سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە ...

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» دېگەن تېمىنى دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.

447661
سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە ...
Ottura Sherq_10.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ‹سۈرىيەدە دۈشمەنلەرچە ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىش كېلىشىمى› ياكى تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان تەبىرى بويىچە ‹ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى› 27- فېۋرال جۈمە كۈنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، دەسلەپكى كۈنىدىن ھازىرغىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىغا دائىر شىكايەتلەر كېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر قۇرۇپ چىققان ‹ئالىي مۇزاكىرە كېڭىشى›، ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىلا 15 قېتىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەلەبتىكى 6 بازارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. فىرانسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى. سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ 2 – مارتتىكى باياناتىدا بولسا، ئۇرۇش توختىتىش باشلانغاندىن تارتىپ جەمئىي 145 قېتىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ئەمما ئامېرىكا بىلەن ب د ت ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قانچىلىك خىلاپلىق قىلىنغانلىقىغا ئەمەس، كېلىشىمدىن ئالدى – كەينىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرمەكتە ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن ئەھۋالغا ئاساسەن دېگۈدەك ئىجابىي باھا بەرمەكتە.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بۇنچىلىك كۆپ شىكايەتنىڭ بولۇشى ئەسلىدە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس؛ چۈنكى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى مەيلى مەزمۇن مەيلى دائىرىسى نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئاسانلا بۇزۇلىدىغان بەزى خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگىدۇر. ئالدى بىلەن، ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا قالغان، دەپ قاراۋاتقان كۈچلەرگە ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ دائېش ۋە نۇسرە فىرونتىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن مۇنداق بىر ئىش بار: توقۇنۇش ساھەلىرىنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن كېلىشىمنىڭ سىرتىدا قالغانلار (خۇسۇسەن نۇسرە فىرونتى) نىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقى نامايەن بولماقتا. بۇ ھەمكارلىقتا كۆپىنچە ھاللاردا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىدىئولوگىيەلىك ياكى سىياسىي مۇددىئا ئوخشاشلىقى ئەمەس، كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك دۈشمەن ياكى ھاكىمىيەت ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ خىل ھەمكارلىقلارنى ئورناتماقتا. مانا بۇ ھەمكارلىقنىڭ بولۇشى، رۇسىيە بىلەن ئەسەد كۈچلىرىنى – ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇشىغا قارىماي – ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىغا رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىككىنچىسى، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشماقتا. ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە تەقدىم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر تىزىملىككە قارىغاندا، بۇلارنىڭ سانى 70 ئەتراپىدا ئىكەن. لېكىن، ئونلارچە كىچىك گۇرۇپپا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئەھمىيىتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتكەسچىلىك ۋە قاراڭغۇ بازار دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى بىۋاسىتە توقۇنۇشلار داۋاملاشقاندىلا ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقىمۇ مەلۇم. بۇ ئەھۋال، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىش ئېھتىمالىنى ئازايتىدىغان ئامىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. رۇسىيە بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى بىۋاسىتە ھالدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان تەرەپ بولماي تۇرۇپ خالىغان چېغىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالىشى ئۈچۈن، مەزكۇر گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىدىن پايدىلانماقتا ۋە ئۇلار پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە باھانە قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

رۇسىيە ياكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش ئىناۋەتلىك سەۋەبلەر بىلەن ھەرقانداق بىر گۇرۇپپىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى كىچىك بولسىمۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشنى قارار قىلغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىش رولىنى ئوينىماقتا. شۇڭا، ‹ئورۇنلۇق سەۋەبلەر› بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرمۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشنى قارار قىلغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى قايتىدىن قولىغا قورال ئېلىشقا مەجبۇرلاپ قويۇشى مۇمكىن. ئاكتىپ توقۇنۇش ساھەلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ قايسى رايونلارغا ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، خەرىتىگە قارىغىنىمىزدا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدىغان مەنزىرە دېگەندەك ئېنىق ئەمەس. نۇرغۇن جايلاردا بۇ گۇرۇپپىلار ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۆزئارا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. دېمەك، بەزى جايلاردا پەقەت مۇئەييەن بىر گۇرۇپپا ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، باشقا بىر گۇرۇپپىنى ھۇجۇمنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىمكانسىز. بۇمۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملىشىۋەرگەن تەقدىردە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قايسى خىل ئەھۋالدا بۇزۇلىدىغانلىقىغا دائىر ئېھتىماللىقلار خېلىلا كۆپ. بۇلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ناھايىتى سەزگۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنداقتا، 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئۇرۇش توختىتىشنى رۇسىيە پەقەت خىلاپلىق قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ خىلاپلىق قىلىشى ئۈچۈن تەلەپ قىلدىمۇ؟

11- فېۋرالدا ئېلان قىلىنىشى كېرەك بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى رۇسىيە ئۇ چاغدا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئېلان قىلىنالمىغانىدى. رۇسىيە مەۋجۇت ئۇرۇش توختىتىشقا قايتا خىلاپلىق قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلار مەۋجۇت ئۇرۇش توختىتىشنى بىر فانتازىيە، دەپ قارايدۇ. لېكىن، بۇ يەردە بىر نۇقتا نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا، ئۇ بولسىمۇ، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇۋالغان رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن بىۋاسىتە كۈچ چىقارغان تەرەپ بولدى. رۇسىيەنىڭ بۇ يەردىكى غەرىزى كۆز بۇيامچىلىق قىلىشتىنمۇ بەكرەك ۋەيران قىلغۇچ ھۇجۇملىرى سايىسىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن مەنپەئەتلىرىنى كۆز – كۆز قىلىپ، رايوندا كۈچ ئىشلىتىش جەھەتتە ئۆزىدەك قەتئىي بولالمىغان ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرىگە روشەن سېگنال بېرىش ئارقىلىق سۈرىيە مەسىلىسىنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە بىتەرەپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىنمۇ مۇزاكىرە ئۈستىلىدە قولىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنىڭ دەسلەپكى قەدىمى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقى ناھايىتى روشەندۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر