ئاللاھىم! بىزنى ئىلىم بىلەن يۈكسەلدۈرگىن!

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (39)

585016
ئاللاھىم! بىزنى ئىلىم بىلەن يۈكسەلدۈرگىن!

 

 

ئەزىز قېرىنداشلار!

 ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئوقۇ! ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ (ئاللاھ) ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن! سىنىڭ رەببىڭ چەكسىز مەرھەمەت ئىگىسىدۇر. ئۇ (ئاللاھ) قەلەم بىلەن يىزىشنى ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەننى نەرسىلەرنى بىلدۈردى. » دەيدۇ.

پەيەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «ھىچقانداق ئاتا - ئانا پەرزەنتىگە گۈزەل ئەخلاقتىن باشقا قىممەتلىك بىرەر مىراس قالدۇرالمايدۇ» دەيدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!

قۇرئان كەرىم تىخى نازىل بولمىغان چاغ ئىدى. مەككىلىك مۇشرىكلەرنىڭ جاھالىتى پەيغەمبىرمىزنى تولىمۇ بېزار قىلغان ئىدى. مۇشرىكلەرنىڭ تەۋھىدتىن چەتنىگەن ئەقىدىلىرى پەيغەمبىرىمزنى ئازاپلاۋاتاتتى. مۇشۇنداق شارائىتتا پەيغەمبىرىمىزگە ھىرا تىغىدا ئىبادەت ۋە تەپەككۈر قىلىش ھوزۇر بېرەتتى. بىر كۈنى ھىرا تىغىدا ۋەھىي پەرىشتىسى پەيغەمبرىمىزگە « ئوقۇ! » دىدى. پەيغەمبىرىمىز «نىمېنى ئوقۇيمەن؟» دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن جىبرائىل ئەلەيھىسالام پەيغەمبرىمىزگە ئەلەق سۈرىسىنىڭ بىشىدىكى 5 ئايەتنى ئۇقۇتتى : «ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ (ئاللاھ) ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن! سىنىڭ رەببىڭ چەكسىز مەرھەمەت ئىگىسىدۇر. ئۇ (ئاللاھ) قەلەم بىلەن يىزىشنى ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەننى نەرسىلەرنى بىلدۈردى. »

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئىنسانلارنىڭ ئاڭ - تەپەككۈرىنى نۇرلاندۇرغان ئىسلام مەدەنىيىتى مانا مۇشۇ « ئوقۇغىن! » دېگەن ئىلاھى ئەمىر بىلەن باشلىدى. قۇرئان كەرىم بۇ تۇنجى نازىل بولغان ئايەتلىرىدە رەببىمىزنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئىككى چوڭ نىئمىتىدىن خەۋەر بەرگەن ئىدى. بىرىنجىسى، رەببىمىزنىڭ بىزگە قەلەم بىلەن يىزىشنى ئۆگەتكەنلىكى، ئىككىنچىسى، بىلمىگەن نەرسىلىرىمىزنى بىلدۈرىشىدۇر. بىزنى جاھالەتنىڭ قاراڭغۇ ۋە پاتقاق يوللىرىدىن قۇتقۇزىشىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە ئىلىم - باشتا رەببىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى يونۇشتۇر. ئىلىم - شەيئىلەرنىڭ ھەقىقەتلىرىنى، مەۋجۇداتلارنىڭ غايە ۋە ھېكمىتىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىشتۇر. ئىلىم - مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى تونۇپ يىتىشتۇر. قۇرئان كەرىم بىزگە « ئوقۇغىن! » دەپ خىتاپ قىلغىنىدا ھىچقانداق ئايرىمچىلىق قىلمىغان. قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە كائىناتنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇشىمىزنى ئەمىر قىلغان. ئاللاھ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشىمىزنى تەلەپ قىلغانغا ئوخشاش، فىزىكا، خىمىيە، ماتېماتىكا، بىئولوگىيەگە ئوخشاش كائىناتنىڭ ئىلاھى قانۇنلىرىنىمۇ ئوقۇشىمىزنى تەلەپ قىلغان. سۆزنىڭ قىسقىسى دىنىمىز، ئنسانلارغا پايدىلىق قانداق ئىلىم بولسا، ئۇنى ئۆگىنىشىمىزنى تەلەپ قىلغان.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىزنىڭ ئادىتىمىزدە  ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى، ھەقىقەتنى، ئۆز قىممىتىنى ئۆگىنىشكە تۈرتكىلىك قىلغان ئۈچ مۇھىم مۇئەسسىسە بار. ئۇ بولسىمۇ ئائىلە، مەكتەپ ۋە مەسچىتتۇر. بالىلىرىمىز، ياشلىرىمىز  ئىززەت - ھۆرمىتىنى، كىشىلىكىنى ئۆيدە، بىلىم ۋە مەرىپەتنى مەكتەپتە، كىملىك ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى مەسچىتلەردە پىششىقلاپ ئۆگىنىدۇ. تارىخمىزغا قاراددىغان بولساقمۇ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئىنسانلارغا پايدىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى يىتىشتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدەك ئىلىم - ئىرپاندا ئىنسانلارغا يول كۆرسەتكەن نۇرغۇن زاتلارمۇ مەكتەپلىرىمىزدە ۋە مەسچىتلىرىمىزدە يىتىلگەن ئىدى. بۈگۈنىكى كۈندىمۇ بۇ مۇئەسسىسەلەرنىڭ تەنە شۇنداق ئىلمىي بايلىقلىرىمىزنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەجبۇرىيىتى بار.  

ئەزىز قېرىنداشلار!

مۇشۇ ھەپتەدىن باشلاپ 18 مىلىيون پەرزەنتىمىز يىڭى ئوقۇ - ئوقۇتۇش مەۋسۇمىغا قەدەم قويدى. بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنى  بىر مىلىيونغا يىقىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۈستىگە ئالدى. بۇ يىڭى ئوقۇ - ئوقۇتۇش مەۋسۇمىنىڭ پەرزەتلىرىمىزگە، ھۆرمەتلىك ئۇستازلارغا، پۈتۈن ئائىلەرگە ۋە مىللىتىمىزگە ياخشىلىق ئىلىپ كىلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمىز. پەرزەنتلىرىمىزنى رەببىمىزنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان، مىللىتىمىزنىڭ، ئىسلام ئالىمىنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە نىسىپ قىلسۇن. بۇ ۋەسىلە بىلەن ئۇستازلارغا، ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ۋە ئائىلىلەرگە شۇنى تەكىتلەيمەكچىمىز:

«ئىستىقبالىمىزنى قۇرۇپ چىققان ئى پىداكار ئۇستازلار! بىزگە ئىلىم - ئىرپاننى سىلەر ئۆگەتتىڭلار. پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆز پەرزەنتىڭلار قاتارىدا ۆكردۇڭلار. بۇ كۈنلىرىمىزنى سىلەر بەرپا قىلدىڭلار، ئەتىلىرىمىزنىمۇ يەنە سىلەر بەرپا قىلىسىلەر. ئەقلىنى، پەرزەنتلىرىمىز سىلەرنىڭ شەپقەتلىك قولۇڭلاردا ئىرادىسىنى، قەلبىنى باشقىلارغا تۇتقۇزمايدىغان بولۇپ يىتىشىدۇ. بالىلىرىمىز ۋىجدانلىق ۋە مەرھەمەتلىك بولۇشنى، پەقەتلا مىللىتىگە، ھەق ۋە ھەققانىيەتكە خىزمەت قلىشنى يەنە سىلەردىن ئۆگىنىدۇ. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.

كەلگۈسىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ئى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىمىز! سىلەر ئۆگەنگەن بىلىمىڭلارنى ئىنسانلارنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن ئۆگىنىڭلار. بىلىمىڭلارنى مىللىتىڭلارنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىڭلار. ئۆزۈڭلارنى ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن زىننەتلەڭلار. ئۇستازىڭلارغا، دوستلىرىڭلىغا، ئاتا - ئاناڭلارغا ۋە پۈتۈن ئنسانلارغا ئىززەت - ئىكرام بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار. ئالىيجاناپلىق بىلەن ياشاڭلار ۋە ياشىنىتىڭلار. سىلەر ۋەتىنىمىزنىڭ، ئىسلام ئالىمىنىڭ، پۈتۈن مەزلۇملارنىڭ ۋە مەھرۇملارنىڭ ئۈمىدىسىلەر.

 ئى پىداكار ئاتا - ئانىلار! سىلەرپەرزەنتىڭلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولدۇڭلار. سىلەر ئۆيۈڭلارنىڭ بىر مەكتەپ ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار. پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئۇستازلىرى بىلەن ھەرۋاقىت ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭلار. ئوقۇ - ئوقۇتۇشنىڭ پەرزەنتىڭلارغا پەقەتلا بىر مەلۇمات قاچىلاپ قويۇشتىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنى  تونۇپ يىتىڭلار. « ھىچقانداق ئاتا - ئانا پەرزەنتىگە گۈزەل ئەخلاقتىن باشقا قىممەتلىك بىرەر مىراس قالدۇرالمايدۇ»  ھەدىسىگە بىنائەن پەرزەنتڭلارنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغىنىڭلارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ياخشى ۋە پايدىلىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ تىرىشىشىڭلار لازىم. بۇنىڭ بىر يولى مەكتەپلىرىمىزدە تاللاش دەرسى قىلىپ، ئۆتۈلىۋاتقان قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى قاتارلىق دەرسلەرنى تاللىشىغا يىتەكچىلىك قىلىشىڭلاردۇر!

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئۇلۇغ رەببىمىز، ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار،  ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنى مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ يەتكەنلەر قاتارىدا قىلسۇن.

رەببىمىز، ئۆگەتكەنلىرى بىلەن بىزنى پايدىلىق كىشىلەردىن قىلسۇن. بىزگە پايدا بىرىدىغان ئىلىم ئۆگەتسۇن ۋە ئىڭىمىزنى ئۆستۈرسۇن. بىزنى سالىھلارنىڭ قاتارىدا قلسۇن. ئامىن

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر