بەدەن بىر دۆلەت، قەلب ئۇنىڭ سۇلتانى

قەلب، ئىمان ۋە توغرا يولنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدۇر. ئىمان ۋە ئسلامنىڭ ئىزھارى ھېسابلىنىدىغان ھەرقانداق خەيرلىك ئىش، ئالدى بىلەن قەلبتە نىيەت قىلىنىدۇ.

400577
بەدەن بىر دۆلەت، قەلب ئۇنىڭ سۇلتانى

 

بەدەن بىر دۆلەت، قەلب ئۇنىڭ سۇلتانى


ئەزىز قېرىنداشلار!
ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم داۋاملىق ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان دۇئالارنىڭ بىرسى «ئى قەلبلەرنى بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە ئۆزگەرتىدىغان پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ قەلبىمنى دىنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغىن!» دېگەن دۇئا ئىدى. (تىرمىزى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دۇئاسىدا ئۇلۇغ ئاللاھتىن قەلبىنى ئىمان ۋە توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىشىنى تىلىگەن ئىدى. چۈنكى قەلب، ئىمان ۋە توغرا يولنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدۇر. ئىمان ۋە ئسلامنىڭ ئىزھارى ھېسابلىنىدىغان ھەرقانداق خەيرلىك ئىش، ئالدى بىلەن قەلبتە نىيەت قىلىنىدۇ. قەلب مانا شۇنداق زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بولغاچقىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى «بەدەن بىر دۆلەت، قەلب ئۇنىڭ سۇلتانى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. (ئابدۇررەززاق ئەلمۇسەننەف)
ئەزىز قېرىنداشلار!
شۈبھىسىزكى، قەلب قانداقتۇر پەقەتلا بەدەندىكى قاننىڭ راۋانلىقىنى ۋە ھاياتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىر ئەزا ياكى گۆش پارچىسى ئەمەس. بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەنىۋىي ھاياتىمىزغا يۆنىلىش ۋە ئاقىۋېتىمىزنى بەلگىلەيدىغان بىر مەركەز ھېسابلىنىدۇ. قەلب، ئىمان بىلەن كۇپىرنىڭ، سۆيگۈ بىلەن نەپرەتنىڭ، جاسارەت بىلەن قوقۇنچاقلىقنىڭ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ... قىسقىسى پۈتۈن تۇيغۇلىرىمىزنىڭ بۇلىقىدۇر.
گۈزەللىكلەرمۇ ۋە سەتچىلىكلەرمۇ دائىم قەلبتە باشلاپ، قەلبتە ئاخىرلىشىدۇ. خەيرلىك ۋە پايدىلىق ئىشلارنىڭ سەرچەشمىسى بولغان ھەر قانداق قەلبتىن پەقەتلا گۈزەللىكلەر ئۇرغۇپ چىقىدۇ. رەزىللىكلەر بىلەن كىرلەنگەن ۋە سەلىبىيلىكلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغان قەلبتىن بولسا، يامانلىقتىن باشقا نەرسە نامايەن بولمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «دىققەت قىلىڭلار! بەدەنىڭلاردا شۇنداق بىر گۆش پارچىسى باركى، ئۇ ياخشى بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار ياخشى بولىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بۇزۇلىدۇ. ئۇ دەل قەلبتۇر» (بۇخارى) دېگەن ھەدىسى ئارقىلىق ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدى.
دەرۋەقە مۆئمىن، قەلبىنى گۈزەللىكلەر، خەيرىلىك ئىشلار ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئەمەللەرگە ئاچىدىغان، يامانلىقلارغا بولسا، مەھكەم تاقىۋالىدىغان كىشىدۇر. مۆمىن ساغلام قەلبنىڭ ئىگىسىدۇر. ساغلام قەلب بولسا، ئاللاھقا چىن يۈرەكتىن ئىتائەت قىلىدىغان قەلبتۇر. بۇنداق قەلب نۇرىنى ئىماندىن، كۈزەللىكىنى سالىھ ئەمەللەردىن ئالىدۇ. ساغلام بىر قەلبتە دۇنيالىق قايغۇ بولمايدۇ. دەرت - ئەلەمگە تەسلىمكەشلىك ئەمەس، پەقەتلا ئاللاھقا تايىنىش ۋە ئاللاھقا ئىىشنىس بولىدۇ. بۇنداق قەلب غۇرۇرىنى ۋە كىشىلىكىنى دەپسەندە قىلمايدۇ. ئىززىتى ۋە ھۆرمىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.
ساغلام قەلبتە، مەسئۇلىيەتسىزلىك، شەخسىيەتچىلىك، ئۆچ - ئاداۋەت، زۇلۇم ۋە نەپرەت بولمايدۇ. بەلكى ئەكسىچە، ئورتاقلىشىش، قەدىرشۇناسلىق، سۆيگۈ، ھۆرمەت ۋە پەزىلەتكە تولغان بولىدۇ. بۇنداق قەلبتە زورۋانلىق ۋە ئۆچ ئېلىش ئەمەس، مېھرى شەپقەت، سۆيگۈ -مۇھەببەت بولىدۇ. بۇنداق قەلبتە ھاياسىزلىق ئەمەس، ئىپپەت، پەزىلەت ۋە مەردانىلىق بولىدۇ. بۇنداق قەلبتە «مەن» ئەمەس، «بىز» يەرلەشكەن بولىدۇ. بىرلىكتە يىغلاپ، بىرلىكتە كۈلۈش بولىدۇ. كىبىر ئەمەس، كەمتەرلىك، يالغانچىلىق ۋە ئەگرىلىك ئەمەس، راسچىللىق ۋە ساداقەت بولىدۇ. قوپال قاتتىقلىق ئەمەس، نازاكەت ۋە لاتاپەت بولىدۇ. قورقۇنچاقلىق ئەمەس، جاسارەت بولىدۇ.
ساغلام بىر قەلبكە ئىگە بولغان مۆئمىن ئۆزىنىڭ قەرزدارلارغا، كېسەللەرگە، ياشانغانلارغا، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ۋە ئېزىلگەنلەرگە ياردەم قولىنى سوزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر مەدەنىيەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇنداق قەلبنىڭ ئىگىسى، ئابدۇللاھ، ئەنەس، ۋەبەشىر قاتارلىق يېتىم ساھابىلەرنىڭ بېشىنى ئاتا شەپقىتى بىلەن سىيلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇنداق ساغلام بىر قەلبنىڭ ئىگىسى بولغان مۆئمىن، «قولغا كەلتۈرگەنلىرىڭ ئەمەس، باشقىلارغا تارقاتقىنىڭ سېنىڭدۇر» (تىرمىزى) دەپ بۇيرىغان ۋە خولۇم - خوشنىلىرىنى ئاسرىغان، يوقسۇللارغا قۇچاق ئاچقان، شەپقەتلىك بىر پەيغەمبىرى بارلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
قاتتىىق ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى بىلدۈرۈپ ئۆتمەكچىمەنكى، بۈگۈنكى كۈندە، ئاچكۆزلۈك، تاماخورلۇق، تېخىمۇ كۆپ مال - دۆلەت توپلاش، تېخىمۇ بەك ھوزۇر ھالاۋەت قوغلاش ئارزۇسى گويا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىۋالغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتىمىز. مانا بۈگۈنكى كۈندە كەلگۈسىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بەدەن دۆلىتىنىڭ سولتانى قەلبلەر، بەدەنگە مەھكۇم بولغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. مانا بۈگۈنكى ئىنسانىيەت ئومۇمىي يۈزلۈك بىر رەھىمسىزلىك، ۋىجدانسىزلىق ۋە پەرۋاسىزلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. سان - ساناقسىز زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دات - پەريادىغا، ياردەم نىدالىرىغا قولاق يۇپۇرۇلماقتا. سان - ساناقسىز ئىنسانلارنىڭ جېنى زوراۋانلىق، زۇلۇم - سېتەم ۋە تېررورلۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا. يەنە سان - ساناقسىز ئىنسانلار ئۆي - ماكانسىز، يۈرت - ۋەتەنسىز قالماقتا. دېڭىزلالار ھەر كۈنى پاناھلانغۇچىلارغا مازار بولماقتا. قىرغاققا چىقىپ قىلىۋاتقان بوۋاق جەسەتلىرى ئەسلىدە، ئۆلۈك ۋىجدانلارنىڭ قىرغاققا چىقىپ قىلغانلىقىنى، ھەركۈنى دېگۈدەك ئىسانىيەتنىڭ قىممەت، ئېتىبارىنىڭ يوقۇلۇۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىپ بەرمەكتە.
شۇڭا ئەمدىلىكتە داتلاشقان قەلبلەرنىڭ كىرلىرىنى، قاتتىقلىقىنى ۋە كېسەللىكىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن بىر قەلب تەربىيەسىگە ۋە مېھرى - شەپقەت سەپەرۋەرلىكىگە ئېھتىياجىمىز بار. مانا بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقىي مەنىدىن ئاخىرەتتە بىزگە پايدا يەتكۈزىدىغان ساغلام قەلبكە ئىنتايىن قاتتىق ئېھتىياجىمىز بار.
شۇنداق ئىكەن قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! «قىيامەت كۈنىدە نە مال، نە ئەۋلاد پەيدا بەرمەيدۇ، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر پايدا ئالىدۇ» (سۈرە شۇئەرا 88 - ۋە 89 - ئايەت) دېگەن ئايەتنى قايتىدىن چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىپ چىقايلى!
ئەزەلدىنلا تەبىئىتىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساغلام قەلبىمىزنى، زىھنىمىزنى ۋە تىلىمىزنى سالىھ ئەمەللىرىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلەندۈرەيلى! قەلبىمىز ھەر دائىم ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئىزدەيدىغان بولسۇن! ئاللاھقا بولغان ۋە ئۇنىڭ پەيغەومبىرگە بولغان سۆيگۈ -مۇھەببەت بىلەن تولۇپ تاشسۇن!
قەلبىمىز گۈزەللىكلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلانسۇن ۋە ئەتراپىمىزغا گۈزەللىك نۇرلىرىنى چاچسۇن! كۆڭۈللىرىمىز شات - خوراملىق ۋە تىنچ - ئامانلىق يەتكۈزىدىغان بولسۇن!
خۇتبىمىزنى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئۆگەتكەن شۇ دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:
«ئى رەببىمىز! بىزنى توغرا يولغا ئېرىشتۇرگەندىن كېيىن، قەلبلىرمىزنى ئازدۇرىۋەتمىگىن! بىزگە دەرگاھىڭدىن بىر رەھمەت ئاتا قىلغىن، ھېچ شۈبھىىسزكى، سەنلا چەكسىز مەرھەمەتنىڭ ئىگىسىدۇرسەن» (سۈرە ئەل ئىمران 8 - ئايەت)
«ئى ئاللاھ! قۇلۇقۇمنىڭ يامانلىقىدىن، كۆزۈمنىڭ يامانلىقىدىن، تىلىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە قەلبىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەيمەن» (نەسائىي)
ئامىن!!!!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر