«ئەرمەن قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا ھېنرىخ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ۋە كاۋكازىيە تەتقىقاتلىرى مەركىزىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى ئالىم دوكتور جوھاننېس ھېنرىخ بىلەن گېرمانىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلغان ئەرمەنى قىرغىنچىلىق لايىھەسى ئۈستىدە سۆھبەت.

516121
«ئەرمەن قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا ھېنرىخ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈنكى تېمىمىز گېرمانىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەرمەنى قىرغىنچىلىق لايىھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ھەقتە گېرمانىيەلىك ئالىم دوكتور جوھاننېس ھېنرىخنىڭ باياناتلىرى ۋە ئانالىزلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا تىرىشىمىز. ئۇ 2006 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ۋە كاۋكازىيە تەتقىقاتلىرى مەركىزىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە مەركەزنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

سوئال: ھۆرمەتلىك ھېنرىخ ئەپەندى، سىزگىمۇ مەلۇم گېرمانىيە پارلامېنتى ئەرمەنى قىرغىنچىلىق لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئىش سىز ئۈچۈن يېڭىلىق بولدىمۇ؟

ياق، لايىھەنىڭ قوبۇل قىلىنىشى مېنى پەقەتلا ھەيران قالدۇرمىدى. ئۆتكەن يىلى قوبۇل قىلىنغان سالمىقى يەڭگىل لايىھەدىن كېيىن، بۇ يىل ئەسلى تۈركىيەلىك گېرمان پارلامېنت ئەزاسى جەم ئۆزدەمىر باشلامچىلىقىدا قىرغىنچىلىق ئاتالغۇسى ئاستىدا تەييارلانغان لايىھەنىڭ قوبۇل قىلىنىشى قەتئىي يېڭىلىق تۇيۇلمىدى. ئەمما، بۇ يەنىلا ناھايىتى زور ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر.

سوئال: سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، بۇ ئىشنىڭ بۇ نۇقتىغا كېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

گېرمانىيە فېدېراتىپ مەجلىسى 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە «قىرغىنچىلىق» دەپ قاراش ۋە بۇنىڭ بىر لايىھە ئارقىلىق تىزىملىككە ئېلىنىشىنى خالايتتى. بۇنداق قىلغاندا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا ئوسمان ئىمپېرىيەسىدىكى گېرمان ناتسىس قىسىملىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېتىراپ قىلاتتى. ئۆز ۋاقتىدا كۆپ ساندا ناتسىس ئوفىتسېرى، گېنېرالى بار ئىدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوسمانلى قۇشۇنلىرىدا قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. بۇنىمۇ يېشىللار پارتىيەسىدىن ئەسلى تۈركىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى جەم ئۆزدەمىر ۋە خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلىكى پارتىيەسىدىن ۋولكېر كائۇدېر ئىسىملىك پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى سايىسىدە تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىندى.

گېرمانىيە فېدېراتىپ پارلامېنتى قوبۇل قىلغان بۇ ئەرمەنى قىرغىنچىلىق لايىھەسىنىڭ مەقسىتى نېمە ئىدى؟

بۇنىڭ ئىككى جاۋابى بار. رەسمىي جاۋابقا ئاساسلانغاندا، ھۆرمەتلىك كائۇدېرنىڭ تەبىرى بويىچە، بۇ ئەرمەنى قىرغىنچىلىق لايىھەسى ئارقىلىق تۈرك ۋە ئەرمەن خەلقلىرى ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. مەن بۇنى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايمەن. ئەرمەنلەر بىلەن تۈركلەر ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلىگە چەتتىكى بىرى سۈپىتىدە ئالدىن يەكۈن چىقىرىۋالغان ھالدا مۇئامىلە قىلسام، ئۇنى قانداق ھەل قىلالايمەن؟! ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشنىڭ پەردە ئارقىسىدا پارتىيەنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە كۈچ تالىشىش جېدەللىرى ياتىدۇ. گېرمانىيەدە ئاشقۇن ئوڭچىلار ئېقىمىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى نامايان بولماقتا. بۇلارنىڭ سىياسىي پىكرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيەلەرنىڭ بىرى AFD، يەنى گېرمانىيە تەڭداش پارتىيەسى. گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى ئاجىزلىماقتا. CDU كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قوللاشتىن ئايرىلىپ قالدى. شۇڭا، ئاۋامچە ھەرىكەت قىلىپ مۇساپىرلارغا قارشى، تۈركىيەگە قارشى سۆز – چۆچەكلەرنى خەلق ئارىسىغا تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا تىرىشماقتا. چۈنكى، خەلق بۇ خىل سۆز – چۆچەكلەرگە ئاسان ئەگىشىدۇ. مېنىڭچە، جەم ئۆزدەمىرنىڭ بۇ يەردىكى مۇددىئاسى تېخىمۇ كۆپ بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن گېرمانىيە تەڭداش پارتىيەسىگە ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەردوغانغا قارشى پوزىتسىيەدە بولماقتا.

سوئال: سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، بۇ ئەھۋاللارنىڭ قانداق رېفلېكسلىرى بولىدۇ؟

ئىلمىي جەھەتتىن قارايدىغان بولسام، مېنىڭچە چىقىرىلغان قارار بىر پاجىئە. چۈنكى بۇ  ئارقىلىق قايتىدىن بىر مەسىلىنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا نەتىجىلەندۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقتۇر. سىياسىي جەھەتتىن قارىغىنىمىزدا، بۇ نومۇس قىلارلىق قارار. بۇ سەۋەبلىك بىر قاتلام، بىر گۇرۇپپىنى چەتكە قېقىش بەدىلىگە ئاۋازغا ئېرىشىدۇ. يەنى ئاۋازلارنىڭ ئېغىپ كېتىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن بىر قاتلامنى چەتكە قاقىدىغان بۇنداق ئىش بولمايدۇ. توغرا ئىش مەسىلىنى ئايدىڭلىتىش بولۇشى كېرەك ئىدى. تۈركىيە گېرمانىيەنىڭ مۇھىم بىر شېرىكى ۋە بۇ مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. بۇ  ئۆتمۈشتە مۇشۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق، كېلەچەكتىمۇ مۇشۇنداق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ يەردە جەم ئۆزدەمىر ۋە ۋولكېر كائۇدېر لايىھە ئۈچۈن سەرپ قىلغان كۈچنى رۇسىيە، فىرانسىيە ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئارخىپلىرىنى ئېچىشقا سەرپ قىلغان بولسا ئىدى، تېخىمۇ مەنىلىك بولغان بولاتتى.

سوئال: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قانچىلىغان قېتىم مەسىلىنىڭ تارىخچىلار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشىنى بايان قىلغان ئىكەن. سىزنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قارىشىڭىز قانداق؟

جاۋاب: قوبۇل قىلىنغان بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ تارىخچىلار تەرىپىدىن تالاش - تارتىش قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى گېرمانىيە پارلامېنتى ھەرقانداق بىر دېموكراتىك پارلامېنتقا ئوخشاشلا توغرا دەپ قارىغان مەسىلىلەردە قارار ماقۇللايدۇ. مەسىلەن، يۇگوسلاۋىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە قىسىملىرى ناتو نىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا بېلگرادنى بومباردىمان قىلغاندا، فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەقتە ئالغان بىر قارارىغا ئاساسەن مەزكۇر ھۇجۇم تالاش - تارتىش قىلىنمىدى. ئۇنداق بولمىغىنىدا ئىدى، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولاتتى. قانۇنشۇناسلار بۇنى دۆلەتلەر قانۇنىي جەھەتتىن ھۇجۇم  دەپ قاراش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. بۇ يەردە ئېيتماقچى بولغىنىم شۇكى، ھەرقانداق بىر پارلامېنتنىڭ قارارى ھېچقاچان ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش مەجبۇرىيىتى يوقتۇر. پارلامېنتلارغا نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئىشەنچ تۇيغۇسى ھاسىل قىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.

سوئال: بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب: بۇ يەردە ھەر بىر سىياسىيوننىڭ پىسخولوگىيەسى ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەرقانداق بىر سىياسىيون ئۆزىنىڭ سىياسىي كۈچىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدۇ. مەسىلەن، كىم دىتىمغا ياقار، كىم ياقماس، قايسى مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزەرمەن، دەپ ئويلايدۇ. تېمىمىز: ئەرمەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قانۇن تەكلىپى. مەن بۇ تەتقىقاتىمدا بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقتىم. بۇ سايىدە تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 200 يىللىق ئۆتمۈشى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ياۋروپادا ھەمىشە سەلبىي تۈركىيە مەنزىرەسى يارىتىلغان. بۇ مەنزىرە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئالايلۇق، قانۇن تەكلىپى قوبۇل قىىلىنىپ، 2 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ «‹ N-TV › تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە، ئېرىچ ئىسىملىك بىر كەسپدىشىم ھەتتا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىلىقمۇ پىكىر بايان قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا، بۇ لاگېرلارغا ئەرمەنلەر توپلانغان، كېيىنچە قەتل قىلىنغانىدى. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخىي يالغان – ياۋىداقلار ئىدى. چۈنكى ئەرمەنلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا توپلانغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات يوق. بۇنى ئېلان قىلغان كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مېنى بۇ لاگېرلارغا ئائىت مەنبە بىلەن تەمىنلىشىنى ئۆتۈنگەن بولساممۇ، ئەمما ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىدىم.

سوئال: ئېيتقانلىرىڭىزدىن قارىغاندا، سىز بۇ مەسىلنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 10 يىلدىن كۆپرەپ ۋاقىت سەرپ قىلغاندەك تۇرىسىز. سىزنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا قارىشىڭىز قانداق؟ تارىخىي ھەقىقەتلەر زادى قايسى؟

جاۋاب: بىر رادىيودا ئاڭلىتىش ئۈچۈن مەسىلىنى بىرئاز خۇلاسىلەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاي. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ سان - ساناقسىز ھەق - ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرى بولغان تۈركىيە خەلقى بۇنى چۈشىنىپ يېتىشى لازىم. تەخمىنەن 600 – 800 مىڭ ئەرمەننىڭ قەتل قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەمما، مەن بۇ ھەقتە ھەم غەربلىك ئالىملارنى ھەم گېرمانىيە ھەمدە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. تەخمىنەن ئوخشاش نىسبەتتە مۇسۇلمانلار قەتل قىلىنغاندا ھېچكىمدىن سادا چىقمايدۇ. ئەرمەنلەر رۇس ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە كاۋكاز رايونىدا قەتلىئام يۈرگۈزگەن. تۈركىيەگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەزەرى قېرىنداشلىرى قەتل قىلىنغان. تۈركلەرنىڭ بۇنى كۆرمەسكە سېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى تۈركلەر بىلەن ئەزەرىلەر قېرىنداش خەلقلەردۇر. بۇ ئائىلىلەرنىڭ قوشنىلىرى، دوستلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بار. ھەم ئەرمەنلەر ھەم رۇسىيە ئەرمەنىلىرى رۇسلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ شەرقىي ئانادولۇدىكى تۈركىيە ئەرمەنلىرىنىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان. رۇسلار تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش ئاچماي تۇرۇپ، ئۇلار تۈركلەرگە قارشى شىددەتلىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان. رۇسلارنىڭ ئەرمەنلەر بىلەن بىرلىكتە يۈرگۈزگەن بۇ قەتلىئاملىرى تۈركلەرنىڭ ئەرمەنلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن قەتلىئاملاردىنمۇ مەسۇم ئەمەس ئىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مەن بۇلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارىمايمەن. چۈنكى بۇ دەل بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەسىلىلىرىدۇر. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىككى تۈرلۈك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدە توختىلىشىمىز مۇمكىن. ھەم ئەرمەنلەرنىڭ ھەم رۇسلارنىڭ شەرقىي ئانادولۇدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەم گېرمان ئوفىتسېرلارنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە ئەرمەنلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى. مەن شەخسەن بۇ مەسىلىنى كۆپتۈرۈۋەتكەنلىك دەپ قارايمەن. بۇ قاراشنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا، بىر ئەمەس، ئەكسىچە ئىككى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلگەنلىكتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

سوئال: بۇنداق قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلغىنىدىن قارىغاندا، گېرمانىيە ئۆزىگە ئۆزى ئورا كولىغانلىق بولمامدۇ؟ چۈنكى ئۇلارمۇ جىنايەت شېرىكلىرىغۇ!

جاۋاب: ئاساسىي جەھەتتىن شۇنداق. گېرمانىيە پارلامېنتى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىنى كۆتۈرۈپ قوپقان ئىكەن، ئۇنداقتا مۇنۇ سوئالنىمۇ سوراش كېرەك. گېرمانلار بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلايۋاتىدۇ؟ ئەسلىدە تېخىمۇ چوڭقۇرراق سوئالمۇ شۇنداق بولۇشى لازىم. گېرمانىيە پارلامېنتى نامبىيەدىكى ھېررېرولار بىلەن ناماسلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نېمىشقا قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەممىگە بەش قولدەك ئايان، ئەلۋەتتە. مېنىڭ ئۇستازىم بولغان بىر پىروفېسسور غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا باشلامچىلىق قىلغان قوماندان لوتھار ۋون تروتھانىڭ جىيەنى ئىكەنتۇق. دادىسىنىڭ تاغىسى ھەمىشە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرۇلۇق گەپ ساتىدىكەنتۇق. قىسقىسى، بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇش ئۈچۈن زىممىمىزگە ناھايىتى كۆپ  مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە ئەخلاقىي جەھەتتىن پاكدىللىق بىلەن بىر ئىش قىلماي تۇرالمايمىز. بۇ يەردە مەسىلە، تۈركىيەگە خىرىس قىلىپ، يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىغا توسقۇنلۇق قىلىشتۇر. مېنىڭچە بولغاندا، ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم چۈشەنچە مانا مۇشۇ.

سوئال: ئۇنداقتا، بۇ ئەھۋال تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

جاۋاب: ئەمەلىيەتتە بۇ ئەنقەرەنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىقتۇر. ھازىرغىچە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ ئىشقا ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. شۇنداقلا نارازىلىقىنىمۇ ئىپادىلەپ قويۇشقا سەل قارىمىدى، ئەسلى تۈرك بولغان گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈپ بېقىش توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر قاتتىق تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. مېنىڭچە، بۇنىڭدا تەرجىمە خاتاسى بار. چۈنكى« قېنى بۇزۇق» دېگەن ئىبارىنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بولغانلىقتىن، خاتا چۈشىنىۋېلىنىدىغان ۋە تەرجىمە قىلىنىدىغان ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال. ھەتتا بەزى مېدىيا ئورگانلىرى بۇ مەسىلىنى ناھايىتى تولۇق ئىزاھلىدى. ئەردوغان بۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا ناھايىتى ئاقىلانە ھەرىكەت قىلدى. گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك ئەلچىسىنى ئەنقەرەگە چاقىرتىپ كەلدى، تۈركىيەدىكى گېرمانىيە ئەلچىسى بولسا،  تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى. بۇلار تاشلاشقا تېگىشلىك دىپلوماتىك قەدەملەردۇر. ئەردوغان بۇ ئىشقا تېخىمۇ كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرەلەيتتى، بىراق ئۇنداق قىلمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن كوزىر بار ئىدى.  مەسىلەن، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالغان ھەربىي كېلىشىم بار بولۇپ، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي ئانادولۇدىكى تۆۋەن ئۇچۇش رۇخسىتىنى بىكار قىلىۋېتەلەيتتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان مۇساپىرلار كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتەلەيتتى، شۇنداقلا مۇساپىرلارنىڭ ئەدىرنەگىچە ئۆتۈشىگە كۆز يۇمالايتتى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ئەنقەرەدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كېڭەش قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان مەسىلىلەردىن بىرىسىدۇر.

سوئال: بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋىزا چەكلمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم مەسىلىدۇر. بەزى كونسىرۋاتىپ كۈچلەر تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن خىلمۇ خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇلار ئەسلدىنلا ۋىزا چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قارشى چىقىپ كېلىۋاتاتتى. بۇ مەسىلە ئۇزۇندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى ئىدى. تۈركلەرگە ۋىزا چەكلمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، بىۋاستىلا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولالىشى مۇمكىن. بۇ يەردە كونستىرۋاتىپلارنىڭ ھەممىدىن بەك ئەندىشە قىلىدىغىنى ياكى قورقىدىغىنى، 78 مىيليون تۈركنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېلىشكە ئۇرۇنۇشلىرى ئىدى.

سوئال: ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالغا سىز قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: مەن كونسىرۋاتىپلارنىڭ بۇ قارىشىغا قوشۇلمايمەن، مەن شەخسەن تۈركىيەدە 3 يىل ياشىدىم. بۇ جەرياندا جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرى ۋە سىياسەتچىلەر تونۇشۇش ۋە پىكىرلشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مېنىڭچە تۈركلەر تۈركىيەدە ياشىغانلىقىدىن تولىمۇ خوشال، پەقەت ۋىزا بەلگىملىرى، رەسمىيەتلىرى شۇنداقلا بىيوكراتىك ئورۇنلار بىلەن ئاۋارە بولۇشنى خالىمايدۇ. تۈركلەر بىزگە نىسبەتەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاش قانداق ئاسان بولسا، بۇ ئىشلارنىڭمۇ شۇنداق ئاسان بولۇشىنى خالايدۇ. تۈركلەر قانداقتۇر يۈك-تاقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ گېرمانىيەگە كېتىپ تامامەن ئولتۇراقلىشىشنى خالايدىغان مىللەت ئەمەس. بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. گېرمانىيەنىڭ  ئىقتىسادىي ئەھۋالى بۇرۇنقىدەكمۇ ياخشى ئەمەس، بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ھازىر تۇرغۇنلۇق ئىچىدە بولۇپ، زورىيىش نىسبىتى تولىمۇ ئاستا. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جانلىق بولۇپ، زورىيىش نىسبىتى يۇقىرى بولماقتا. شۇڭلاشقا، كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدىن كۈتىدىغانلىرى تولىمۇ يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر ئۆز يۇرتلىرىدا ئانا تىلىدا ئىشلەپ ياشاشنى خالايدۇ.

سوئال: كەلگۈسىگە نىسبەتەن تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ئەمەلىيەتتە، ياۋروپا كەلگۈسىگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك ئاجىزلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى تولىمۇ زۆرۈر. تۈركىيە بىلەن ياخشى دوستلۇق ئورنىتىپ، ئوڭۇشلۇق مۇزاكىرىلەرنى ئۆتكۈزۈش كېرەك. تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولالايدىغان شارائىتلارغا ئىگە. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇشىغا بىر ئاز ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.  ياۋروپا تۈركىيەگە دۇرۇست  مۇمائىلە قىلىپ شۇنى دېيەلىگەن بولسا ياخشى بولاتتتى: بىز دوست بولساق بولىدۇ، بىراق بىر-بىرىمىزگە مۇۋاپىق ئەمەسمىمىز. بىز تۈركىيەنى خالىمايدىغان بولساق، گېپىمىزنى ئوچۇق قىلساق بولاتتى. بۇنداق بولغاندا، تۈركىيەمۇ ئۆزىنىڭ يولىنى بېكىتىپ باشقىچە يول تۇتقان بولاتتى. ئۆز ۋاقىتدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ گېپىمۇ چىقتى. بۇ گەپ چىققاندا ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جاۋابى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، تۈركىيەگە چوقۇم سەممىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

سوئال: بۇ قانۇن تەكلىپى گېرمانىيە جەمئىيىتىدە قانداق ئىنكاس پەيدا قىلدى؟

جاۋاب: بۇنداق بىر قانۇن تەكلىپىنىڭ گېرمانىيە جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئۇنچىۋالا ئەھمىيىتى يوق. بۇ ھەقتە كۆپ مەلۇماتى يوق، بىراق پىكىرى بولغانلار بۇ مەسىلىنى «Der Spiegel » ژۇرنلىدىن ئۆگىنىدۇ، ياكىARD شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن Arget ناملىق  فىلىم ئارقىلىق بۇ مەسىلىدىن خەۋەر تاپقانلار بولسا، بۇنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. بۇ مەسىلە ئۆزلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپمۇ قويمايدۇ. مەن ھەر ۋاقىت تۈرك ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا گېرمانىيەلىكلەرنى چۈشەندۈرۈپ كەلدىم. قىسقىسى، بۇ ھېچقانداق مەسىلىدە مەلۇماتى يوق، بىراق ھەر مەسىلىدە مەلۇماتلۇق دېگەنگەن ئوخشاش، بىر ئشقا ئوخشاپ قالدى. بۇ ئىبارە سىزنىڭ سوئالىڭىزنىڭ نەق جاۋابىدۇر. يەنى بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇماتىمىز يوق تۇرۇپ، ئاتالمىش ئەرمەنى مەسىلىسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، خالاس.

  سوئال: ئەرمەنلەرنىڭ پوزىتسىيەسىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ئەرمەنلەر دېگەن ۋاقتىمىزدا قايسى ئەرمەنلەرنى كۆزدە تۇتىمىز، بۇ كۆپىرەك ئەرمەنلەرنىڭ دىياسپوراسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئەلۋەتتە، ئەرمېنىيە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، بۇ دۆلەت مالىيە جەھەتتىن فىرانسىيە، شىۋېيتسارىيە، ئامېرىكا، ھەتتا ئارگېنتىنادىكى دىياسپورا جەئىيەتلىرىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. مەن ئەنقەرەدىكى ۋاقتىمدا قۇرتۇلۇش مەھەللىسىدە تونۇشقان ئەرمەنلەر بار ئىدى. ئۇلار مەسىلىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان نۇقتىدا قارايتتى. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە زالىملارچە مۇئامىلە قىلغان، تارىختىكى «قارا داغ» دەيتتى. ئىستانبۇلدىكى ئەرمەن پاترىكخانىسىنىڭ ياردەمچىسى ئارام ئاتەشيان   بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا يازغان مەكتۇبىدا، قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى خاتا دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەنمۇ ئوخشاش قانائەت ھاسىل قىلدىم. بۇنىڭدىن تۈركىيەدە تۈركلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشىغان ئەرمەنلەرنىڭ مەسىلىگە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئەمەلىيەتچىللىك بىلەن قارايدىغانلىقىنى كۆردۈم.

سوئال:  مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بىزگە شۇ دەۋردە قانداق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

جاۋاب: مەسىلىنى تقەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىر باشلانغۇچ نۇقتىسى بېكىتىىشكە توغرا كېلىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 1915 – يىلقى ۋەقەلەر مەقسەتلىك ئوتتۇرىغا چىقىرىلماقتا. مېنىڭچە بولغاندا، مەسىلىنى تۇنجى ئەرمەنى ئىنقىلابىي كومىتېتلىرى قۇرۇلغان 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىبارەن تەتقىق قىلىش كېرەك. 1829 – يىلى گىرېتسىيە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاررۇزىسىغا خىلاپ ھالدا مۇستەقىللىققا يۈزلەندۈرۈلدى. شۇ دەۋردىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېررېتورىيەسىدە ياشاۋاتقان ئاز سانلىقلارغا ياردەم بېرىلدى. ياۋروپالىق چوڭ كۈچلەر بۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە مەلۇم گۇرۇپپىلارنى نىشان قىلىپ بېكىتتى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ نىشانى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇزۇش ئىدى. مەسىلەن، فىرانسىيە رۇسىيە ئەرمەنىلىرىگە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە كوردلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. رۇسلار، ۋلاھلار ۋە سېربلار رومنېيەلىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ھەر بىر دەۋردە ھەر بىر رايوندا ئاز سانلىقلارنى مۇستەقىللىققا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك قەدەملەر تاشلىنىۋاتاتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 19 – ئەسىرنىڭ  ئاخىرلىرى ئەرمەنى ئىنقىلابىي كومىتېتلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئالدى بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەرمەنى دىنىي زاتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ۋاندىكى پوروشېنكو ياردەمچىسىگە، ئىستانبۇلدىكى راھىبقا، ھەتتا سۇلتان 2 – ئابدۇلھامىتقا سۇيىقەست قىلىندى.

ئوسمانلى بانكىسى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىغانىدى. بۇ تېررورلۇق ۋەقەلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆپەيدى. شۇنى نەزەردىن ساقىتپ قىلماسلىق كېرەككى، ئەينى ۋاقىتتا ئەرمەنىي ئىنقىلابچى كۈچلەر ياش تۈركلەر بىلەن بىر سەپتىن ئورۇن ئالدى. ئۇلار پادىشاھنى ئاغدۇرۇۋېىشنى مەقسەت قىلاتتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېنىق بولۇشقا باشلىغاندا، ئەرمەنىي ئىنقىلابچى كۈچلەر ياش تۈركلەردىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇشقا ئۇرۇندى. چۈنكى رۇسىيە ئەرمەنىلەرنى قوللاشقا ۋەدە بەرگەنىدى، ئەرمەنىيلەر غەربىي ئەرمېنىيە بىلەن شەرقىي ئەرمېنىيە زېمىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ خىيالىنى قىلىپ يۈرەتتى، ئەرمەنىلەرگە مۇشۇنداق ۋەدىلەر بېرىلدى. ئىشنىڭ ھەممىدىن مۇھىم نۇقتىسى دەل مۇشۇ يەردە ياتىدۇ، ئەرمەنىلەر ئەينى ۋاقىتتا رۇسلارغا ئىشىنىپ قالغانىدى، رۇسلار ھەقىقەتەن مۇستەقىل بىر ئەرمېنىيە ۋۇجۇدقا چىقارالىغان بولسا ئىدى، ئۆز زېمىنىدىكى رايونننىڭ  مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان بولاتتى. ئارقىدىن ئوخشاش تەلەپنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن  تەلەپ قىلغان بولاتتى. بىراق بۇنداق بىر پىكىر ياكى چۈشەنچە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. رۇسلارنىڭ غەرىزى ئىسسىق دېڭىزلارنىڭ يەنى ئاق دېڭىزنىڭ تىزگىنىنى تارتىۋېلىش ئىدى. ئىشنىڭ كەينىدە مۇشۇنداق پىلانلار ياتاتتى. كېيىنچە ئەھۋال تۇيۇقسىزلا مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. ئەرمەنىي كۈچلەر تۈرك يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلدى. ئېتىزلىقلار ۋە ئورماندا ئىشلەيدىغان ئەرلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلگەندە ئۆلتۈرۈلگەن ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆردى. بۇ قېتىم ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى ئەرمەنىي يېزىىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئەرمەنىيلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىدى. ئەسلىدە ئەرمەنىي قوشنىلارنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوق ئىدى. قەتلىئام قىلغانلار ئەرمەنىي تېررورچىلار ئىدى. بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىتلاردا كىمنىڭ تېررورچى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش تەس ئىدى. ۋەقەلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئەۋج ئېلىپ كەتتى. چۈنكى ياۋروپالىق چوڭ كۈچلەر ئارىلاشماسلىققا تىگىشلىك مەسىلىلەر ۋە ئىشلارغا ئارىلاشتى.

سوئال: ھۆرمەتلىك ھېنرىخ پىروگراممىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن تولۇقلاپ قويىدىغان باشقا مەسىلىلەر بارمۇ؟

ئەلۋەتتە، بىر چاقىرىقىم بار. بىز بۇ خىل تارىخىي ۋەقەلەرنى پارلامېنتلاردا ۋە تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قىلىشتىن ۋاز كېچىشىمىز لازىم. بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى ئارخىپلىرىنى ئېچىشقا مەجبۇرلىشى كېرەك. ئەمما، بۈگۈنگىچە بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇ يەردە رۇسىيە بىلەن ئەرمېنىيە مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم دۆلەتلەردۇر. ھەتتا مەركىزىي بوستونغا جايلاشقان ئەرمەن فېدېراتسىيەسىمۇ ئارخىپلىرىنى ئېچىشى كېرەك. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارخىپلىرىنى بۇ يەرلەرگە يۆتكىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. تارىخىي ۋەقەلەرگە باھا بېرىشنى خالىساق، ئۇنى سىياسىي ياكى مەتبۇئات خاراكتېرىدە ئەمەس، بەلكى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز لازىم. 

سوئال: مۇشۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتامدۇ؟

ياق، مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات لايھەلىرى ناھايىتى ئاز بولۇپ، يوق دېيەرلىك دېسەكمۇ بولىدۇ. بار دېگىنىمىزدە، بەزى تىنچلىق ۋە كىرىزىس تەتقىقات مەركەزلىرى بار. بۇلار مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىدىن بەكرەك، تىنچلىق ۋە مەسىلىنىڭ تېمىسىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ نۇقتىنى گېرمانىيەدە مەسىلە ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن بىلىم ئادەملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز. ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئارخىپلارنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئادەتتە بىر – بىرىدىن نەقىل ئالغان ھالدا ماقالىلەر يېزىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەسلى مەنبەگە چۆكۈشنىڭ ئالدىنى توسۇپ قويۇۋاتىدۇ. تاراتقۇلار بۇنى قوبۇل قىلىپ، نۇرغۇن بىلىم ئادەملىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى قوللايدۇ دەپ باياناتلار ئېلان قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ قارىشىم مۇنداق: ئارىىپلارنى تەتقىق قىلغان بىلىم ئادەملىرى دەل ئەكسىچە قاراشتا. شۇڭا، قۇتۇپلىشىش پەيدا بولدى. ئەسلى مەسىلىمىز بۇدۇر. مەسىلە سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە قىلىنىپ، ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ. مەسىلە قايتىدىن ئىلمىيلىشىشى لازىم.

ھۆرمەتلىك ھېنرىخ ئەپەندى مەلۇماتلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر