قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟(04)

تۆۋەندە قۇرئان كەرىمنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ چۈشۈنۈپ ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىنىىڭ تەۋسىيەلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

660554
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟(04)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ مەككە دەۋرىدە نازىل بولغان سۈرىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى  چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدە بولسا، مەدىنە دەۋرىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئومۇمىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

مەككىدە ئىسلام ھەرىكىتى 13 يىللىق جاپالىق كۆرەشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن پۈتۈن ئەرەب رايۇنلىرىدىكى ئەگەشكۈچىلەرنى جەم قىلىپ، مەدىنىدە قۇدرەتلىك بىر مەركەز قۇرۇپ چىقىش شارائىتىگە مۇيەسسەر بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدا نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى بىلەن ئىسلام ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ دەۋردە ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلار قانۇنلۇق بىر مۇستەقىل دۆلەت قورۇپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئىدى ھەمدە يەنە، قەدىمقى جاھىلىيەتنىڭ بايراقدارلىرى بىلەن قۇراللىق جەڭ قىلىش بىلەن بىرگە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرى بولغان يەھۇدى، نەسارا، قاتارلىقلار بىلەنمۇ، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سوقونۇپ كېرىۋالغان مۇناپىقلار بىلەنمۇ كەسكىن كۆرەش قىلىشقا توغرا كەلدى. شۇنداق قىلىپ، 10 يىللىق شىددەتلىك كۆرەشلەرنى باشتىن كەچۇرگەن بۇ ھەرىكەت ئاخىرى پۈتۈن ئەرەپ زېمىنىنى بوي سۇندۇرغاندىن  كىيىن ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇل دەۋىتىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە ئىسلاھات ھەركىتىنى پۈتۈن دۇنياغا كەڭ يېيىش ئۈچۈن يېڭى دەرۋازا ئېچىشتىن ئىبارەت غالىبىيەت مەنزىلىگە يېتىپ كەلدى.

بۇ دەۋرمۇ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر باسقۇچتا ئىسلام ھەركىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىھتىياج، تەقەززالىرى مەيدانغا كەلدى. ئاللاھ تائالا بۇ خىل تەقەززالارغا كۆرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شۇنداق يارقىن نۇتۇقلارنى نازىل قىلىپ تۇردىكى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يالقۇنلۇق خىتابلار شەكلىدە، بەزىلىرى پادىشاھلارچە ئەمىر ـ پەرمان شەكلىدە ئىدى. بەزىلىرى ئۇستازلارچە تەلىم ـ تەربىيە شەكلىدە بولسا، بەزىلىرى ئىسلاھاتچىنىڭ ئەستايىدىل چۈشۈندۈرۈپ، ئۆزلەشتۈرۈشى شەكلىدە ئىدى. ئۇنىڭدا، دۆلەت ۋە ساغلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زادى قانداق ئېلىپ بېرىش، تۈرمۇشنىڭ ھەرقايسى سەھالىرىگە قانداق قانۇن ـ تۈزۈم ئورنۇتۇش، كاپىرلارغا، مۇناپىقلارغا ۋە زېممىلەرگە (كاپالەتلەنگۈچىلەرگە) زادى قانداق پۈزىتسىيە تۇتۇش، ئەھلى كىتاب (يەھۇدى، ناسارا)لار بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇش، ئۇرۇش قىلماقچى بولىۋاتقان ياكى كېلىشىم تۈزگەن قەۋملەرگە قارىتا زادى قانداق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش لازىملىقى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلدى. ئاندىن بۇ مۇنتىزىم مۆئمىنلەر جامائىتىگە ئاللاھنىڭ زېمىندىكى خەلىپىسى بولۇشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئورۇنداش ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق ھازىرلاپ چىقىش لازىملىقى ھەققىدە تەلىم بېرىلدى. ئۇنىڭدا، مۇسۇلمانلارنى ئالاھىدە تەربىيەلەپ، يېتەرسىزلىكلىرىگە قاتتىق ئەسكەرتىش بېرىلدى. ئاللاھ يولىدا جان ۋە مىلى بىلەن جىھاد قىلىشقا رىغبەتلەندۇرۈلدى. غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەت، خۇشاللىق ياكى مۇسىبەت، باياشاتلىق ياكى نامراتلىق، ئۇرۇش ياكى تىنچلىق، ھەممىلا ئەھۋالدا ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەخلاقىي پىرىنسىپلار تەلىم بېرىلدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنمۇ، دەۋەت ۋە ئىسلاھات ھەركىتىنى ئىزباسار سۈپىتىدە قانات يايدۇرالايدىغان قىلىپ تەييارلاپ چىقىلدى.

ئىككىنچى تەرەپتە بولسا، كاپىر مۇناپىق، مۇشرىك، ئەھلى كىتاب قاتارلىق ئىسلام سىرتىدىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان خاراكتېر، ئەھۋالىغا بېقىپ، ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش، يۇمشاق دەۋەت قىلىش، قاتتىق تەنقىدىي نەسىھەتلەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتۇش، ئىبرەتلىك ۋەقەلەرنى ئەسلىتىپ، ساۋاق ئالدۇرۇش ئۇسۇللىرى قوللىنىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئاخىرەتلىك پاكىتلار تاماملاندى (يەنى، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە باھانە كۆرسىتىشىگە زادىلا ئورۇن قالدۇرۇلمىدى).

مانا بۇلار مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئومومىي ئارقا كۆرىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

**** **** *** **** ***** *****

يۇقىرقىلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، قۇرئان كەرىم مۇئەييەن بىر دەۋەتنى بويلاپ نازىل قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ دەۋەتنىڭ باشلىنىشىدىن تاماملىنىشىغا قەدەر 23 يىللىق مۇددەت جەريانىدىكى بىسىپ ئۆتكەن ھەر قايسى باسقۇچلىرىنىڭ خىلمۇخىل ئىھتىياج، تەقەززالىرىغا بېقىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرى نازىل قىلىنىپ تۇرغان. ئىنىقكى، بۇنداق كىتابتا زامانىمىزدىكى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن يېزىلىدىغان دىسسىرتاتسىيەلەردىكىدەك يېزىقچىلىق تەرتىپى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ، دەۋەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ نازىل قىلىنىپ تۇرغان قۇرئان كەرىمنىڭ چوڭ - كىچىك ھەرقايسى بۆلەكلىرىمۇ قانداقتۇر ماقالە ياكى رىسالە شەكلىدە نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئەمەس، بەلكى بايان شەكلىدە نازىل قىلىنىپ، نۇتۇق شەكلىدە ئەتراپقا يېيىلغان. شۇڭلاشقا ئۇنىڭدا يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئەمەس، نۇتۇق ئۇسلۇبى قوللىنىلغان. ھەمدە ئۇنىڭ نۇتۇق ئۇسلۇبىمۇ قانداقتۇر بىرەر پىروفېسسورنىڭ دوكلات تېزىسلىرىغا ئوخشىمايتتى. بەلكى بىر داھىنىڭ بارلىق قەلب، ئىددىيە، ئەقىل، ھېسسىياتلارغا قارىتىپ ئورتاق قىلىۋاتقان خاتابىنامىسىغا ئوخشايتتى. چۈنكى داھى ئۆز چاقىرىقى ۋە تەبىلىغلىرىنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى جەريانىدا ساناقسىز ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ۋە ھەر خىلدىكى ئىددىلوگىيەلەرنىڭ قارشىلىقىغا دۈچ كېلىدۇ. بار ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز چاقىرىقىنى قەلبلەرگە سېڭدۈرىشكە، كىشىلەرنىڭ دۇنيا قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە، دۈشمەنلەرنىڭ قارشىلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا، ھېسسىياتنى يۈقىرى پەللىگە كۆتىرىپ، سەپداشلىرىنى تەربىيلەپ، ئىسلاھ قىلىشقا، ئۇلاردا يېڭىلمەس، جۈرئەت شىجائەت پەيدا قىلىشقا، دوشمەننى دوستقا، قارشىلاشقۇچىنى قوللىغۇچىغا ئايلاندۇرۇشقا، دۈشمەنلەرنى پاكىت بىلەن مات قىلىپ، ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرىشمىسا بولمايدۇ. قىسقىسى، ھەرقانداق بىر دەۋەتنىڭ بايراقدارى ۋە ھەرقانداق بىر ئىنقىلابنىڭ رەھنىماسى قىلىشى كېرەكلىك بارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە بۇ خىزمەت جەريانىدا، نازىل قىلغان يوليورۇقلىرىمۇ پۈتۈنلەي دەۋەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس نۇتۇق ئۇسلۇبىدا ئىدى. دېمەك، بۇ نۇتۇقلاردىن ئالى مەكتەپلەردە سۆزلىنىدىغان دوكلاتلارغا ئوخشاش ئۇسۇلۇبنى ئىزدەپ يۈرۈش ھەرگىزمۇ توغرا بولمايدۇ.

مانا بۇلاردىن قۇرئان كەرىمدە نېمە ئۈچۈن مەزمۇن تەكرارلىقىنىڭ شۇنچە كۆپلىكىنى ياخشى چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدۇ. ھەر قانداق بىر چاقىرىق ۋە ھەر قانداق بىر ئەمەلىي ھەرىكەت تەبېئىي ھالدا، ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان باشقۇچ ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئىھتىياجلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىشنىلا تەقەززا قىلىدۇ ھەمدە گەرچە باشقۇچ جەريانى بىر قانچە ئاي ياكى بىرقانچە يىلغا سوزۇلۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، شۇ باسقۇچقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن باشقا ئىككىنچى بىر باسقۇچقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختۇلۇپ يۈرمەسلىكنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەمما چاقىرىق ئوخشاش شەكىلدە ۋە ئوخشاش ئۇسۇلدا تەكرارلىنىۋەرسە، چوقۇمكى، تىڭشىغۇچىلارنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا دەۋەتنىڭ ھەر بىر باسقۇچلىرىدا تەكرارلىنىپ تۇرىشى موھىم بولغان تىمىلارنى دائىم يېڭى ئۇسلۇب، يېڭى شەكىل، يېڭىچە سۆز قورامى بىلەن ئاڭلىتىش  لازىم. بۇنداق قىلىش دەۋەتنىڭ قەلبلەردىن چۇڭقۇر ئورۇن ئېلىپ مېڭىشى ۋە ھەر بىر باسقۇچنىڭ پۇختا بېسىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئۈنۈملۇك ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، دەۋەتنىڭ تۈپ  ئاساسى بولغان ئەقىدە ئۇسۇللىرىنى دەسلەپكى قەدەمدىن تارتىپ، تاكى ئاخىرىقى مەنزىلگە قەدەر بىردەممۇ نەزەردىن قاچۇرۇپ قويماسلىق ۋە ھەر بىر باسقۇچتا قايتا ـ قايتا تەكىتلەپ تۇرۇش لازىم.

دەل مۇشۇ شەۋەپتىن ئىسلام دەۋەتىنىڭ مۇئەييەن بىر باسقۇچىدا نازىل قىلىنغان بارلىق سۈرىلەردىمۇ ئومومەن ئوخشاش تېمىلار ھەرخىل بايان ئۇسلۇبلىرى بىلەن قايتا ـ قايتا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ھەمدە ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە ئىسىم، سۇپەتلىرى، ئاخىرەتتىكى جاۋاپكارلىق، جازا ۋە مۇكاپات، پەيغەمبەرلىككە ھەم نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈش، تەقۋالىق، سەبىرچانلىق، تەۋەككۈلچىلىق دېگەنگە ئوخشاش نۇقتىلىق تىمىلار پۈتۈن قۇرئان كەرىمدە ئومومەن كۆپ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. چۇنكى بۇ ئاساسلىق نۇقتىلارغا ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ھېچ بىر باسقۇچىدا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ناۋادا بۇ نۇقتىلىق تەسەۋۋۇرلار ئازراقلا ئاجىزلىشىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرىلسە، ئىسلام ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ ئۆز روھىغا ئۇيغۇن  داۋاملىشالمايدۇ.

مانا بۇ ھەقتە ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى نېمە ئۈچۈن نازىل بولۇش تەرتىپى بىلەن رەتلەپ چىقمىغان؟» دېگەن سۇئالغىمۇ ئاسانلا جاۋاپ تاپالايمىز.

يۇقىرىدا، ئىسلام ھەركىتىنىڭ باشلىنىش ۋە تەرەققى قىلىشى 23 يىلغىچە قانداق تەرتىپ بىلەن داۋاملاشقان بولسا،  قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇش جەريانىمۇ دەل شۇ خىل تەرتىپنى بويلاپ داۋاملاشقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. شۇنىسى ئىنىقكى، ئۇنىڭ ھەرقايسى تەرەققىيات باسقۇچلىرىغا ماس ھالدا ئايرىم ـ ئايرىم نازىل بولغان ئىلگىرىكى تەرتىپى دەۋەت تاكامۇللاشقاندىن كىيىنكى باشقۇچلارغا مۇناسىپ كەلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن دەۋەت تاكامۇللاشقان يېڭى ۋەزىيەتلەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە رەتلىنىپ چىقىشى تەلەپ قىلىناتتى. چۇنكى دەۋەتنىڭ ئىلگىرىكى خىتاب ئوبيېكتى ئىسلامدىن خەۋەرسىز كۇپپارلار بولۈپ، ئۇلارغا باشلىنىش خاراكتىرلىك تەلىم ـ تەربىيە بېرىلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە دەۋەتنىڭ دەسلەپكى خىتاب ئۇبيېكتى ئىمان ئېيتىپ بىر پۈتۈن "مۇسۇلمان ئۈممەت"كە ئايلىنىپ بولغان شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام نەزرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن مۈكەممەللەشتۈرۈپ بەرگەن ئىسلاھات ھەركىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋەزىپىسنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مۆمىنلەر ئىدى. شۇڭلاشقا تەبېئىي ھالدا ھەممىدىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى بىلىشى ۋە ئۆزلىنىڭ ھاياتلىق دەستۈرىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولىشى، ھەمدە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرى ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن ھەر خىلدىكى پىتنىلەرنى ياخشى تۇنۇپ يىتىپ، ئىسلامدىن خەۋەرسىز دۇنياغا ئاللاھنىڭ يوليورۇقلىرىنى بېجانىدىل يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مۇناسىپ شەكىلدە رەتلىنىپ چىقىشى زورۇل ئىدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە، قۇرئان كەرىمنىڭ قانداق ئۈسلۇبتىكى كىتاب ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىپ يەتكەن ھەرقانداق ئادەم، ئوخشاش مەزمۇندىكى بارلىق تېمىلارنى بىر يەرگىلا جەم قىلىپ قويۇشنىڭ بۇنداق ئۆزگىچە بىر كىتابنىڭ خاراكتىرىگە ھەرگىز ئۈيغۇن كەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئاسانلا بايقاپ يېتەلەيدۇ. بۇ كىابنىڭ خاراكتېرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا، مەدىنە دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى مەككە دەۋرىگە ئائىت تەلىماتلارنىڭ ئارىسىدا، ئىپتىدائىي باسقۇچتىكى دەۋەتلەرنى ئاخىرقى تەلقىنلەرنىڭ ئارىسىدا، ھەمدە ئاخىرقى باسقۇچتىكى يوليورۇقلارنى دەسلەپكى تەلىماتلارنىڭ  ئارىسىدا قايتا ـ قايتا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۇلارنى بىر تەرەپلىمە  قاراشلارغا مۇبتىلا بولۇپ قىلىشتىن ساقلاپ قالغىلى ۋە ئىسلامنىڭ بىر پۈتۈن كۆرىنىشىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ.

ناۋادا قۇرئان كېرىم ئۆزىنىڭ نازىل بولۇش تەرتىپى بويىچە رەتلەنگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا كىيىنكى كىشىلەر ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ بولىشى ئۈچۈن چوقۇم قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن نازىل بولۇش تارىخىنى ۋە ھەربىر قىسمىنىڭ نازىل بولۇش سەۋەپلىرىنى بىرگە يىزىشقا توغرا كەلگەن بولاتتى. ئاندىن ئۇ قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن بىر ئىزاھاتىغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. ئەمما بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمنى ئۆز ئىرادىسى بويىچە ھازىرقىدەك رەتلەتكۈزۈپ، مۇھاپىزەت قىلدۇرۇشتا كۆزدە تۇتقان مەقسىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. چۇنكى ھازىرقى تەرتىپىدە، ئىلاھىي كالامنىڭ ھېچ نەرسە ئارىلىشىپ قالمىغان خالىس شەكلىنىڭ، ئىخچام رەتلىنىپ چىقىشى، ئۇنى قېرى، ياش، ئەر، ئايال، كىچىك بالا، شەھەرلىك، يىزىلىق، ئالىم، كاسىپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەر قانداق زامان ۋە ھەرقانداق ماكاندا راۋان ئوقۇپ كېتەلىشى، ھەرخىل سەۋىيەدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ھېچ بولمىغاندا «ئاللاھ نېمىنى ياختۇرۇپ، نېمىنى ياختۇرمايدۇ» دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرالىشى مەقسەت قىلىنغان. ناۋادا شۇنچە ئۇزۇن تارىخىي مەلۇماتلارمۇ ئۇنىڭغا قوشۇپ يېزىلىپ، ئاندىن يەنە، تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشمۇ تەكىتلەنگەن بولسا ئىدى، يۇقارقى مەقسەتلەر ئۆلۈك ھالغا كېلىپ قالغان بولاتتى. ھەقىقەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇرئان كەرىمنىڭ ھازىرقى تەرتىپىگە ئېتىراز بىلدۈرىدىغان كىشىلەر ماھىيەتتە ئۇنىڭ مەقسەت، مۇددىئاسىدىن خەۋەرسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، قۇرئان كەرىمنى قانداقتۇر "پەقەتلا تارىخ، پەلسەپە ۋە تەبىئەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈنلا نازىل بولغان كېتاب" دەيدىغان خاتا چەشەنچىدىكى كىشىلەردۇر. (داۋامى بار)

ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە قۇرئان كەرىمنىڭ رەتلىنىش تەرتىپى ۋە ئارقا كۆرىنىشى ئۈستىدە توختىلىمىز.

ھۆرمەتلىك  رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر