بۇ شۇنداق ۋەتەندۇركى....

بىر ۋەتەننى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار... ئۇ شۇنداق بىر ۋەتەندۇركى، پۇقرالارنىڭ جېنى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا مەسئۇل كىشىلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنماقچى بولغان بىر ۋەتەن...

537169
بۇ شۇنداق ۋەتەندۇركى....

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇ شۇنداق ۋەتەندۇركى، تېررورىست ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ بارلىق قاتلاملارغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان خائىنلارنىڭ ئونلارچە يىلدىن بۇيان تەييارلىق قىلغان ‹ئۆزىنى يوقىتىش پىلانلىرى› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئورۇنۇشىغا، ئارقىدىن ئەسكەرلىرى، ساقچىلىرى، سىياسىي رەھبەرلىرى ۋە خەلقى بىرلىكتە ئۇ ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا گۇۋاھ بولغان...

يەنە، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ پۈتكۈل ساھەلىرىنى؛ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى، باش قوماندانلىق ئىشتابىنى، ساقچى ئىدارىسىنى، ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىنى بومباردىمان قىلغان، خەلققە تانكىلاردىن ئوق چىقىرىپ شېھىت قىلغان قاتىللارنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار...

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ مىللەتنىڭ نېنى يەپ، سۈيىنى ئىچىپ تۇرۇپ، خۇپيانە ھالدا بۇ قېتىمقى قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىشقا تەييارلىق قىلغان تەلۋىلەرنى خىيال قىلىپ بېقىڭلار...

بۇ ۋەتەن، قولغا چۈشۈرگەن بۇ خائىنلارنى ئەدلىيەنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن يەڭلىرىنى تۈرگەن، كۈچلۈك، يىراقنى كۆرەر، ئادىل، پارچىلانماس ئۇلۇغ تۈرك مىللىتىنىڭ ۋەتىنى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىدۇر...

مۇشۇ كۈنلەردە دۆلەتنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىۋالغانلارنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسىنى كۆرۈپ يېتىشنىڭ ئەندىكىشىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ‹سىلەر بىلەن بىر سەپتىمىز› دېگەن سۆزىدىن باشقا گەپلىرىگە ئېھتىياجى يوق...

تۈركىيەنىڭ، ئۇ ياكى بۇ ئورگاننىڭ ‹ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلار› نىڭ ئەھۋالىغا دائىر قايغۇلىرىنى ئەمەس، ‹پاجىئەنىڭ گىرۋىكىدىن قايتقان تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىكەنلىكى›نىڭ سىگنالىنى ئاڭلاشقا ئېھتىياجى بار.

لېكىن، ئۇنداق بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ... چۈنكى، تۈرك مىللىتى بىلىدۇ، ئۇ، بۇ ئىشتا تەجرىبىلىك. مەسىلە تۈركىيە بولغاندا، خەلقئارا جەمئىيەت ھەمىشە ئۇنى يىقىپ تاشلىماقچى بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمما، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK ئۇزۇن يىللارنىڭ مابەينىدە شېھىت قىلغان ئون مىڭلاچە كىشىنىڭ، ئۇ شېھىتلارنىڭ ئارقىدا قالغان ئەۋلادلىرىنىڭ، ئازابلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ئۇلارنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پەقەتلا ئورۇن ئالمايدۇ... ئەكسىچە، بۆلگۈنچى خائىنلارغا ياۋروپانىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چېدىر تىكتۈرۈپ، پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە چىقىلىدۇ، كۆرگەزمە ئاچتۇرۇپ سەنئەتكە ئالاقىدار ئىشلىرىنى ئىلھام بېرىلىدۇ!

بۇ قېتىم ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولامدۇ؟

ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

تۈركىيە دۆلىتىنىڭ نە ئۇنداق بىر ئۈمىدى، نە بۇنداق بىر ئېھتىياجى يوق... چۈنكى، بۇ دۆلەت، خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى ئەسناسىدا خەلقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلانغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يېنىغا بارغان چېغىدا؛ «باش قوماندانىم، سىزنى ۋە ئائىلىڭىزنى بىخەتەر ھالدا ئىستانبۇلغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق. يا بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىمىز ياكى ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆلىمىز» دېگەن شەرەپلىك ئەسكەرلەرگە ئامانەتتۇر. ئۇ ئەسكەرلەرنى ساقچىلار، قوراللىق ساقچى قىسىم، پۈتكۈل خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ھەممىدىن مۇھىمى خەلق قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە، ئىگە چىقماقتا.

«مۇشۇنداق شارائىتتا نازارەت ئاستىدىكىلەرگە ناچار مۇئامىلە قىلىشنى ئەيىبلىمەسلىك، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئوخشاشتۇر» دېگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن «مۇشۇنداق شارائىتتا سايلام ئارقىلىق كەلگەن بىر ھۆكۈمەت ۋە ئۇ تەۋە بولغان دۆلەتنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىمەسلىك ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئوخشاش ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىماي تۇرالمايمىز.

يەنە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن تۈركىيەگە قايتۇرۇلسا ‹ئادىل سوتلانماسلىقى› دىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىنمۇ «ئامېرىكىدىكى 11 – سېنتەبىر ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى باشتا بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئارىلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادىل ياكى ئەمەسلىكى بىر ياقتا تۇرسۇن سوتلانماستىنلا بەزىدە خوتون – بالىلىرى بىلەن قوشۇپ بومباردىمان قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشى كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇنمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر