ھاتتۇشاش ۋە بوغۇزكۆي

پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، مىڭلىغان يىللار ئىلگىرى دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك 2 ئىمپېرىيەسى بولغان ھىتىت ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى «ھاتتۇشاش ۋە بوغۇزكۆي»نى تونۇشتۇرىمىز.

518478
ھاتتۇشاش ۋە بوغۇزكۆي

ھاتتۇشاش ۋە بوغۇزكۆي

تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى (25)

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! «تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە،مىڭلىغان يىللار ئىلگىرى دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك 2 ئىمپېرىيەسى بولغان ھىتىت ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى «ھاتتۇشاش ۋە بوغۇزكۆي»نى تونۇشتۇرىمىز. ھاتتۇشاش 1986 – يىلىدىن بۇيان ب د ت مائارىپ ۋە پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى (Unesco)نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تېزىملىكىدە ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

*** ** ** **** *** *** ***** ***

بۇنىڭدىن 3500 يىل ئىلگىرى دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك ئىككى دۆلەت بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسى پىرئەۋنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىسىر، يەنە بىرى ھىتىت ئىپېرىيەسى ئىدى. بۇ ئىككى قۇدرەتلىك ئىمپېرىيە ئەينى چاغدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم جايلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇ دەۋرلەردە ئىنسانلارنىڭ قاتنىشى، نوپۇسى، تېخنىكىسى ۋە باشقا ئىمكانىيەتلىرى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، سەپەر بىخەتەرلىكىنى يارىتىش، سودا – تىجارەتنىڭ راۋانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.  ياپانسىز دۇنيانى يالغۇز بىرلا ئىمپېرىيە ئاستىدا باشقۇرۇپ كېتىش تەس ئىدى. داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىسيانلار ۋە بۇلاڭچىلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيان چوڭ ئىمپېرىيەلەرنىڭمۇ بېشىنى ئاغرىتاتتى.

ھىتىتلەر، ھازىرقى  چورۇم ئەتراپىدىكى ھاتتۇشاش – بوغۇزكۆينى پايتەخت قىلغان بولۇپ، تۆتلى ئەتراپقا قاراپ ھاكىمىيەت تىررورتورىيەسىنى كېڭەيتىپ ماڭغان ئىدى. ھىندى ياۋروپا تىل سىستېمىسىگە تەۋە ئەڭ قەدىمقى خەلق دەپمۇ بىلىنىدىغان ھىتىتلەر، كۆپ ئىلاھلىق دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. بولۇپمۇ بوران - چاپقۇن تەڭرىسى بىلەن ئايال قوياش تەڭرىسى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. ئىستىلا قىلغان جايلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭمۇ تەڭرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ ماڭغان ئىدى. ئاخىرى شۇنداق بىر ھالغا كەلدىكى، ھەتتا ئۇلار «1000 تەڭرىسى بار خەلق» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. چۈنكى ئۇلار قانداقلا جاينى فەتھى قىلسا، شۇ يەرنىڭ يەرلىك خەلقىنىڭ تەڭرىسىنىمۇ بىرەر زىيان ئېلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز تەڭرىلىرى قاتارىغا قوشۇۋالاتتى.

*** ** *** ** **** ** ** *** *** *** ***** **

ھىتىتلەرنىڭ پايتەختى بولغان ھاتتۇشاش – بوغۇزكۆي مىلادىدىن ئىلگىرىكى 17 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە ھىتىت ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولۇشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئاستى تەرەپتە دەريا  ۋە يۇقىرىيب شەھەر قىسمى ھەمدە دىنىي مەركىزى بولغان «يازىكايا» شەھەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت  مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ھىتىتلەرنىڭ تەۋراتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات يوق ئىدى. 1890 – يىلى ئارخىلوگلارنىڭ بۇ جاينى بايقىشى بىلەن كونكېرت مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ھاتتۇشاشتا ئېلىپ بېرىلغان قېزىپ تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئىمپرىيە ئارخىپلىرى تېپىلدى ۋە يېزىقلار ئوقۇپ چىقىلغاندىن كېيىن ئۇلار ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا يول ئاچتى. ئۇلار چىقارغان قانۇنلىرى بىلەن ھەقىقىي بىر قانۇن دۆلىتى بولۇشتا ئۇتۇققا ئېرىشكەن ئىدى. ھەر بىر شەھەرنىڭ باشلىقى ئىمپېرتورنىڭ نامىدىن ھەم رايوننى باشقۇراتتى، ھەم ئادالەتنى بەرپا قىلاتتى. پايتەختنىڭ كىرىش ئېغىزى بولغان ئاسلانلى دەرۋازىسى، سفېنسكىلى دەرۋازى ۋە پادىشاھ دەرۋازىسى ھازىرمۇ ماۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.  خېيىم – خەتەر مەزگىلىدە ئالدىنقى قاتاردىكى زاتلارنىڭ قېچىشى ئۈچۈن ياسالغان مەخپىي تۆنېل يوللار بۈگۈنكى كۈندىمۇ زىيارەتچىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان جايلار قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىدىكى خام خىشتىن ياسالغان سپىللارمۇ  قايتىدىن رېمۇنت قىلىپ ئەسلىگە ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرۈلدى.

*** ** *** **** ** *** *** *

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 13 – ئەسىردە بولسا، ھىتىتلەر بىلەن مىسىرلىقلار سۈرىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلدى. ھىتىتلەرنىڭ قوراللىرى ۋە ئۇرۇش ھارۋىلىرى تېخنىكا جەھەتتىن ئىنتايىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. 37 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىدا 3500 دانە 3 كىشىلىك ئۇرۇش ھارۋىسى  بار ئىدى. مىسىر قوشۇنى 20 مىڭ كىشى ۋە 2000 ئۇرۇش ھارۋىسىدىن تەركىپ تاپقان ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1295 – يىلى كادەش ئويمانلىقىدا ئىككى دۆلەت قىسىملىرى ئۇرۇش قىلدى. بىراق ھېچ بىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. ئۇرۇش بولغان كۈنى كۆرۈلگەن قوياش تۇتۇلۇش ۋەقەسى «تەڭرىلەر ئۇرۇشنى خالىمايۋاتىدۇ» دەپ ئىزاھلىنىشقا يول ئاچتى.  شۇنىڭ بىلەن مىسىرنىڭ ئاتاقلىق پىرئەۋنى 2 – رامسىس ۋە ھىتىت ئىمپېراتورى 3 – ھاتتۇشۇلى ئوتتۇرىسىدا كادەش تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلدى. سۈرىيەنى ئۆز ئارا بۆلۈشۈش نەتىجىسىدە ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولدى ھەمدە بۇ كېلىشىم تارىخقا قەيت قىلىنغان تۈنجى تىنچلىق كېلىشمى بولۇپ قالدى. بۇ كېلىشىمنامىنىڭ مىسىرچە ۋە ھىتىتچە ئۆرنەكلىرى ھەر ئىككى پايتەختتە كىشىلەر كۆرەلەيدىغان ئېگىز يەرگە ئېسىلدى. 1906 – يىلى ھاتتۇشاشتا ئېلىپ بېرىلغان قېزىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تېپىلغان بۇ كېلىشىمنامە، بۈگۈنكى كۈندە ئىستانبۇل ئارخىئولوگىيە مۇزىيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

كېلىشىمنامىنىڭ چوڭايتىلغان بىر نۇسخىسى نىيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىدا تارىختىكى تۈنجى تىنچلىق كېلىشىمى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە ساقلانماقتا. كادەش كېلىشىمىدىن كېيىن ھىتىت ۋە مىسىر بىر  -بىرىگە ئەلچىلەر يوللىدى.  ئۆزئارا قويۇقلاشقان مۇناسىۋەتلەر ھەممىلا ساھەسەدە ھەتتا كېيىم مودىسى ۋە بىناكارلىق ساھەسىدىمۇ ئۆزىنى نامايان قىلدى. ھىتىتنىڭ پايتەختىنىڭ جەنۇبىدىكى سېپىل تاملىرى پىرامىت شەكلىدە ياساپ چىقىلدى. بۇ پىرامىت سىپىل ھازىرقى كۈندىمۇ زىيارەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. بوغۇزكۆي مۇزىيى ۋە جورۇ مۇزىيىنى ھىتىت دەۋرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۈلتۈر يادىكارلىقلىرىغا تولغان  دېيىشكە بولىدۇ.

ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرسىدە بۇنىدىن 3500 يىل ئىلگىرى دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلىتى بولغان ھىتىتلەرنىڭ پايتەختىگە يولىڭىز چۈشۈپ قالسا، بۇ يەردىكى كۈلتۈر بايلىقلىرىنى زىيارەت قىلىشنى قەتئىي ئۇنتۇماڭ! بۇنىڭدىن باشقا يەنە چورۇمنىڭ نۇقۇتلىرىنىڭ تەمىنىمۇ چوقۇم تېتىپ كۆرۈڭ!!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر