پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىمان ئېيتىش، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

پەرىشتىلەر - ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئەلچىلىك قىلىشقا ئوخشاش ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن نۇردىن يارىتىلغان مەخلۇقاتلار ھېسابلىنىدۇ. شەكلى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ، ھېس – تۇيغۇ بىلەن پەرق قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشت

510063
پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىمان ئېيتىش، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: پەرىشتىلەر ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئەلچىلىك قىلىشقا ئوخشاش ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن نۇردىن يارىتىلغان مەخلۇقاتلار ھېسابلىنىدۇ. شەكلى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ، ھېس – تۇيغۇ بىلەن پەرق قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش. ئۇلار كېچە – كۈندۈز ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ھەمدۇ – سانا ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئاللاھقا چىن ئىخلاسى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ غىزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا قەتئىي ئىسيان قىلمايدۇ، قىلچىلىكمۇ ئۇنىڭ ئەمىر – بۇيرۇقلىرىنىڭ سىرتىغا چىقمايدۇ. يەر يۈزىدە، كۆكتە ۋە ھەممە يەرلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەڭ يىراق مۇساپىلەرگە يېتىپ بارالايدۇ، ھەر خىل شەكىل ۋە سۈرەتكە ئۆزگىرەلەيدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقى، ئاللاھنىڭ مۇتلەق قۇدرىتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ئاللاھ پەرىشتىلەرگە نەپىس، شەھۋەت ۋە غەزەپ قاتارلىق يامانلىققا ئىتتىرىدىغان ھېس – تۇيغۇلارنى بەرمىگەن. ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك، ئۇخلاش، ئۆيلىنىپ بالا – چاقىلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى يوق. ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزمەيدۇ، ئاللاھقا مۇتلەق بويسۇنىدۇ. پەرىشتىلەر ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىنىدىغان مەخلۇقاتلار ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام دىنىي قاتارلىق بارلىق ساماۋى دىنلار، مۇقەددەس كىتابلار ۋە پەيغەمبەرلەر پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنگەن بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەرىشتىلەرگە ئىشەنمەسلىك دېگەندەك خاھىش ھەرگىزمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە، ئىمان ئاساسلىرى رەتكە تىزىلغاندا، پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش، ئاللاھقا ئىمان ئيېتىشنىڭ ئارقىسىدىنلا زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«پەيغەمبەر رەببىدىن ئۆزىگە چۈشۈرۈلگەن ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتتى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان ئېيتتى. ھەر بىرى ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتتى.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئىمانغا، «ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئاخىرەتكە، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشقا ئىشىنىشتۇر» دەپ تەبىر بېرىپ، ئىسلام دىنىدا پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشنىڭ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنىڭ ئارقىسىدىن كېلىدىغان ئىمان ئاساسلىرىنىڭ ئىككىنچىسى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىمان ئېيتىش، مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولغان غەيىبكە ئىشىنىشنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان ئاللاھنىڭ بارلىقىغا گۇۋاھچى سۈپىتىدە دەلىل قىلىنىدىغان پەرىشتىلەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ، ئازغۇنلۇق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭا، پەرىشتىلەرنى رەت قىلىش - پەرىشتىلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق كەلگەن ۋەھىينى، پەرىشتە ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرنى ۋە ۋەھىينىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ.

پەرىشتىلەرنىڭ سانىنى ۋە ۋەزىپىلىرىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن پەرىشتىلەر ھەققىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى بىلەلەيمىز:

پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي يەتكۈزۈشكە مەسئۇل جېبىرائىل، رىزىق ۋە رەھمەت پەرىشتىسى مىكائىل، ئەجەل پەرىشتىسى ئەزرائىل ۋە قىيامەتنىڭ كەلگەنلىكىنى سۇر چېلىپ خەۋەر بېرىدىغان ئىسراپىل قاتارلىق تۆت چوڭ پەرىشتىدىن باشقا يەنە، ئاللاھقا يېقىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان، ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرىدىغان، ئىنسانلارنىڭ ياخشى – يامان ئەمەللىرىنى يازىدىغان، ئىنسانلارنى قوغداشقا تەيىنلەنگەن، ئىنسانلارنى قەبردە سوئال – سوراق قىلىدىغان، جەننەت ۋە جەھەننەمنىڭ دەرۋازۋەنلىكىنى قىلىدىغان، ئازاپ بېرىشكە تەيىنلەنگەن پەرىشتىلەرمۇ بار.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ ھەدىسىدە مۆمىنلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇد ۋە سالاملىرىنى بەزى پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشىدا نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلەر بار:

پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن مۇسۇلمان خاتا ئىش قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. كىشىنىڭ قىلغانلىرى ۋە سۆزلىگەنلىرىنى پەرىشتىلەرنىڭ يېزىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىشى، خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، مۇئامىلە – ھەرىكەتلىرىگە، سۆزلىرىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا پەرىشتىلەرگە ئىشىنىشنىڭ تەسىرىدە كىشى يامانلىقلاردىن يىراق تۇرىدىغان بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

«ھەم شەيتان ھەمدە پەرىشتە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە بەزى نەرسىلەرنى سالىدۇ. شەيتاننىڭ ئىشى يامانلىق قىلىشقا چاقىرىش، ھەقتىن يىراقلاشتۇرۇش. پەرىشتىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، ھەققە ۋە ياخشىلىققا چاقىرىش، يامانلىقتىن يىراقلاشتۇرۇش. كىم كۆڭلىدە ياخشىلىققا چاقىرغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىسا، بىلسۇنكى ئۇ پەرىشتىنىڭ ئاۋازىدۇر. كىشى دەرھال ئۇنىڭغا بويسۇنسۇن ۋە ئاللاھقا شۈكرى ئېيتسۇن. كىم كۆڭلىدە يامانلىققا چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىسا، بىلسۇنكى ئۇ شەيتاننىڭ ئاۋازىدۇر، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرسۇن ۋە ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىسۇن.»

يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسانلارنى ياخشى ۋە خەيرىلىك شەيئىيلەرنى ئىدراك قىلىپ، توغرا يولدا مېڭىشىغا ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

پەرىشتىلەر قىيىنچىلىقتا قالغان مۆمىنلەرگە كۈچ – قۇۋۋەت بېرىپ، ياردەم ۋە دۇئا قىلىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن كىشى قىيىنچىلىقتا قالغان ۋە قايغۇغا پاتقان ۋاقىتلاردا بۇنىڭدىن تەسەللىي تاپىدۇ، مەنىۋى دۇنياسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ قىيىنچىلىقتا قالغان مۇسۇلماننىڭ ئۈمىدىنى يوقىتىپ قويماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇنى كۈچلۈك قىلىدۇ. مۇسۇلمان كىشى نۇردىن يارىتىلغان پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھقا دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشىدۇ. يالغۇز قالغاندا ياخشىلىقنىڭ سىمۋولى، يامانلىقتىن ساقلايدىغان پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلار بىلەن بولغان دوستلۇق چۈشەنچىسى كىشىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى پارلاق قىلىدۇ.

بىر مۇسۇلمان كىشى ئادالەتسىزلىككە يولۇققاندا ۋە ھېچكىم ئۆزىگە ئىشەنمىگەن ۋاقىتلاردا ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مۇسۇلمان كىشى پەرىشتىلەرنىڭ گۇۋاھچى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مۇسۇلمان كىشى قىلغان ياخشى ئىشلىرىدا پەرىشتىلەرنىڭ قوللىشىنى ھېس قىلىپ، تېخىمۇ ھۇزۇرلىنىدۇ. جان ئۈزگەندە روھىنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى، پەرىشتىلەرگە بولغان ئىمان سايىسىدە چۈشىنىدۇ ۋە ئۆلۈم ئۇنى قورقۇتالمايدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ دوستلۇقى ۋە ياردىمى بىلەن، قەبر ھاياتىنىڭ يالغۇزلۇقىدىن ۋە قورقۇنچىدىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، خاتىرجەم بولىدۇ.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر