قىرشەھىر جاجابەي مەدرىسەسى

جاجابەي مەدرىسەسى ئانادولۇ سەلجۇقىيلىرى دەۋرىدە، يەنى 13 – ئەسىردە ياسالغان ئىدى.

575960
قىرشەھىر جاجابەي مەدرىسەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جاجابەي مەدرىسەسى ئانادولۇ سەلجۇقىيلىرى دەۋرىدە، يەنى 13 – ئەسىردە ياسالغان ئىدى. سۇلتان كەيخۇسراۋنىڭ قىرشەھىر ۋالىدسى شۇنداقلا كاتتا دۆلەت ئەربابى جاجابەي بۇ مەدرىسىنى 1271 – يىلى ياساشقا باشلىغان ئىدى. بۇ مەدرىسە سولجۇقىيلار دۆلىتى موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇملىرى تۈپەيلىدىن تازا ئاجىزلىغان بىر دەۋردە ئانادولۇدا داۋاملاشقان ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۈلگىلىرىدىن بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەدرىسە جامە سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.

مەدرىسە پۇتكەندىن كېيىن، ئاستىرنومىيە ئىلمى  ئۆگىتىلىش بىلەن بىرگە مۇنار شەكىللىك رەسەتخانىسىدا ئالەم بوشلۇقى كۆزىتىلەتتى. ئۇزۇنلۇقى 21 مېتىر كېلىدىغان بۇ كۆزىتىش مۇنارى مەدرىسىنىڭ جەنۇبى بۇلۇڭىغا جايلاشقان ئىدى. جاجابەي مەدرىسىسىگە سىرتتىن يېقىنلاشقىنىڭىزدا شىمال تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەلجۇقىيلارغا خاس تاج دەرۋازىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدا ئاي ۋە قوياشتىن ئىبارەت ئىككى شارنى ئۇچرىتىسىز. بۇ دەرۋازە دۇنيانىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن گالىلو تۇغۇلۇشتىن تەخمىنەن 200 يىل ئىلگىرى ياسالغان ئىدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىلىم-پەن ساھىسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭغانلىقىنىڭ بىر ئۈلگىسى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. 

**** ** **** ***** **** **** *****

گالېلى دۇنيانىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكىنى ۋە قوياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا جازاغا تارتىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن 250 يىل ئىلگىرى ئانادولۇدا قوياش سىستېمىسى ۋە مۇساپىلىرى ئىنتايىن توغرا ھېسابلاپ چىقىلغان ئىدى. بۇ ئىلىمىي بىر ھەقىقەت بولغاچقا  جازالاش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا مۇنازىرە قىلىنىپمۇ باغمىغان ئىدى.

مەدرىسىنىڭ مەركىزى دەرۋازىدىن ئىچىگە كىرگىنىڭىزدە، سىزنى ئۈستى تولۇق يېپىلمىغان بىر يېرىم گۈمبەز ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا كىچىك كۆلچەك قارشى ئالىدۇ. بۇ كۆلچەك ئەسلىدە رەسەتخانىدا ئىشلىتىلگەن بىر خىل تېلېسكوپ ئىدى. 12 پەلەمپەيلىك پايىدىن كۆلچەككە قاراپ چۈشكىلى بولاتتى. ھەر بىر بالداق پەسلىگەندە كۆلچەكتىكى سۈ يۈزىگە چۈشكەن  كۆك يۈزىنىڭ ئەكسى بىر ئاز تارىياتتى. ئالىملار شۇنىڭغا قاراپ تەتقىقاتلىرىنى ئېلىپ باراتتى. بۇ كۆلچەكنىڭ بېشىغا توپلاشقان ئەينى چاغدىكى ئاستىرىنوملار ئوقۇغۇچىلارغا قوياش سىستېمىسى ۋە گالاكسېلەر ھەققىدە دەرس بېرەتتى.

باشقا سەلجۇقىي مەدرىسىلىرىدىكىگە ئوخشاشلا ئىككى ئايۋان بىلەن كېڭەيتىلگەن بۇ مەدرىسەدە 8 ئوقۇغۇچىلار ياتىقى بار ئىدى. كۆلچەكتىن ئۆتۈپ جەنۇب تەرەپتىكى ئايۋانغا يېقىنلاشقىنىڭىزدا ئىككى بۇلۇڭدا قەتئىي مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان شەكىلدە قۇياش سىستېمىسى تۆۋرۈكلىرىنى ئۇچرىتىسىز. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە تىزىلغان يۇمۇلاق شارلارنىڭ ئەڭ چوڭى قوياشقا سىمۋوللۇق قىلىدۇ. قالغان يۇمۇلاق تىزىلغان شارلارنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى بىزگە مەلۇملۇق پىلاتىنلارغا توغرا ھەجىم ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز.  بىر - بىرىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل ۋە ئايرىم - ئايرىم ئۆلچەمدىكى بۇ شارلار بۇرۇنقى چاغدا تولۇق ئايلىنالايدىغان بولۇپ،  بۈگۈنكى كۈندە بىنانىڭ بىر ئاز ئۆلتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن ئايلىنىش ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ قويدى. 

*** ** *** ***** *** ***** **** *****

جاجابەينىڭ گالېلىدىن 250 يىل  ئىلگىرى سۇ تېلېسكوپىنى بايقاپ ئاكتىپ ئىشلەتكەنلىكى بۇ مەدرىسەنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىدۇ. بۇ مەدرىسە بۈيۈك تۈرك ئاستىرنومىيە ئالىمى ئۇلۇغبەگنىڭ غەربىي تۇركىستاندا قۇرغان مەدرىسىسىنىڭ يەنە بىر ۋارېيانتى ئبولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. جاجابەي مەدرىسىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شىمال، شەرق ۋە غەرب بۇلۇڭلىرىدا ھەمدە غەربىي تەرىپىدە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان 3 تۈۋرۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىر راكىتانىڭ 3 ئايرىم باسقۇچتا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىش جەريانى مانا بۇ تۈۋرۈكلەردە ئۇرۇن ئالغان. تۈۋرۈكلەر راكىتانىڭ ئوت ئېلىشى ۋە ئۆرلىشىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. راكىتانى تېخى ھېچ كىشى بىلمەيدىغان ئوتتۇرا ئەسىردە، يەنە كېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا قىلىنىدىغان سەپەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بۇنچە بالدۇر تەسەۋۋۇر قىلالالىغانلىقى ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنچە قەدىمىي بىر مەدرىسەدە راكىتانىڭ قانداق قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە شۇنچە تەپسىلىي مەلۇماتنىڭ ساقلانغانلىقى كىشىنى ھەيرانۇ - ھەس قالدۇرىدۇ.  بۇ مەدرىسە باشقا مەدرىسەلەرگە ئوخشاش دەرسلىكلىرى ئەرەبچە ۋە پارىسچە بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتۇش تىلىنىڭ تۈركچە بولغانلىقى مەدرىسە قۇرغۇچىسىنىڭ نەقەدەر سەزگۈرلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

كونيادا ياشىغان مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىمۇ جاجابەينى ئالاھىدە مەدھىيەلىگەن ئىدى. جاجابەي ئۆز دەۋرىدە ھەم ۋالىي، ھەم ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. موڭغۇللار قىرشەھىرنى ئىستىلاھ قىلماقچى بولغاندا جاجابەي تىنچ يول بىلەن توسۇپ قالغان ئىدى. جاجابەي 1301 – يىلى ۋىزانتىيەلىكلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا شېھىت بولغان ۋە قىرشەھىردە ياساتقان مەدرىسىسىنىڭ شەرقىي قىسىمىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىككى قەۋەتلىك مەقبەرە ياسىتىلغان ئىدى. 

ئۆز دەۋرىدىن قالقىغان ئالاھىلىكلىرى بىلەن تونۇلغان قىرشەھىردىكى جاجابەي مەدرىسىسىنى كېلىپ ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرىشىڭىزنى ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىڭىزنى تىلەيمىز. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر