدە پەيدا بولىدىغان مەزھەپ ئىختىلاپلىرى ھەققىدىكى چېگىش سوئاللار ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدىن باشلاپ قۇرئان كەرىمدىكى ھەر بىر سۈرىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ئۈستىدە ئايرىم - ئايرىم توختىلىمىز

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە فاتىھە ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە

ئاتىلىشى:

ئۇنىڭ «فاتىھ» دېگەن ئىسمى مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەرەپ تىلىدا، ھەرقانداق بىر كىتاب ياكى تىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى "فاتىھە" دەپ ئاتىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىسىمنى "كىرىش سۆز" ياكى "مۇقەددىمە" دېگەن سۆزلەر بىلەن مەنىداش، دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. 

نازىل بولغان ۋاقتى:

بۇ سۈرە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە پەيغەمبەرلىك كەلگەن دەسلەپكى دەۋرلەرگە ئائىت بولۇپ، مۆتىبەر رىۋايەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ دەسلەپ نازىل بولغان تولۇق سۈرە ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەلەق، مۇزەممىل ۋە مۇدەسسىر قاتارلىق سۈرىلەرنىڭ بىر بۆلۈك ئايەتلىرى نازىل بولغان ئىدى.

مەزمۇنى:

ماھىيەتتە، بۇ سۈرە قۇرئاننى ئوقۇشنى باشلاۋاتقان ھەر بىر ئىنسانغا ئاللاھ تائالا ئۈگەتكەن دۇئا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ باشقا قويۇلغانلىقى بولسا، «ئەگەر سەن بۇ كىتابتىن ھەقىقىي تۈردە مەنپەئەتلەنمەكچى بولساڭ، ئالدى بىلەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا مۇشۇ دۇئانى قىلغىن» دېگەننى چۈشەندۈرىدۇ.

**** ** *** ***** ******* *****

دەرۋەقە، ئىنسان كۆڭلىدە تەلەپ قىلىدىغان ياكى ياختۇرىدىغان نەرسە ئۈچۈنلا دۇئا قىلىدىغان تەبېئىي خاراكتېرگە ئىگە. يەنە كېلىپ ئىنسان تەلەپ قىلماقچى بولغان نەرسىنىڭ، ئۆزى دۇئا قىلىۋاتقان زاتنىڭ ئىختىيارلىقىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان چاغدىلا ئاندىن ئۇ زاتقا دۇئا قىلىدۇ.

دېمەك، قۇرئان كەرىم دەسلەپتىلا بۇ دۇئانى تەلىم بېرىش ئارقىلىق گويا، ھەققانىيەتنىڭ تەلەپگارى سۈپىتىدە بۇ كىتابنى ھەق يولىنى تېپىش ئۈچۈنلا ئوقۇش كېرەكلىكىنى ھەمدە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىلا ئىلىم مەنبەسى دەپ تونۇپ، ئۇنىڭدىنلا يوليورۇق سوراپ، دۇئا قىلىش لازىملىقىنى تەلقىن قىلىدۇ.

مانا بۇ مەزمۇنىنى چۈشىنىۋالغاندىن كىيىن، قۇرئان كەرىم بىلەن سۈرە فاتىھەنىڭ ھەقىقىي مۇناسىۋېتى كىتاب بىلەن مۇقەددىمىنىڭ مۇناسىۋېتىگە ئەمەس، بەلكى دۇئا بىلەن دۇئاغا بېرىلگەن جاۋاپنىڭ مۇناسىۋېتىگە ئوخشايدىغانلىقى ئۆزلىگىدىن ئايدىڭلاشقان بولىدۇ.

سۈرە فاتىھە بەندە تەرىپىدىن قىلىنغان دۇئا بولسا، قۇرئان كەرىم ئاللاھ تەرىپىدىن دۇئاغا قايتۇرۇلغان جاۋاب بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بەندە «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا رەھنىمالىق قىلغىن (يەنى يول ۆكرسەتكىن)» دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇنىڭغا جاۋابەن ئاللاھ تائالا پۈتۈن قۇرئاننى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «مانا بۇ سەن مەندىن تىلىگەن ھىدايەت ۋە يوليورۇق» دەيدۇ. (داۋامى بار...)

**** ** *** **** **** ***** ****** *****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە بەقەرەنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر