تۈركىيەدە شەخسىي پېنسىيە سىستېمىسى

تۈركىيەدە شەخسىي پېنسىيە سىستېمىسى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات

600655
تۈركىيەدە شەخسىي پېنسىيە سىستېمىسى

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى دۆلەتلەرنىڭ تەسەررۇپ قىلىش ئارقىلىق مەبلەغ ۋە سېلىنمىلار ئۈچۈن يېتەرلىك سەرمايىگە ئىگە بولۇشىدۇر. بىر دۆلەتتە پۇقرالار بىلەن شىركەتلەرنىڭ تەسەررۇپ قىلىشلىرى نەتىجىسىدە جۇغلانغان سەرمايە يەنە دۆلەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازارلىرى تەرىپىدىن كىرىدېت سۈپىتىدە كارخانچىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە بېرىلىدۇ. تەسەررۇپ مىقدارى ئاشقانسېرى سەرمەيىمۇ شۇنچە كۆپىيىپ قەرز ئۆسۈملىرى تۆۋەنلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قەرز ئالماقچى بولغانلارغا تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تەرەققىيات باسقۇچلىرىنىڭ مۇئەييەن بىر دەۋىرىدە يۇقىرى تەسەررۇپ نىسبەتلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك رول ئوينىغانلىقىنى بايقايمىز. دەۋرىمىزدە ئەڭ كۆپ تەسەررۇپ قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ياپونىيە بىلەن خىتاي ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بۇ دۆلەتلەر مۇئەييەن بىر تەسەررۇپ نىسبىتىدىمۇ ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇققا كىرىش ئېھتىمالىدىن قۇتۇلالمىدى. ياپونىيە كېيىنكى 25 يىل ئىچىدە تەسەررۇپ نىسبەتلىرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋبىدىن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. بۇ سەۋەبتىن ئەڭ مۇۋاپىق تەسەررۇپ نىسبىتىنى تېپىپ چىقىش شەرت.

 

تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك 20 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان دۆلەت بولۇپ،ياش ۋە دىنامىك نوپۇس قۇرۇلمىسىغا ئىگە. تۈركىيە بۇ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە. تۈركىيەمۇ ئىقتىسادىنى سىجىل گۈللەندۈرۈش، كارخانىچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن زور مىقداردا سەرمايىگە ئېھتىياجى بار. ئىقتىسادتا تۆۋەن چىقىملىق سەرمايىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسىنى خەلقنىڭ تەسەررۇپلىرى تەشكىل قىلىدۇ. مەزكۇر پىروگراممىمىزنىڭ بېشىدىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىر دۆلەتتە تەسەررۇپ نىسبەتلىرى قانچە يۇقىرى بولسا دۆلەت ئىقتىسادىمۇ شۇنچە كۈچلۈك ۋە پۇختا بولىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن  تۈركىيەدە تەسەررۇپ نىسبەتلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم بىر لايىھەنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇلدى. بۇ لايىھە دائىرىسىدە 45 ياشتىن تۆۋەن مائاشلىق ئىشچى ۋە خىزمەتچىلەر شەخسىي پېنسىيە سىستېمىسىغا بىۋاستە كىرەلەيدۇ. مەزكۇر سىستېما بويىچە بولغاندا، 45 ياشتىن تۆۋەن مائاشلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان ئورۇننىڭ خوجايىن ياكى مەسئۇللىرى ۋاستىسى بىلەن سىستېمىغا ئاپتوماتىك كىرەلەيدۇ. ناۋادا شەخسىي پېنسىيە سىستېمىسىدىن ئايرىلماقچى بولغانلار 2 ئايدىن كېيىن سېستېمىدىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ. سىستېمىدا قالغۇچىلارغا بولسا بۇرۇنمۇ بېرىلىپ كېلىۋاتقان %25لىك دۆلەت ياردىمىغا قوشۇمچە ياردەملەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن، بىر ئىشچى ياكى خىزمەتچى سىستېمىدا ئىزچىل تۇرۇشنى خالىسا بىرلا قېتىم 100 لىرا  دۆلەت ياردىمى بېرىلىدۇ. مەزكۇر لايىھەدە دەسلەپكى 3 يىل ئىچىدە سىستېمىدىن ئايرىلىپ چىققانلارغا دۆلەت ياردىمى بېرىلمەيدۇ. 3 يىلدىن 6 يىلغىچە سىستېمىدا قالغۇچىلار دۆلەت ياردىمىنىڭ %15گە، 6 يىلدىن 10 يىلغىچە سىستېمىدا قالغۇچىلارغا بولسا %35 دۆلەت ياردىمى بېرىلىدۇ. ئەگەر پېنسىيەگە چىققۇچە سىستېمىدا قالغۇچىلار بولسا دۆلەت ياردىمىنىڭ %100گە تولۇق ئېرىشەلەيدۇ.

قىسقىسى، مەيلى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بولسۇن مەيلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن، ئىقتىسادنى  سىجىل گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇئەييەن نىسبەتتە تەسەررۇپ قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغۇسى بار، ئاز تەرەققىي قىلغان ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تەسەررۇپ نىسبەتلىرى يۇقىرى بولسا، سەرمايەنىڭ جۇغلىنىش نىسبىتىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. تەسەررۇپ كۆپ بولغاندا قەرز ئۆسۈملىرىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، سەرمايەمۇ دۆلەتنىڭ ئۆزىدىن چىققان بولىدۇ. تۈركىيەگە نىسبەتەن تەسەررۇپ نىسبەتلىرىنىڭ ئېشىشى، سەرمايىلەرنىڭ جۇغلىنىشى ۋە مەبلەغلەرنىڭ كۆپلەپ  سېلىنىشى تولىمۇ مۇھىدۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇن تەسەررۇپ نىسبەتلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن 45ياشتىن تۆۋەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي پېنسىيە سىستېمىسىغا ئاپتوماتىك ئەزا بولالايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. مەزكۇر لايىھەگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 1-يانۋارداىن باشلاپ شەخسىي پېنسىيە سىستېمىسىغا ئەزا بولىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە دۆلەت ياردىمى بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت تۈركىيەدە مەبلەغ سېلىش خىزمەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق كېرەكلىك سەرمايە جۇغلاشتۇر. ئۆز تەسەررۇپلىرى بىلەن گۈللەنگەن ئىقتىسادتا سېلىنمىلار ئاشىدۇ ۋە پۇقرالارغا يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىلىدۇ.


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر