ئىسلامدا رىزىق چۈشەنچىسى ۋە ھالال يېيىشنىڭ ئەھمىيىتى

ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم، شەك- شۇبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر.

519228
ئىسلامدا رىزىق چۈشەنچىسى ۋە ھالال يېيىشنىڭ ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق شەكىلگە كىرگۈزۈپ ياراتقان[1] ئۇلۇغ ئاللاھ، ئىنسانلار ئۆمرى بويىچە ئېھتىياج ھېس قىلىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى ھەممە شەيئىلەرنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە سۇنغان ۋە دۇنيانى نازۇ – نېمەتلەر بىلەن تولدۇرغان. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىبراھىم سۈرىسىنىڭ 34 – ئايىتىدە: «ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم، شەك- شۇبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر» دەيدۇ. رىزق دۇنيادىكى نېمەتلەردىن كىشىگە چۈشكەن قىسمى بولۇپ، ئاللاھ ھەممە مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلارغا نېسىپ قىلغان، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان نېمەتلەردۇر.

ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرسى «رەززاق» بولۇپ، يارىتىلغان ھەممە مەجۇداتنىڭ رىزقىنى تەمىنلەش مەنىسىگە ئىگە. ئاللاھ پەقەت ئىشەنگەنلەرگىلا ئەمەس، ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلارغىمۇ رىزق بېرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ماددىي ھاياتىنىڭ مەركىزىي بولغان بەدەننىڭ يېيىش، ئىچىش ۋە كىيىنىش قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىغانغا ئوخشاش، مەنىۋى ھاياتىنىڭ مەركىزىي ھېسابلىنىدىغان روھىنىڭ ئىمان، ئىبادەت، سۆيگۈ ۋە خۇشپۇراق قاتارلىق مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدىلىشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەمما، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نېمەت، توغرىنى كۆرۈشى، ھەققە يۈزلىنىشى، ھېدايەتكە ئېرىشىشى ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىپ، جەننەتكە كىرىشىدۇر.

قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەردە رىزققا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ئامىللار تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنىدۇ:

يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە (ئۆلگەندىن كېيىن) كۆمىلىدىغان جاينى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا) يېزىلغاندۇر[2].

نۇرغۇن ھايۋانلار ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ (يەنى ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىزدۇر)، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[3].

ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر[4].

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[5].

رەززاق بولغان ئاللاھ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىغا مۇۋاپىق ھالدا رىزىق تەلەپ قىلغانلارنى ئاچ قويمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ياشىغان مۇددەتچە رىزق مەسىلىسىدە ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، چۈنكى ئىنساننى ئانىسى قىپ – يالىڭاچ تۇغىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى رىزقلاندۇرىدۇ[6]» دېيىش ئارقىلىق رىزىق بەرگۈچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى، ئىمانلىق كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئانا قورسىقىدىكى بىر ھامىلە ۋە دېڭىزدىكى يالغۇز ھۈجەيرىلىك يۇسۇنلارغا ئوخشاش ئاجىز مەۋجۇداتلارنىڭ رىزقلىرى تېخىمۇ ئاسان ۋە جاپاسىز بېرىلگەن. كۈچ – قۇۋۋەتكە ئىگە بولغانلارنىڭ رىزقى - دۇنيادا كۈچكە ئىگە بولغان قانۇنىيەتلەرگە ، سەۋەب قىلىش، ئىشلەش ۋە غەيرەت قىلىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەرگە باغلىق قىلىنغان.

رىزق تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئەجەل ئىنسانغا قانداق ئەگىشىپ يۈرسە، رىزقمۇ ئىنسانغا شۇنداق ئەگىشىدۇ. ئاللاھنىڭ رىزق ئاتا قىلىشى، ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئىشلىمەسلىكنى، خاتا ھالدا تەۋەككۇل قىلىش ئىدىيەسىگە ئىگە بولۇشنى شەرت قىلمايدۇ. قۇرئان پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىنى بايان قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئىشلەپ تېپىش مەسىلىسىدىمۇ ئۈلگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىنسانلار رىزقىنى ھالال يوللاردىن تېپىش، رىزقىنى ئاز ۋەياكى كۆپ قىلىش ئارقىلىقمۇ سىنىلىدۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھ پاكىزە، ياخشى ۋە پايدىلىق شەيئىيلەرنى ئىنسانلارغا ھالال قىلىپ بەرگەن بولسا، مەينەت ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ھارام قىلغان. ئۇلۇغ ئاللاھ نەھل سۈرىسىنىڭ 114 – ئايىتىدە: « ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلاردىن رىزقىنى ھالال يولدىن تېپىپ يېيىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھالال يوللاردىن تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ھارامدىن قېچىشى پەرز ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، رىزقنى ھارامدىن تاپىدىغان يوللار، زۇلۇم قىلىش، ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە ئىنتىزامسىزلىق قىلىش، ئاخىرەتتە ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېلىغا ھارام ئارىلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ دۇئا ۋە ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن بولۇپ، ئۇ: «ئۈستى – بېشى قالايمىقان، چاڭ – تۇمان ئىچىدە قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ‹يا رەب! يا رەب!› دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى، يىگىنى ھارام، ئىچكىنى ھارام، كىيگىنى ھارام تۇرسا، بۇ كىشىنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ قوبۇل بولسۇن[7]؟» دېگەن. رىزقنى ھالال يوللاردىن تېپىپ يېيىش شەرت بولغىنىدەك، ئىسىراپ قىلماي پاكىزە ۋە ھالال يەرلەرگە سەرپ قىلىشمۇ ئوخشاشلا شەرت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ سۈرە نىسانىڭ 29 – 30 - ئايەتلىرىدە: « ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر [29]. كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بىر ھەدىسى شەرىفىدە: «ئىسىراپ ۋە كىبىر قىلماستىن يەڭلار، ئىچىڭلار، پېقىرلارغا ياردەم قىلىڭلار[8]» دەيدۇ.

ئايەت ۋە ھەدىسلەردە، شۈكرى قىلىش، ئۇرۇق – تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش، تۆۋبە قىلىش ۋە ئىستىغپار ئېيتىش قاتارلىق ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ، رىزقنىڭ تېخىمۇ بەرىكەت تېپىشىغا ۋە كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، رىزقىمنى كەڭ قىلغىن ۋە ماڭا ئاتا قىلغان رىزقلىرىمنى بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگىن[9]» دەپ دۇئا قىلىپ، ئاللاھتىن رىزىق تەلەپ قىلىش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن.

ئاللاھ ئاتا قىلغان ھەر نېمەتنىڭ جەزمەن سورىقى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئېتىقاد، مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىدا ھەر دائىم ساقلانغان بولىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلارنى ئاڭلىق ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، رىزق ئاتا قىلغاننىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن مۆئمىن، باشقىلارغا ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرگە كۆز قىزارتمايدۇ. باشقىلار ئىگە بولغان نېمەتلەرگە ھەسەت قىلمايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن خاپا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەلىرىگە بويسۇنغان ھالدا موھتاج بولغانلارغا قاراپ، قولىدىكى نېمەتنىڭ قىممىتىنى بىلىدۇ ۋە شۈكرى قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېچكىم ئۆزى ئىشلەپ تاپقاندىن تېخىمۇ خەيرىلىك بولغان رىزقنى يىيەلمەيدۇ[10]» دېيىش ئارقىلىق ئەڭ خەيرىلىك ئۇسۇلدا رىزق تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.           

 

[1] 95 – سۈرە تىن 4 - ئايەت

[2] 11 – سۈرە ھۇد 6 - ئايەت

[3] 29 – سۈېە ئەنكە بۇت 60 - ئايەت

[4] 51 – سۈرە زارىيات 58 - ئايەت

[5] 42 – سۈرە شۇرا 12 - ئايەت

[6] ئىبنى ماجە زۇھىد 14 - جىلد

[7] مۇسلىم، زاكات 65 - بەت

[8] ئىبن ماجە، لىباس 23 - بەت

[9] تىرمىزى دەئاۋەت 78 - بەت

[10]بۇخارى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر