دوستنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن كىرىزىس

تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كىرىزىس ئۆتكىلىگە دۇچار قىلغان ئايروپىلان ۋەقەسى.

401436
دوستنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن كىرىزىس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 24 – نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان رۇس ئايروپىلانى تۈركىيە ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلشىدىن كېيىن ئەنقەرە - موسكۋا مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى يىرىكلەشمەكتە. ئايروپىلان ۋەقەسى تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم كىرىزىس پاتقىقىغا سۆرەپ كىردى. شۇنىڭدىن تارتىپ كىرىزىس كۈنسېرى زورايماقتا. بۇ ۋەقە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇزاق مەزگىللىك زىيان يەتكۈزىدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى ھەم موسكۋا ھەمدە ئەنقەرە قاتتىق ئۇسلۇبتا باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا. ئەسلىدە بۇ رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تۇنجى قېتىم تاجاۋۇز قىلىشىمۇ ئەمەس. ئۆكتەبىردىمۇ شۇنداق ھادىسەلەر يۈز بەرگەنىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان رۇس ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋېتىش تۈركىيەنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى ئىدى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمىز.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
24 – نويابىر سەيشەنبە كۈنى باشلانغان رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ تەنقىد ۋە ئۇلتىماتۇم خاراكتېرلىك باياناتلىرى تېخىمۇ قاتتىق ئۇسلۇبتا كېلىشكە باشلىدى. تۈركىيەنىڭ موسكۋا باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشكە، رۇسىيە تۈركىيەگە قارشى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە، ئالدىن پىلانلانغان پىروگراممىلارنى بىكار قىلىشقا باشلىدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ 25 – نويابىر كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان تۈركىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. دېكابىردا سېن پېتېرسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان تۈركىيە – رۇسىيە ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنى بىكار قىلىش قارارى ئېلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇس پۇقرالىرىغا نىسبەتەن تۈركىيەنىڭ بىخەتەر دۆلەت ئەمەسلىكىنى جاكارلىدى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
رۇسىيە ساياھەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى «رۇس ساياھەتچىلەرگە تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلدى. ناتالاي، ئانېكس قاتارلىق چوڭ – چوڭ ساياھەت شىركەتلىرىمۇ تۈركىيە پىروگراممىلىرىنى بكار قىلدى. رۇسىيە دۆلەتلىك كوماندىلىرىنى قىش مەزگىلىدە تۈركىيەگە مەشق قىلىشقا ئەۋەتمەسلىك، تۈرك پۇتبولچىلارنى سېتىۋالماسلىق قارارى ئالدى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ۋە يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، تاموژنا ۋە ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى ئىدارىسىغا يوليۇرۇق چۈشۈردى. رۇسىيە تۈركىيەدىن گۆش سېتىۋېلىشنى 1 – دېكابىردىن ئېتىبارەن توختىتىدۇ. رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ تۈركىيەگە قارشى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتىقام ئېلىش يوليۇرۇقى چۈشۈردى. پۇتىننى خەۋەرلەندۈرۈش ئارقىلىق تۈركىيەگە قارشى ئالاھىدە ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر 30 – دېكابىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 28 – نويابىر كۈنى تۈركىيەگە قارشى ئىجرا قىلىنىديىغان ئىقتىسادىي تەدبىرلەر قارارنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ قارارلاردىن بىرى بولسا 2016 – يىلى 1 – يانۋاردىن ئېتىبارەن تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزىسىز ساياھەتنىڭ رۇسىيە تەرەپتىن توڭلىتىپ قويۇلۇشىدۇر.
28 – نويابىر كۈنى بايبۇرتتا خەلققە خىتاب قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «رۇسىيەگە ئوت بىلەن ئويناشماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇ، رۇسىيەگە قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر توغرۇلۇق مۇئاۋىن باش مىنىستىرغا يوليۇرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
29 – نويابىر كۈنى تۈركىيە سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەردىن ئۆلگەن رۇس ئۇچقۇچىنىڭ مېيىتىنى ئېلىپ، رۇسىيەگە تاپشۇرۇپ بەردى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئايروپىلان كىرىزىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تاشقى سودا، ساياھەت، ھۆددىگەرلىك قاتارلىق ساھەلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغاندەك قىلىدۇ. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە دەسلەپتە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناھايىتى چوڭ زىيان تارتىدىكەن، تۈركىيەمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىكەن. قىسقىسى، بۇ كىرىزىستە ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلار تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئىكەن.
كىرىزىستە زىيان تارقانلار بولغىنىدەك، پايدىغا ئېرىشكەنلەرمۇ بار، ئەلۋەتتە. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، پ ي د، ئەرمەنى دىئاسپوراسى، ئىسرائىلىيە ۋە غەرب بۇ كىرىزىستە ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەنلەر ھېسابلىنىدۇ.
يېقىن ئەتراپ سىياسىتىنى ئاكتىپ ھالدا يولغا قويۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ، تۈركىيەنىڭمۇ يېقىن ئەتراپ سىياسىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. سۈرىيە تۈركمەنلىرى بىلەن تۈركىيەنى پەقەت چېگرا لىنىيەسىلا ئايرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، تۈركىيە تۈركمەنلەرنى ھەمىشە باغرىغا بېسىپ كەلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش نۆۋەتتە ياۋروپاغا نىسبەتەن پايدىسى ناھايىتى كۆپ بازارغا ئايلىنىپ قالغان. رۇسىيە قارىماققتا سۈرىيەدە پايدىغا ئېرىشكەن تەرەپتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇزاق مەزگىللىك زىيان تارتىدىغانلار كارۋىنىغا قېتىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى، ئەلۋەتتە.
كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتكىنىدەك، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە بۇ كىرىزىسىنى ئۆزئارا ھەل قىلىشى لازىم. چۈنكى زىياننىڭ قايسى نۇقتىسىدىن قايتسا پايدىدۇر. ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن. پۇتىن بىلەن ئەردوغان ئىستىراتېگىيەلىك ئالى ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزگەن تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى يەنىلا بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ قولىدا.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر