سىنوپ

پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، ئانادولۇنىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلاشقان ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى شۇنداقلا تارىخى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان سىنوپ ۋىلايىتىمىزنى ھەمدە كۈلتۈر خەزىنىلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

568672
سىنوپ

سىنوپ

تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى (34)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! «تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، ئانادولۇنىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلاشقان ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى شۇنداقلا تارىخى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان سىنوپ ۋىلايىتىمىزنى ھەمدە كۈلتۈر خەزىنىلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

**** *** *** **** ** **** ** **** ** ***

سىنوپ؛ قارا دېڭىز ساھىلىدا، يېرىم ئارالنىڭ قۇرۇغلۇق بىلەن تۇتۇتىشىدىغان نۇقتىسىغا، يەنى تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ساھىللىرىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قارا دېڭىز ساھاللىرىنىڭ شىمالغا سوزۇلىدىغان چېكىسى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسى ۋە تەبىئىي قوغدىلىپ كەلگەن بىر پورت بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن قەدىمىي دەرۋلەردە مۇستەملىكە شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان دەپمۇ قارىلىدۇ.  شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە ھەر خىل رىۋايەتلەر مەۋجۇت.

بىر رىۋايەتتە بايان قىلىنىشىچە، شەھۋانىيەتچىلىكى بىلەن نام چىقارغان تەڭرى زېئۇس، ئۆستەڭ ئىلاھىنىڭ قىزى ۋە گۈزەللىكى تىللاردا داستانغا ئايلانغان سىنوپىغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. قىز تەڭرى زېئۇسنىڭ قولىدىن ھېچقانداق قىلىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆز ئىپپىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن زېئۇس بىلەن سودىلىشىشقا باشلاپتۇ. تەڭرى زېئۇس ئۇنىڭ ئىپپەتلىك پوزىتسىيەسىدىن خوشاللىنىپ، قارا دېڭىز ساھىلىدىكى مۇشۇ جايغا ئەكىلىپ تاشلاپ قويۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شەھەر قىزنىڭ ئىسمى بىلەن «سىنوپ» دەپ ئاتىلىشقا باشلاپتۇ ھەمدە تىز تەرەققىي قىپتۇ. 

ئەسلىدە ھىتىتلەر دەۋرىدىن تارتىپلا ئولتۇراق رايون بولغان بۇ شەھەر نۇرغۇن قېتىم قولغا قولغا ئۆتۈپ تۇرغان بولۇپ، چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارغا ۋە ئىشغالىيەتلەرگە سەھنە بولغان ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەن ئاتاقلىق قوماندانلاردىن بىرسى بۈيۈك ئىسكەندەر بولۇپ، ئۇ سىنوپنىڭ ئاتاقلىق پەيلاسوپى دىيوجەننى زىيارەت قىپتۇ. ئۇنىڭ بىر قۇدۇقنىڭ ئىچىدە ياشىغاندەك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بۈيۈك ئىسكەندەك قاتتىق ئېچى ئاغرىپ،  «تېلە مەندىن، نېمە تىلگىڭ بولسا تېلە!» دېگىنىدە، ئىسكەندەرنىڭ كۈن نۇرىنى توسۇۋالغانلىقىدىن بىئارام بولغان پەيلاسوپ ئۇنىڭغا ئبجايىپ پاساھەتلىك بىر شەكىلدە «كۆلەڭگەڭنى نېرى تۇت، باشقا ياخشىلىققا كېرەك يوق» دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا ئەقىل ئۈنچىلىرى سۈپىتىدە كەڭ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. دىيوجەن ئەسلىدە مەدەنىيەتنى رەت قىلىدىغان تار قاراشقا ئىگە پەيلاسوپ بولۇپ، مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەتتىن ئۇزاق ياشاشقا تىرىشقانلىقى بىلەن مەشھۇر.

*** ** ** *** **** ***** ****** ****

سىنوپ، رىم ۋە شەرقىي رىم ھۆكۈمرانلىقىنى باشتىن كۈچۈرگەندىن كېيىن، 1085 – يىلى ئانادولۇغا كەلگەن تۈركلەر تەرىپىدىن فەتھى قىلىندى. ئانادولۇ سەلجۇقىيلىرى رايوننىڭ قارادېڭىز سودا يولىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ، بۇ جاينى ئۆز ئىلكىدە ساقلاپ  قىلىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەت بەردى. شەھەر مەركىزىدىكى بەزى چىركاۋلار مەسجىدكە ئۆزگەرتىپ ئىشتىلدى. ئالائىددىن جامەسىگە ئوخشاش يەنە نۇرغۇن جامەلەرنى ياسىدى. يېرىم ئارالنىڭ يېنىدىكى يېزىلار كېمە پاراخوتلار ئۈچۈن تەبىئىي بىر پورتنىڭ رولىنى ئوينايتتى. سەلجۇقىيلار دەۋرىدە قايتىدىن ياسالغان قەلئە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كېمە ياساش مەركىزى بولغان ئىدى. ئۇزۇن يىللارغىچە كېمە زاۋۇتى قىلىپ ئىشلىتىلگەن بۇ قەلئە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرىقىي مەزگىللىرىدە تۈرمىگە ئايلاندۈرۈلدى. «ئانادولۇنىڭ ئالكارتازى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تۈرمە ئىككى تەرىپى ئېگىز سىېپىللار بىلەن، قالغان ئىككى تەرىپى بولسا دېڭىز بىلەن ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ قەلئە ھېچ كىشى قېچىپ كېتەلمەيدىغان بىر تۈرمە ھېسابلىنىدۇ. تۈرمە بولۇش تارىخىي بويىچە پەقەت ئىككى كىشىنىڭلا قېچىپ كېتىشتە ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكى بىراق قىسقىغىنە ۋاقىتتا يەنە تۇتۇپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم. بۇ قەلئە تۈرمىدە نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق كىشىلەرمۇ ياتقان بولۇپ، ئۇلاردىن بىرسى 1933 – يىلى يازغان ناخشا تېكىستى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ساباھەتتىن ئەلى ئىدى. ئۇنىڭ

«سىرتتا تەلۋە دولقۇنلار، كېلىپ تاملارنى يالايدۇ.

سېنى بۇ شاۋقۇنلار ئالدايدۇ، پىسەنت قىلما كۆڭلۈم، پىسەنت قىلما!»

دېگەن مىسرالىرى ھازىرمۇ ناخشا سۈپىتىدە ئوقۇلۇپ كەلمەكتە.

قىسقىسى، قەلئە تۈرمىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان  يۈزلىگەن مەدەنىي  ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن سىنوپ زىيارەتچىلەرنى كۈتمەكتە. ئارخىئولوگىيە، ئېتنىكروفىيە مۇزىيى، جامەلىرى، مەدرىسىلىرى ۋە يۈزى ھەر دائىم كۈلۈپ تۇرىدىغان ئىنسانلىرى بىلەن سىلەرنى قارشى ئالىدۇ. كۈنلەرنىڭ بېرىدە مەملىكىتىمىزنىڭ قارا دېڭىز ساھىلىغا يولىڭىز چۈشۈپ قالسا، ئۆزىگە خاس لەززەتلىك تائاملىرى، قونچاق پاراخوتلارنى ياسايدىغان زاۋۇتلىرى بىلەنمۇ دىققەتنى جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان سىنوپنىڭ چۆچۆرىسىنى تېتىپ كۆرۈشىڭىزنى تىلەيمىز. شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا بېرىپ دېڭىزغا كىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر