ئۆتكۈر باغلىغان رىشتە (1)

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «يوق، يوق» دېگەن رادىپلىق شېئىرى بىلەن تۈركىيەدە يېزىلغان «يوق، يوق» رادىپلىق شېئىرلار ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە.

514357
ئۆتكۈر باغلىغان رىشتە (1)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەدە مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات كۈچەيگەنچە مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تۈرك خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ئائىت مەزمۇنلار بايقالماقتا. بولۇپمۇ،  شېئىرلاردا ئەزەلدىن ئورتاق مەدەنىيەتنىڭ ھەقدارلىرى بولۇپ ياشاپ كەلگەن تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئەدەبىياتىغا ئورتاق ئامىللارنىڭ ئىپادىلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا ۋە دىققەت تارتماقتا. تەتقىقاتچى ئۆزگۈر ئاي ئەپەندى مەرھۇم  ئەدىپنىڭ «ئىز» رومانى ئۈستىدە توختىلىپ، مەزكۇر روماننىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىكى قاراشلارنىڭ  تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ تانزىمات دەۋرىگە مەنسۇپ رومانچىسى ئەھمەت مىتھاتنىڭ قاراشلىرىغا يېقىنلىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەتقىقاتچى رىدۋان ئۆزتۈرك شائىرنىڭ «ئۇچراشقاندا» دېگەن شېئىرىنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرزۇرۇمدا ياشىغان، خەلق ئارىسىدا «ئەرزۇرۇملۇق ئەمراھ» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بىر شائىرنىڭ «ياق، ياق» رادىپلىق  شېئىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما غازى ئۇنۋېرستېتى تۈرك تىل - ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ھۈليا قاساپئوغلۇ چەنگەل خانىم ئۆتكۈرنىڭ ئەلىشىر نەۋايى ۋە تاتار شائىرى ئابدۇللاھ توقاينىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئەرزۇرۇملۇق ئەمراھ ئۆز زامانىسىدىن بۇرۇنراق يېزىلغان ئورتاق بىر شېئىردىن ئىلھاملانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ يەردە ئېنىقلاشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا،  بۇ شائىرلار بىر - بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانمۇ ياكى ئورتاق بىر ئەنئەنىگە پەرقلىق شەكىللەردە ۋارىسلىق قىلغانمۇ دېگەندىن ئىبارەت.

تەتقىقاتچىلار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «دېدىم-دېدى» رادىپلىق شېئىرىغا ئوخشايدىغان شېئىرلارنى  16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇغۇلغان، ھازىر رۇمېنىيەگە تەۋە، ئەسلى ئوسمانلى دۆلىتىگە مەنسۇپ بولغان تەمشەۋاردا ياشىغان «ئاشىق ھاسان» دېگەن شائىر ئەڭ دەسلەپ يازغان دەپ قارايدۇ. ئاشىق ھاساننىڭ شېئىرلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نەزىملەرنى يازغانلاردىن تۈرك ئەدەبىياتى تارىخىدا ئاشق ئۆمەر، قۇل نەسىمى  قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئاشىق ھاسان بىلەن قۇل نەسىمى بەشك تاش ئېقىمىغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ ئىككى شائىرنىڭ بىر- بىرىدىن تەسىر قوبۇل قىلىشىنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس. ئۆتكۈردىن باشقا يۇقارقى ئۈچ شائىرنىڭ ئانادولۇدا مەدرىس مائارىپىدا يېتىشىپ چىققانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئۇز ئارا تەسىرلەشكەنلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. ئەمما، ئۆتكۈرنىڭ قانداق بولۇپ بۇ شائىرلاردىن بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئىنىچىكىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.  مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇر دىيارىدىن يۇقارقى شائىرلارنىڭ دىۋانلىرىنىڭ ياكى بىرەر پارچە ئەسىرىنىڭ تېپىلغانلىقىغا ئائىت مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.

دوكتور مەھمەت ياردىمجى «تۈرك خەلق شېئىرلىردا ‹دېدىم-دېدىلىك› كۇپلىتلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنىكى 17-ئەسرنىڭ ئەڭ ماھارەتلىك شائىرى ئاشىق ھاساننىڭ قەلىمىگە مەنسۇپتۇر» دەپ يازىدۇ ۋە ئاشىق ئۆمەر، قۇل نەسىمى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىدا ئەرزۇرۇملۇق ئەمراھنىڭ «دېدىم-دېدىلىك»  شېئىرلارنى يازغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. 1960-يىللىرىدا تۈرك ناخشىچىلىرى ئەرزۇرۇملۇق ئەمراھنىڭ «دېدىكى يوق، يوق» دېگەن شېئىرىغا ناخشا ئىشلەيدۇ. بۇ ناخشا كېيىن، فرانسۇزچە ئەلبۇملارغىمۇ كىرگۈزۈلىدۇ. يەنە شۇ يىللاردا «قۇل ئەھمەت» ئىسىملىك بىر ناخشىچى «يوق، يوق(ياق ياق مەنىسىدە)» ناملىق  بىر ناخشا يازىدۇ ۋە تۈركىيەدە زور تەسىر قوزغايدۇ. دېمەك، تۈركىيە تۈركچىسىدە «يوق، يوق» دېيىلىدىغان، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قەلىمىدە ئوخشاش مەنىدە «ياق، ياق» رادىپلىق «ئۇچراشقاندا» دېگەن شېئىرغا قوشماق كېلىدىغان شېئىرلارنىڭ يېقىنقى تارىختا قارا قورۇمدىن قارا دېڭىزغىچە ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇرغانلىقى ئېنىق. تۈرك دۇنياسىدا 400 يىل بۇرۇن يېزىلىشقا باشلىغان «دېدىم-دېدى» رادىپلىق شېئىرنىڭ 1948-يىلى ئۇيغۇرلاردا بارلىققا كېلىشى ۋە 2010-يىلى تۈركىيەدە تۇيۇقسىز قايتا بايقىلىشى، ھەمدە بۇ قەدەر زىلزىلە قوزغىشى تۈرك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتىدىكى ئورتاقلىقىنى، تۈركىي خەلقلەردىكى قېرىنداشلىق يىلتىزىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىغانلىقىنى ۋە بېخلىرىنىڭ نەقەدەر كەڭرى يېيىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىش كېرەككى، تۈركىيەدىكى تەتقىقاتچىلار«دېدىم-دېدى» رادىپلىق شېئىرلار ھەققىدە توختالغاندا  17 -ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى مۇھەممەدئەمىن غوجامقۇلى ھىرقەتىنىڭ «دېدىم-دېدى» رادىپلىق ئەسىرىنىڭمۇ بارلىقىدىن بىخەۋەر قالغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا گۇمنام ۋە ھىرقەتى دېگەن قوش تەخەللۇس بىلەن مەشھۇر بولغان بىر شائىرنىڭ «مۇھەببەتنامە ۋە مىھنەتكام» دېگەن لېرىك داستانىدا دەل يۇقىرىدا مۇلاھىزە قىلىنغان «دېدىم-دېدى» رادىپلىق شېئىرلار كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1948-يىلى يازغان مەزكۇر شېئىرىغا «بىر شائىرغا تەقلىت» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن بىز بۇ يەردە «بىر تەقلىت» نىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن شۈبھىلەنمەيمىز. ئەمدى ئابدۇررېھىم ئۆتكۈر زادى ئاشىق ھاساندىن ئىلھام ئالغانمۇ ياكى نەسىمىدىنمۇ، گۇمنامدىن تەسىرلەنگەنمۇ ياكى ئەمراھتىنمۇ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئەمراھنىڭ شېئىرى بىلەن ئۆتكۈرنىڭ  شېئىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.

ئەرزۇرۇملۇق ئەمراھنىڭ «يوق، يوق» رادىپلىق شىئېرى:

ساباھ ئۇغرادىم بەن بىر فىدانا.

دەدىم ماھمۇرمۇسۇن؟ دېدىكى يوق، يوق.

ئاق ئەللەرى بوغۇم بوغۇم كىنالى.

دەدىم بايراممىدىر؟ دەدىكى يوق يوق.

دەدىم، ئىنجى نەدىر؟ دەدى دىشىمدىر.

دەدىم قالەم نەدىر؟ دەدى قاشىمدىر.

دەدىم ئون بەش نەدىر؟ دەدى ياشىمدىر.

دەدىم داھا ۋارمى؟ دەدىكى يوق يوق.

دەدىم، ئۆلۈم ۋاردىر. دەدى ئاينىمدا.

دەدىم زۇلۈم ۋاردىر، دەدى بوينۇمدا.

دەدىم ئاق مەمەلەر، دەدى قوينۇمدا.

دەدىم ۋەر ئاغزىما، دەدىكى يوق يوق.

دەدىم ئەرزۇرۇم نەدىر؟ دەدى ئىلىمدىر.

دەدىم گىدەرمىسىن؟ دەدى يولۇمدۇر.

دەدىم ئەمراھ نەدىر، دەدى قۇلۇمدۇر.

دەدىم ساتارمىسىن، دەدىكى يوق يوق.

بۇ ئەرزۇرۇملۇق ئەمراھنىڭ «يوق، يوق» رادىپلىق شىئېرىنىڭ بىر ۋارىيانتى بولۇپ، يەنە بىر خىل ۋارىيانتىمۇ بار. ئوتتۇرىدا مىسرالىرىدىكى بىر قانچە سۆز پەرقلىنىدۇ. ئەرزۇرۇملۇق ئەمراھ خەلق شائىرى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق ئارىسىدا تارقالغانلىقى سەۋەبلىك پەرقلىق ۋارىيانتلىرىنىڭ بولۇشى تەبىئى، ئەلۋەتتە. شۇڭا، بىر پارچە شېئىرنىڭ سۆزلىرى پەرقلىق ھالدا كۆرۈلۈشى ئەقىلگە ئۇيغۇن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر