سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق يازغان ماقالىسى

581869
سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى  ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، «سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان رەھىمسىز ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى بەش يىلىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشنىڭ كوللىكتېپ جىنايەتلەر، شەھەرلەرنىڭ خاراب بولۇشى ۋە مىڭلارچە مۇساپىرنىڭ تۈركىيە بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىردىنبىر تاللاش يولى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق»دېدى.

ئىبراھىم كالىن Dailyساباھ گېزىتىدە يازغان «بىخەتەر رايونلار ھايات ۋە ئىنسانىيلىقىمىزنى قۇتقۇزىدۇ»سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ھەلەبنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە پۈتكۈل دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قىلغان چاقىرىقلىرىنىڭ تولىمۇ جىددىي ۋە ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىبراھىم كالىن مۇنۇلارنى يازدى: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ياۋايىلىقى ۋە ۋەھشىيلىكىگە زېمىن تەييارلاپ بېرىدۇ، دائېش تەھدىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، بولۇپمۇ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن 9-سېنتەبىردە سۈرىيەدە  يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقدىن  كېيىن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بومباردىمانلىرىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسلتىپ ئۆتكەن كالىن ماقالسىدا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «25-سېنتەبىردىلا بالا ۋە ئايال بولۇپ 69 ئادەم ھەلەبتە ئۆلتۈرۈلدى. مەدەنىيەت-سەنئەت سىمۋولى ۋە ئىنسان موزايىكى بولغان بۇ قەدىمىي شەھەر، سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلتىلغان 2011-يىلدىن بۇيان قاتتىق بومباردىمانلارغا ۋە ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەرگە سەھنە بولدى.»

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ قەلئەلىلىرىدىن بىرىنى بىتچىت قىلىش غەرىزىدە ھەلەبلىكلەر بىلەن ھەلەب شەھىرىنىڭ نۇرغۇن قىسمىنى يوق قىلىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنىڭ بەش قولدەك ئايان ئىكەنلىكىنى ئېيتقان كالىن ماقالىسىدە مۇنۇلارنى دېدى: «ئەسەد ھاكىمىيىتى قەتلىئام ۋە زۇلۇم يۈزىنى ئىسپاتلىغان بىر تۈزۈمدۇر.»

ئىبراھىم كالىن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋاقىتتىن ئۇتۇپ چىقىش ۋە ۋەھىيمە پەيدا قىلىدىغان ئىستىراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە سىياسىي مۇرەسسە تىرىشچانلىقلىرىدىن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ رۇسىيە، ئىران، ھىزبۇللاھ ۋە باشقا مىلىتان تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ھەلەبنى ھەر كۈنى ۋارىل بومبىلىرى ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن خاراب قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قەتلىئامدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم ئەترەتلىرىنىڭمۇ نىسىۋىسىنى ئالغانلىقىنى يازغان ئىبراھىم كالىن، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 71-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى مۇزاكىرلىرى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان پەيتتە قەتلىئام ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئەسەدنىڭ خىجىل بولماي خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنى، قىسقىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىبراھىم كالىن ئىلگىرىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن 2015-يىلى 18-دېكابىردا ماقۇللانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 نومۇرلۇق قارارىنىڭ، سۈرىيەدە ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن يېڭى دائىرە بېكىتىش ۋە مۆھلەت بەلگىلەش، قانۇنلۇق، دېموكراتىك ۋە ھەممە ئىجتىمائىي قاتلام ۋە تەبىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاش ۋە ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىشكە قولايىق تۇغدۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشلەردىمۇ رول ئوينىشى  لازىملىقىنى بىلدۈرگەن كالىن، 11-فېۋرالدا ماقۇللانغان «دۈشمەنلىككە خاتىمە بېرىش»قا مۇناسىۋەتلىك مىيۇنخىن كېلىشىمىنىڭ، جەنۋەدە ب د ت نىڭ باشچىلىقىدىكى مۇزاكىرىلەرگە ئاساس  بولۇشى كېرەكلىكىنى، بىراق ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇزاكىرىلەردىن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەسەدنىڭ بۇ ئىشىدىن قەتئىي ھەيران قالماسلىق كېرەكلىكىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

ب د ت مەسئۇللىرىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 نومۇرلۇق قارارىنى ۋە مىيۇنخىن كېلىشىمىنى سىستېمىلىق شەكىلدە دەپسەندە قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئىبراھىم كالىن، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ لازىقىيە ۋە ھەلەبنىڭ شىمالى ۋە ئىدلىبتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، يۈزلەرچە پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە مۇھتاجلارغا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلىشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

كالىن ماقالىسىدە يەنە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئەسەد ھاكىمىيىتىگە يەنە بىر قېتىم تىنچلىق باھانىسى بېرىشنىڭ قىلىچە زۆرۈرىيىتى يوق، ھەلەبتىكى جىنايەت گۇرۇھى تىنچلىق ياكى سىياسىي دىئالوگلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ. بىر جانۋاردىن مەرھەمەت كۈتۈش ئەخمەقنىڭ ئىشىدۇر. بۇ توقۇنۇشنىڭ ھەربىي ئاقىۋىتى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر خەلقئارا جەمئىيەت، سۈرىيەدىكى بولۇپمۇ ھەلەبتىكى پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ  ياخشى چارىسى بىخەتەر رايونلار بەرپا قىلىشتۇر. سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان رەھىمسىز ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى بەش يىلىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشنىڭ كوللىكتېپ جىنايەتلەر، شەھەرلەرنىڭ خاراب بولۇشى ۋە مىڭلارچە مۇساپىرنىڭ تۈركىيە بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشىگەخاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىردىنبىر تاللاش يولى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىخەتەر رايونلار پۇقرالارنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ قوشكېزەك جانۋارلىرى بولغان ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن دائېشنىڭ خالىغانچە سادىر قىلغان جىنايەتلىرىدىن خالىي بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن باشقا ئورگانلارغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىگە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ.»

ماقالىسىدە بىخەتەر رايونلارنىڭ سۈرىيە خەلقىگە يالغۇز ئەمەسلىكلىرىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن بۇ جايدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۈمۈت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىبراھىم كالىن، بۇ ئەھۋالنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان كالىن، بىخەتەر رايونلار بەرپا قىلىنسا، ھەربىي ۋە سىياسىي بەدىلىنىڭ سۈرىيەلىكلەر بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەت ۋە كېيىنكى بەش يىلدا ھەر بىر سىياسىي مۇساپىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىشىغا سېلىشتۇرۇلغاندا ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم كالىن سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن ئاتالمىش قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەققىي قايغۇ-ئەندىشىلەردىن بەكرەك باھانە ئىكەنلىكىنى، دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە نەتىجە ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەربىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئاز خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشنىڭ تولىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىبراھىم كالىن يەنە مۇنۇلارنى يازدى: «بۇ پۇقرالارنى قوغدايدۇ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ، مۇساپىرلارنىڭ جاراھىتىنى يىنىكلىتىدۇ، سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى دائېش ۋە ئەسەد ئالدىدا كۈچلۈك قىلىپ، سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا نىسبەتەن تەڭپۇڭلۇق ئېلىپ كېلىدۇ.»

ئىبراھىم كالىن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەش، جىنايەتچى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئۇرۇش توختىتىش ياكى تىنچلىق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يالۋۇرۇشقا قارىغاندا سىياسىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەقسەتكە يېتىشتە يېتەرلىك ۋاستە ۋە شارائىتلارغا ئىگە. بىراق دۇنيا سىياسىتى كىشىنى قايغۇغا سالىدىغان ۋە خىجىل قىلىدىغان دەرىجىدە سىياسىي ئىرادە ۋە ئەخلاقىي چۈشەنچىدىن مەھرۇمدۇر. دەۋرىمىزدىكى بۇ ئەڭ ئېغىر ئەخلاقىي نۇقساننى، ئىنسانىيلىقىمىزنىڭ سۈرىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۆلگەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا توغرا چۈشىنىش ياكى قوبۇل قىلىش تەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر