كىمنى مۇسۇلمان دېيىش كېرەك؟

مۇسۇلمان – ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىر ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئاخىرەت كۈنىگە، قازا ۋە تەقدىرگە چىن كۆڭلى بىلەن ئىشەنگەن كىشىدۇر.

506893
كىمنى مۇسۇلمان دېيىش كېرەك؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، «مۇسۇلمان» دېگەن ئاتالغۇ ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشتىن باشقا، قۇرئان بىلەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ «مۇسۇلمان» دېگەن ئۇقۇمغا قانداق تەبىر بەرگەنلىكىگە قاراپ چىقىمىز، يەنە مۇسۇلماننىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن جەمئىيەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە تىرىشىمىز...

مۇسۇلمان – ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىر ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئاخىرەت كۈنىگە، قازا ۋە تەقدىرگە چىن كۆڭلى بىلەن ئىشەنگەن كىشىدۇر.

مۇسۇلمان - ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنى ۋە ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغانلىقى (تەسلىم بولغانلىقى) نى ھەرىكىتى بىلەن، سۆزى بىلەن ۋە ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە كۆرسەتكەن كىشىدۇر. شۇڭلاشقا، مۇسۇلمان ئىمانىنى كۆڭلىدە تەستىق، تىلىدا ئىقرار قىلىپ، ئورۇنداشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن، تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرغان كىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ ئىسمى بىۋاستە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەنگە ئوخشاش، «مۇسۇلمان» دېگەن ئىسىممۇ بىزگە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە كۆپ زىكىر قىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى مۇسۇلماننىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەردە، ياخشى مۇسۇلمان ھېسابلىنىدىغان بىر كىشىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ. مۇسۇلمان بىر كىشىدە بولۇشى كېرەك بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى بۇ ھەقتىكى ئايەتلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكىدەك رەتكە تىزىشقا بولىدۇ:

- مۇسۇلمان ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھتىنلا تىلەيدۇ ۋە پەقەت ئاللاھتىنلا قورقىدۇ، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىشىنىپ، پەقەت ئۇنىڭغىلا تايىنىدۇ.

- ئۇلار نامازلىرىنى چىن ئىخلاس بىلەن توغرا ئوقۇيدۇ، كېچىكتۈرمەيدۇ ۋە ئىبادەتلىرىگە بوشاڭلىق قىلمايدۇ. 

- زاكىتىنى بېرىدۇ، ئۆزىگە رىزىق قىلىپ بېرىلگەن ماللاردىن ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئايرىيدۇ ۋە بۇنى جايىدا ئادا قىلىدۇ. مال – مۈلۈكلىرىنى باياشاتچىلىقتىمۇ ۋە قىسچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ.

 - ياخشىلىق قىلىشنى بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ.

- ئاللاھ ھارام قىلغاننى چەكلەيدۇ.

- ئىپپەتلىرىنى قوغدايدۇ، زىنا قىلمايدۇ.

- ئامانەتكە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولىدۇ.

- گۇۋاھلىقىدا دۇرۇست بولىدۇ.

- قۇرۇق ۋە پايدىسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ.

- ھەددىدىن ئاشمايدۇ، سەۋر قىلىدۇ ۋە ئىسيان قىلمايدۇ.

- ئاچچىقىنى باسىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئەپۇ قىلىدۇ.

- ئىسراپچىلىقتىن ۋە بېخىللىقتىن قاچىدۇ، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا يولنى تاللايدۇ.

- ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئەسكە سېلىنغاندا كور ۋە گاس بولۇۋالمايدۇ، قەلبى يۇمشايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ مۇسۇلمانغا بېرىلگەن تەبىر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ياخشى بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك رەتكە تىزىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانغا تەبىر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

«مۇسۇلمان - قولىدىن ۋە تىلىدىن مۇسۇلمانلار ئەمىن بولغان كىشىدۇر.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تەبىرى ئارقىلىق مۇسۇلماننىڭ ھەر دائىم سەپەر ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى، ئامانەتكە قەتئىي خىيانەت قىلمايدىغانلىقىنى، ھارامغا قولىنى سوزمايدىغانلىقىنى، ھارامغا قارىمايدىغانلىقىنى، ھارامغا ئاپىرىدىغان يولدا ماڭمايدىغانلىقىنى، ھېچقانداق جانلىقلارغا زىيان – زەخمەت بەرمەيدىغانلىقىنى، زۇلۇم سالمايدىغانلىقىنى ۋە تىلىنى يالغانچىلىق بىلەن بۇلغىمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر مەدەنىيىتىمىزدە «قولۇڭغا، بىلىڭغا ۋە تىلىڭغا ئىگە چىق» دەپ ئومۇملاشقان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانغا بېرىلگەن يەنە بىر تەبىرىدە، ئۆزى خالىغان نەرسىنى، باشقا قېرىنداشلىرى ئۈچۈنمۇ خالاشنى شەرت قىلىپ قوشىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ كىشىنىڭ كامىل مۇسۇلمان بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. باشقا مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرۈشنى، قىممەت ئۆلچەملىرىنى بىلىشنى، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرۇشنى، خۇشاللىق ۋە ئازاپلىرىغا تەڭ ئورتاقلىشىشنى، خۇلاسىلىگەندە «مەن» دىن قۇتۇلۇپ، «بىز» بولۇش ئېڭىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشنى، يېتىشكەن بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىلىرى قاتارىدا سانايدۇ.

بەزى ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان مۇسۇلماننىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋەزىپىلىرى مۇنداق رەتكە تىزىلىدۇ:

مۇسۇلمان ئىشەنچلىك كىشىدۇر، ھەر مەسىلىدە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى ياخشى قۇل بولۇشتۇر، ھەر ئىشىدا ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەيدۇ. ئۇ ئىشىغا، قىلغان ۋەدىسىگە سادىق بولىدۇ. قۇل ھەققىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، گەپ قىلغاندا چىرايلىق قىلىدۇ، ئىش قىلغاندا ئەڭ چىرايلىق ۋە پۈتۈن قىلىدۇ، باشقىلارغا ياردەم قىلىدۇ، خەيرىلىك ئىشلارغا ئالدىرايدۇ، گۇناھ ۋە ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرىدۇ، گۇناھ ئۆتكۈزۈشنى ئوتتا كۆيۈش دەپ بىلىدۇ، قوشنىلىرى بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەققىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. ھايالىقتۇر، مەنمەنچىلىكتىن يىراق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ياخشىلىق قىلىشتا ئالدىدا تۇرىدۇ، يامانلىققا يول ئېچىپ بەرمەيدۇ.

مۇسۇلمان – ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن بېزەلگەن ساپ قەلبكە ئىگە. مۇسۇلمان – ئەدەپ – ئەخلاقى، پەزىلىتى ۋە گۈزەللىكلىرى بىلەن ئورىنىدۇ، ئىمانىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قىممىتى بولمىغان سۆز – ھەرىكەتلەردىن قاچىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ قەلبى شەپقەت، مەرھەمەت ۋە مېھرى – مۇھەببەت سۆيگۈسى بىلەن تولغان بولىدۇ. كۆڭلىدە كىبىر، نەپرەت، ئۆچمەنلىك، زوراۋانلىق ۋە ئاداۋەتكە ئورۇن بەرمەيدۇ.

مۇسۇلمان – قەرزدارغا، كېسەلگە، ياشانغانلارغا، قىيىنچىلىقتا قالغانغا، ئاجىزغا، ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانغا ياردەم قولىنى سوزۇشنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. يېتىم – يىسىرلار ئۇنىڭ مېھرى – شەپقىتىنى كۆرىدۇ.

مۇسۇلمان قولىدا تۇتۇپ تۇرغىنىنى ئەمەس، بەلكى موھتاجلارغا تارقىتىپ بەرگىنىنى مۇھىم مال – مۈلكۈم دەپ بىلىدۇ. ئۇ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى، قولۇم – قوشنىلىرىنى ۋە موھتاجلىق كىشىلەرنى ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇرىدۇ، يوقسۇللارغا كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، پىروگراممىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلماننى ئوخشىتىپ ئېيتقان ئىككى سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلماننى خۇشپۇراق پۇرايدىغان نەرسىلەرنى ساتىدىغان كىشىگە ئوخشاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغانلارنىڭ گۈزەللىكلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلماننى ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشىتىپ، ئۇنىڭ ھەر دائىم پايدىلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر