ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئۈستىدە قىسقىچە ئانالىز

تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇنسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز.

406018
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئۈستىدە قىسقىچە ئانالىز

 

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 148
«ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئۈستىدە قىسقىچە ئانالىز»

 

ئوتتۇرا شەرق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭقۇر بىر قالايمىقانچىلىق ئازگىلىغا سۆرەلمەكتە. بىراق بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلانغان ۋاقتىنى ۋە ماھىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تولىمۇ قېيىن. ئوتتۇرا شەرقتىكى مالىمانچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ قايسى ۋەقە بىلەن ۋە قاچان باشلانغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىش لازىم. بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن يېقىن ئۆتمۈشكە قارىغىنىمىزدا 2011 – يىلى ئەرەب باھارىدىن كېيىنكى چېكىنىشلەرنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. لېكىن شۇنداق بولغاندىمۇ «نېمە ئۈچۈن ئەرەب باھارى باشلاندى ۋە ئاخىرلاشتى؟» دېگەن سوئال ئۈچۈن تارىخنىڭ يەنىمۇ ئارقىغا قارىماي بولمايدۇ. بىر نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ مالىمانچىلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى 1990 – يىلى ئىراقنىڭ كۈۋەيتنى بېسىۋېلىشى ئاندىن 2003 – يىلىدا ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىشى بولۇپ چىقىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا 1979 – يىلىدىكى ئىران ئىنقىلابى ۋە ئارقىسىدىنلا باشلانغان 8 يىللىق ئىران – ئىراق ئۇرۇشى بولۇپ چىقىدۇ. تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئۈچىنچى بىر نۇتقىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ باشلىنىشى 1914 – ۋە 1918 – يىللىرى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ۋە ئارقىدىن شەكىللەنگەن سەلىبىي دۆلەت تۈزۈملىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇنسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** *** ***** **** **** **** *** **** **
توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۈگۈنكى ئوتتۇرا شەرقتىكى مالمانچىلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى رايوننىڭ 100 يىلدىن بۇيان بىرىنچى بولۇپ غەربنىڭ مەنئەپتىگە كۆرە شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىدۇر. ئوتتۇرا شەرق ئەسلىدە غەربنىڭ كونتروللۇقىدا شەكىللەنگەن دۆلەتلەر، چېگرالار ۋە سىياسەتلەرنىڭ نەتىجىسدۇر. رايوننىڭ كۆپ مىللەتلىك، ئارىلاشما خەلق توپى ۋە ئاكتىيورلىرى، دىكتاتورلۇقنى ياقىلىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىغا ئېلىندى. دىكتاتورلار ۋە ئىددىئولوگىيەلەر يېڭىچە پۇخرا يارىتىش مەقسىتىدە خەلقلەرنى بىرخىللاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. نۇرغۇنلىغان ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە، ئىرق، مەزھەپ، ئىدىئولوگىيە ۋە دىنغا مەنسۇپ گۇرۇپپىلارنى دۆلەتنىڭ رەڭگىگە ماس شەكىلدە بىرخىللاشتۇرۇش خاھىشى باشلاندى. دىكتاتورلار ئىچكى سىياسەتتە بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تاللاپ، جەمئىيەتنى رەتكە سېلىشقا باشىلىغان بولسا، تاشقى سىياسەتتە ئۆزىنى قوللىغان خەلقئارالىق ئاكتىيورلارغا ھەمكارلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش يولىنى تۇتتى. بۇ ئارقىلىق شەكىللەنگەن دۆلەتلەر سىستېمىسى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە قىسمەن شەكىل ئۆزگەرتتى. بىراق تۈپ يىلتىزىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئىشلار دىكتاتورلارنىڭ ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان خەلقئارا چوڭ كۈچلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا داۋاملىشىۋەردى. خەلقلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر تەسىرىنى يوقاتتى ياكى كۆرۈنەرلىك رول ئوينىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى. ئەلۋەتتە بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قۇرۇلمىلىرى يوقۇتۇپ تاشلاندى، دېگەنلىك بولمايدۇ. ئەكسىچە 20 – ئەسىر بويىچە پۈتۈن رايوندا كۈچلۈك ۋە كەڭ تارقالغان خەلق ھەرىكەتلىرىمۇ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلدى. مەسىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئىسلامى ھەرىكەتلەر، سولچى ۋە لېبېرال ئۆكتىچى پارتىيەلەر شۇنداقلا گۇرۇپپىلار ھەردائىم مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. لېكىن بۇ ئۆكتىچى سىنىپ سىياسەتكە ئاكتىپ قاتنىشالمىدى ۋە دۆلەتكە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. بۇنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىرى بار، ئەلۋەتتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمراقى، ئۆكتىچىلەرنىڭ يەتەرلىك دەرىجىدە ئەتراپلىق تەشكىللىنەلمەسلىكى ياكى كۈچلىنەلمەسلىكى، دۆلەتنىڭ ياكى خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن ئۆزلىرىنى قوغدىيالماسلىقى ئىدى.
دەرۋەقە ئەمدىلىكتە ئوتتۇرا شەرقنىڭ بۇ گىئوپولىتىكىسى ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى تولدۇرۇپ بولدى. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ خەلقئارالىشىش دولقۇنى ۋە ئاخىرىدا ئەرەب باھارىنىڭ قوزغۇلىشى رايوندا ھاكىم كۈچلەرنى يىلتىزىدىن تەۋرىتىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ 20 – ئەسىرنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋەيران بولغان بولدى. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، 20 – ئەسىردە تۈزۈلگەن تۈزۈملەر ۋە شەكىللەنگەن ئورگانلار غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئىراق، لىۋان، پەلەستىن، مىسىر، لىۋىيە، يەمەن ۋە سۈرىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئەھۋاللار بۇنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارغا يەنە تۈركىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرنى قوشۇشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. بىراق بۇ دۆلەتلەر ئۆزلىرىگە خاس ئالاھىدىكلىرى، ئەھمىيەتلىرىگە كۆرە، تېخىمۇ بەك ئىجابىيلىققا ۋە ئارتۇقچىلىققا ئىگە ھېسابىلىنىدۇ. مەسىلەن تۈركىيە ۋە ئىران كۈچلۈك تارىخي تەجرىبىلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىن قولغا كەلتۈرگەن قۇللاشلار بىلەن، باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا پايدىلىق ۋەزىيەتكە ئىگە بولدى. بۇ دۆلەتلەر ھازىرمۇ كۈچلۈك بىر شەكىلدە دۆلەت تەرتىپىنى دااۋملاشتۇرماقتا.
بىراق بۇ ھەرگىزمۇ بۇ دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەردىكى مۇقىمسىزلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. مەسىلەن ئىراق، لىۋان ۋە سۈرىيەدىكى مالىمانچىلىقلار بۇ دۆلەتلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيەتلىرى بۇ دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە تارتماقتا. مەيلى قانداقلا سەۋەب بىلەن بولمىسۇن، تۈركىيە، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بۈگۈنكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەركىزىدە ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. سۈرىيە بۇنىڭ تېپىك ۋە يېڭى مىسالى ھېسابلىنىدۇ.
ئەمدىكى ئاساسلىق كۈنتەرتىپ، ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ ۋە سىياسەتلەرنىڭ قانداق قۇرۇلىدىغانلىقى ھەمدە قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى چۆرىدەيدۇ. ئوتتۇرا شەرق 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكىگە ئوخشاش يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، يېڭىدىن تەرىپلىنىپ، يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈلمەكتە. بىراق بۇ يېڭى ۋەزىيەت 20 – ئەسىردىكىدىن پەرقلىق شەر – شارائىتلارغا ۋە ئۆلچەملەرگە كۆرە ئىلگىرىلىمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم.
1 – بۈگۈنكى ئوتتۇرا شەرق يەرشارى خاراكتېرلىك سىستېما ئىچىدە قۇرۇلماقتا. ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل كۈچلەر سەھنىدە رول ئوينىماقتا. بۇ ئاكتىيورلار ئۆز ئالدىغا ئەمەس، باشقا ئالەمشۇمۇل ۋە رايون خاراكېترلىك ئاكتىيورلار بىلەن ھەمكارلىق ياكى رىقابەت ئاساسىدا ھەرىكەت قىلماقتا.
2 – رايوندىكى قۇرۇلمىلاردا 20 – ئەسىردىكىگە ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەر ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي دىنامىكلەر ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا. ئەرەب باھارىدىكى ئىجتىمائىي قوزغىلىشلار، ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋاندىكى ئىرقىي ۋە مەزھىبىي ھەمكارلىقلار، دائېش، ئەل قائىدە، پ ك ك تېروررلۇق تەشكلاتلىرى، ياكى تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش خەلق دىموكراتىك ھەرىكەتلىرى... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بۇ ئارىلاشما ئاكتىيورلار ئەسلىدە بۈگۈنكى سانچىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدۇر.
3 – دېموكراتىك ھۆكۈمەت تۈرلىرى ۋە دۆلەت تۈزۈملىرىگە ئېھىتىياج بار. بۇ تۈزۈملەرنىڭ قانداق ئورنىتىلىشى تېخىچە مۇئەييەن ئەمەس. لېكىن مۇئەييەنلەشكەن بىر نۇقتا شۇكى، 19 – ۋە 20 – ئەسىردىكىگە ئوخشاش دېكتاتور دۆلەتلەر مودىلىنى ياقالايدىغان تۈزۈملەر ئەمدى ئاقمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا پەرقلىق گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىكتە ياشىيالايدىغان، ھەممىنى قوينىغا ئالالايدىغان مېخانىزملارغا ۋە ئاڭغا ئېھتىياج بار. بارلىق گۇرۇپپىلارنى بىر يەردە تۇتۇپ تۇرالايدىغان قىممەت قاراشلارنى ۋە ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقماي بولمايدۇ. بۇ قىممەت قاراشلار ۋە ئورگانلار دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك پىرىنسىپلىرى بىلەن بىرگە يەنە، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كۈلتۈرى ۋە دىنى پىرىنسىپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى شەرت. خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، 21 – ئەسىردىكى ئوتتۇرا شەرقىنىڭ مالمانچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن يېڭى بىر مودىل ئىجاد قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر