1946 – يىلىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت

ئىلىلىق ھەيئەتلەر بىلەن خىتاي ھەيئەتلىرى سۈلھى تۈزگەندىن كېيىن 1946-يىلى 1-ئىيۇندا 25 ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.

406627
1946 – يىلىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىلىلىق ھەيئەتلەر بىلەن خىتاي ھەيئەتلىرى سۈلھى تۈزگەندىن كېيىن 1946-يىلى 1-ئىيۇندا 25 ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. بۇ ھۆكۈمەت 10 نەپەر خىتاي، 15 نەپەر يەرلىكلەردىن تەشكىللەندى. مىللەتچىلەردىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تەمىرات نازىرى، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بولسا غەيرى رەسمىي ھۆكۈمەت ئەزاسى سۈپىتىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى سېپىدىن ئورۇن ئالدى. خىتايپەرەستلەر بىلەن رۇسپەرەستلەر ئىچىدە ھۆكۈمەت سېپىدىن ئورۇن ئالغانلار خېلى بار ئىدى. مىللەتچىلەردىن مەسئۇد سەبىرى، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش تەپتىشلىكىگە تەيىنلەندى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، رەئىس بىلەن باش قوماندان گېنېرال جاڭ جىجۇڭنىڭ مەككارلىقى تۈپەيلى، بىر نەچچە ئاي جىمجىت ئۆتكەن. بىراق، رۇسپەرەستلەر بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى بولسا، قوللىغۇچىلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە كۈشكۈرتكەن.
يەنە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كۈرەشلەردە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئادەملىرى ۋەتەن ۋە مىللەت مەنپەئەتىنى كۆزلىمەيدىغان نادان كىشىلەردىن بولۇپ، رۇسپەرەستلەر ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن، گويا ئىزىلگەن خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداۋاتقاندەك ھەرىكەت قىلغان. خىتاي پۇقرالىرى بۇرۇن خەلقنى ئەزگەن كۈچلەردىن پايدىلانغاچقا، خەلقنىڭ خىتاي مەمۇرلىرىغا بولغان نەپرىتى نەچچە ھەسسە ئاشقان.
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى رۇسپەرەستلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ۋە كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ خەلققە يېقىنلىشىش مەقسىتىدە، 1946-يىلى تۈزۈلگەن بىتىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرى بولغان ئۈچ چوڭ ئەمەلگە يەرلىكلەرنى تەيىنلەيدۇ. ئۆلكە رەئىسلىكىگە مەسئۇد سەبىرى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مالىيە ئىشلىرى نازىرلىقىغا قازاق رەھبەرلىرىدىن جانىمقان تەيىنلىنىدۇ. گېنېرال جاڭ جىجۇڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمال ئۆلكىلىرىنىڭ ھەربىي ۋە ئاممىۋى ئىشلىرىنىڭ رەئىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن يەنە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى كونترول قىلىدۇ.
بۇ ئەھۋال رۇسپەرەستلەرگە ئېغىر زەربە ھېسابلىناتتى. بىرىنچىدىن، 1933 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ بىر ئۇيغۇر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن رەئىسلىك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئىككىنچىدىن، يۇقىرىدىكى ئۈچ كىشى مىللەتچى ئىدى. ئۈچىنچىدىن، بۇ ئۈچ كىشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەن ئاممىۋى خەلق فىرونتى رۇسلارنى قاتتىق بىئارام قىلدى. ئىلى رەھبەرلىرى ھۆكۈمەتنى بايقۇت قىلدى. مەسئۇد سەبىرىگە تۈرلۈك بەتناملارنى چاپلاپ ئەيىبلەشكە تۇتۇش قىلدى. ھەتتا ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەق بولالمىدى. تۇرپاندا قوراللىق ئىسيان پەيدا قىلدى. ئۈرۈمچى ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلەر بۇ ھەرىكەتلەر ئالدىدا قاتتىق تەدبىر ئېلىپ رۇسپەرەستلەرنى قاتتىق قورشاۋ ئاستىغا ئالدى. رۇس ئايروپىلانلىرى رۇسپەرەستلەرنى ئىلىغا يۆتكەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى رۇسپەرەستلەر ئىلىغا كەتتى، ئىلى ھۆكۈمەت ئەزالىرىمۇ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلدى.
ئۇنداقتا مىللەتچىلەر بىلەن گومىنداڭچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق بولدى؟
1947 - يىلى ئىيۇندا ھۆكۈمەت سېپىدە زور ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ، رۇسپەرەستلەر ئايرىلغاندىن كېيىن، خىتاي مىللەتچىلىرى ھۆكۈمەتنى خالىغانچە باشقۇرۇشقا ئۆتىدۇ. تۈرك مىللەتچىلىرىمۇ بۇ يولسىزلىقلارغا دەرھال قارشى چىقىدۇ. مىللەتچىلەر ھۆكۈمەتنىڭ قابىل كىشىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايپەرەست گۇرۇھلارنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دەسلەپكى قەدەمدە مىللىي ئاپتونوم، ئىككىنچى قەدەمدە ئىستىقلال تەلىپىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا گېنېرال جاڭ جىجۇڭ دەرھال مەسئۇد سەبىرى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرنى چاقىرىپ سوراق قىلىش بىلەن تەھدىت سالىدۇ. ئۇ ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ جاسارىتىنى كۆرۈپ، مەجلىستىكى ھۇقۇقىغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيەتلىرىگە چېقىلمايدۇ. بىراق، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتچىلەرگە ۋە ھەربىي دائىرىلىرىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىدۇ.
بۇ بېسىملار نەتىجىسىدە بۇرۇن گومىنداڭدىن ياخشىلىق كۆرگەن كىشىلەرمۇ مىللەتچىلەر سېپىغا قوشۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مىللەتچىلەرنىڭ تەسىرى كۈچىيىشكە باشلايدۇ. لېكىن يەنە، بىر تەرەپتىن باشقا بىر پالاكەت مىللەتچىلەرنى كۈتمەكتە ئىدى. يەنى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھەر تەرەپتە غەلىبە قىلماقتا ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا يېڭىدىن چاقنىغان مىللەتچىلىك يۇلتۇزى ئۆچۈشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتاتتى.
خىتاينىڭ شىمالىنى كوممۇنىستىك پارتىيە تارتىۋېلىپ، نەنجىڭغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىنساننىڭ ئەقلىدىن ئۆتمەيدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويىدۇ. يەنى دەسلەپ رۇسلارنى گۇمانغا سېلىپ قويغانلىقىغا تۆۋبە قىلىدۇ ۋە كۆڭلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەسئۇت سەبىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ. مەسئۇد سەبىرىنىڭ ئورنىغا رۇسپەرەست ۋە لاياقەتسىز بۇرھان شەھىدىنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە، گېنېرال جاڭنىڭ باش كاتىپى ليۇ مىڭچۇڭنى باش سېكرېتارلىققا تەيىنلەيدۇ. خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن 1949-يىلى 1-يانۋاردا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ۋە تەمىرات نازىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ.
بۇرھان شەھىدى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ھەم خىتايغا ھەمدە رۇسيەگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئىككى يۈزلىمىچىلىك سىياسەت يولغا قويۇشقا باشلايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممە بۇيرۇقىنى دەرھال بىجا كەلتۈرىدۇ. يەنە چاندۇرماي رۇسىيە كونسولى بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
بۇرھان شەھىدى ئۆلكە رەئىسى بولسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش قولىدىن كەلمەيتتى. چۈنكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدىن يىراقتا ئىدى. رۇسپەرەستلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھەرىكەت قىلالايدىغان كۈچى يوق ئىدى. مىللەتچىلەر بۇرھان شەھىدىنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەيتتى، خىتاي دائىرىلىرىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر