خاتىرجەملىك ۋە مېھرى – مۇھەببەت ئوچىقى

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (20)

503685
خاتىرجەملىك ۋە مېھرى – مۇھەببەت ئوچىقى

خاتىرجەملىك ۋە مېھرى – مۇھەببەت ئوچىقى

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (20)

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: « ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا) يەنى ئەر- خوتۇت ئارىسىدا) مېھرى- مۇھەببەت ئورناتقانلىقى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك- شۇبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر باردۇر » دەيدۇ. (سۇرە رۇم 21 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «ئەخلاقىي ياخشى بولغانلار ئىمانى كامىل بولغىنىڭلاردۇر. ئاراڭلاردا ئەڭ خەيرىلىك بولغىنىڭلارۆ ئۆز ئائىلىسىگە خەيرىلىك بولغانلاردۇر» دەيدۇ. (ئىبنى ماجە)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ئەلچىسى بىزگە بۇ ھەدىسى ئارقىلىق دائىم ئائىلىمىزگە نىسبەتەن ياخشى پوزىتىسيەدە بولۇشىمىزنى  تەسىھەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلە قارىشى، بولۇپمۇ ھەزرەتى خادىچە ئانىمىزغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ۋاپادارلىقى بۇنى بىزگە ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەزرەتى خەدىچە ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساداقىتىنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئايالى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن بۇرۇن ئاخىرەتكە يول ئالغان ئايالىنى ھەر دائىم خەيرىلىك دۇئالىرى بىلەن ئەسلەپ تۇراتتى. ئۇنى كۆڭلىدىن قەتئىي چىقىرىپ باققان ياكى ئۇنتۇپ باققان ئەمەس ئىدى. بىر كۈنى ساھابىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئايالىغا بولغان ۋاپاسىنى تىلغا ئېلىپ، «كىشىلەر ماڭا ئىشەنمەيدىغان چاغدا، ئۇ ماڭا ئىشەندى. كىشىلەر مېنى يالغانغا چىقارغاندا ئۇ مېنىڭ توغرا ئىكەنلىكىمدە چىڭ تۇردى. كىشىلەر مەندىن يارىدىمىنى ئايىغان چاغدا، ئۇ ماڭا مال – مۈلكى بىلەن ياردەم قىلدى. ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭدىن پەرزەنت ئاتا قىلدى» دېگەن ئىدى. (ئىبنى ھەنبەل)

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!

ئائىلە؛ ئەر ئايالنىڭ ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ بىر – بىرى بىلەن ئەھدىلەشكەنلىدۇر. ئۆمۈر بويى داۋاملىشىشى نىيەت قىلىنغان بىر ساداقەت كېلىشىمىدۇر. ئائىلە ئىنساننىڭ رۇھىغا ھوزۇر ۋە خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدىغان بىر نېئمەتتۇر. ئائىلە رەببىمىزنىڭ رەھمىتىنى تايانچ قىلغان سۆيگۈ، ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن گۈزەللىشىدىغان پاناھجايدۇر. كىشىنى سەلىبىيلىكلەرگە قارشى قوغدايدىغان مۇستەھكەم ۋە ئىشەنچلىك قەلئەدۇر. ئائىلىدە ھەر بىر ئەزا قىممەتلىك ۋە ھۆرمەتلىكتۇر. مەسىلەن ئانا؛ مېھرى – شەپقەتنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قەلبى ھەر دائىم سۆيگۈ بىلەن تولغان بولىدۇ. قەلبىنىڭ دەرۋازىسى دائىم ئوچۇق تۇرىدۇ. ئانا؛ پىداكارلىقنىڭ ئوبرازى بولۇپ، سىڭدۇرگەن ئەمگىكىنىڭ ھېسابىنى قىلىپ يۈرمەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىنى «سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتكە ئەڭ كۆپ ھەقلىق بولغان كىشى» سۈپىتىدە تەرىپلىگەن ئىدى. ( بۇخارى)

دادا؛ ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە كۆيۈمچانلىقنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇ ئائىلىسىنى يامانلىقلاردىن قوغداش يولىدا ھەر قانداق قېيىنچىلىققا ۋە مۇشەققەتلەرگە كۆكرەك كېرىدۇ. ئائىلىسىنىڭ تۈرمۈشى ئۈچۈن ئېقىتقان ھەر بىر تامچە تەرنىڭ جەننەتكە ئاچقۇچ بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. دادىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بويىچە، جەننەتكە ئېچىلغان دەرۋازىدۇر. (تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە)

كۆزلىرىمىزنىڭ قارچۇغۇسى بولغان پەرزەنتلىرىمىز بولسا، ئائىلىنىڭ ئەڭ تاتلىق مېۋىسىدۇر. كۆيۈم - شەپقەت ۋە مېھرى – مۇھەببەتكە مۇھتاجدۇر. كۈلۈگۈسى ئاتا – ئانانىڭ قولىدا تەييارلىنىدىغان بايلىقتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئائىلىدە ھەممەيلەن بىر – بىرىگە ئامانەت بولۇپ، بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئۈستىدە ئورۇنداشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلەر بولىدۇ. ئائىلە؛ بەزىدە ئانا بىلەن، دادا بىلەن ياكى پەرزەنت بىلەن ئېلىنىدىغان بىر ئىمېتىھاندۇر. بۇ ئىمتىھاندا، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىززىتى، غۇرۇرى ۋە ھۆرمىتىگە نۇقسان يەتكۈزۈش ئەمەس، ئەكسىچە قوغداش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش بولىدۇ. بۇ ئىمتىھاندا ئازارلاش، ئازابلاش زوراۋانلىق قىلىش ئەمەس، شەپقەت، مەرھەمەت، نازاكەت ۋە خۇشپىئلىلىق بولىدۇ. بۇ ئىمتىھاندا «بىر» ۋە «بىز بولۇش» باردۇر. خوشاللىقتا، قايغۇ – ئەلەمدە، بايشاتلىقتا ۋە نامراتلىقتا، داۋاملىق ھەمراھ ۋە ھەمھال بولۇش شۇنداقلا تۈرمۈشنىڭ يۈكىنى بىرلىكتە كۆتۈرۈش باردۇر.

ھەر قانداق ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس مەرھەملىكى، (يەنى مەخپىيەتلىكى) ۋە ھۆرمىتى بولىدۇ.  بۇ مەرھەملىككە ۋە ھۆرمەتكە زىيان يەتكۈزۈشكە ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ھېچ كىشىنىڭ ھەققىي يوقتۇر. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇ يەردىكى، بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىنىڭ بۇ ئىززەت – ھۆرمىتىگە تەھدىت سالىدىغان نۇرغۇنلىغان سەلىبىيلىكلەر مەۋجۇت. بولۇپمۇ بەزى تېلېۋىزىيە ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھېچقانداق قىممەت قاراش ۋە چەك – چېگرا تونىماستىن ئائىلىنىڭ مەرھىمىيىتى (يەنى ئىچكى مەخىيەتلىكلىرى) ئاشكارا بازارغا سېلىنىپ يۈرمەكتە. كۆپىنچە ھاللاردا نېكاھسىز مۇناسىۋەتلەر ۋە بىرلىكتە بولۇش تەشۋىق قىلىنماقتا. شۈبھىسىزكى بۇ ئەھۋال خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىقى بولغان ئائىلە سىستېمىسىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. 

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىزگە كاتتا ئىنئامى بولغان ئائىلىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئىنسانلار تەرىپىدىن تولۇق چۈشۈنۈلمەسلىكى ۋە ئائىلىنى بىر كۈلپەت، يۈك، دەپ قاراشقا ئېلىپ بارماقتا. ئائىلىنىڭ ھۇزۇربەخش مۇھىتى، مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە پەرۋاسىزلىق بىلەن ھاۋايى – ھەۋەسلەرگە قۇربان قىلىنماقتا. ئەپسۇسلىنارلىقى، ساداقەتسىزلىك، ۋاپاسىزلىق، چېدامسىزلىق ۋە زورۋانلىققا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولماقتا. بۇ ۋەيران بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئازابى ۋە ئىبرەتلىك ئاقىۋىتى بارلىق سەلىبىيلىكلىرى بىلەن جەمئىيىتىمىزگە زىيان يەتكۈمەكتە. ئائىلە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ئەڭ ئېغىر بەدىلىنى بولسا، ئەمدى تېخى ھاياتلىق سەپىرىنىڭ تۈنجى باسقۇچلىرىغا قەدەم قويۇپ، تۇرمۈشنىڭ ئېغىر يۈكلىرى ئاستىدا ئېزىلىشكە مەھكۈم قىلىنغان پەزنتلىرىمىز تۆلىمەكتە.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!

شۇنى ئۇنتۇمايلىكى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن نىكاھلانغان ئەر – ئاياللار ۋە بىزگە ئاتا قىلىنغان  پەرزەنتلەر بىزگە نىسبەتەن ئەڭ كاتتا نېمەتتۇر. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاتا  ئانىمىز ۋە ئايال – بالا –چىقىمىز بىلەن مۇرىنى مۇرىگە تېرەپ ھەممىمىز بىرلىكتە مەيلى قانداقلا شارائىت ئاستىدا بولىشمىزدىن قەتئىي نەزەر، ئامانەت سۈپىتىدىكى بۇ نېمەتنى زايا قىلماسلىق ۋە قىممىتىنى بىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

خۇتبىمىزنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدنە بىزگە ئۆگەتكەن مۇنۇ دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

ئى رەببىمىز! ئاياللىرىمزنى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى كۆزىمىزنىڭ نۇرى قىلىپ بەرگىن ۋە بىزنى ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغانلار قاتارىدا قىلغىن» (سۈرە فۇرقان 74 – ئايەت) ئامىن!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر