تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 143

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى سۈركىلىشى كەسكىنلەشمەكتە. بۇ تالاش - تارتىش ئەلۋەتتە يېڭى ئىش ئەمەس، ئەمما قانچە ئۇزۇنغا سوزۇلغانسىرى سۇرىيەدىكى ۋەيرانچىلىقلارمۇ شۇنچە ئۇزۇن داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ.

392093
تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 143

 

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 143
«ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى تالاش - تاتىشى»

يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا چىققان خەۋەرلەردە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سۈرىيە مەسلىسىگە ئالاقىدار جىددىي بىر ھەرىكەتلىشىنىش بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. رۇسىيە ئەسەد ئەسكەرلىرىگە قىلىۋاتقان ياردىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا باشلىدى. تارتوس پورتىغا قوشۇمچە يېڭى بىر ھەربىي ئايرودۇرۇم سالماقتا. ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە ياردەملەرنى شۇنداقلا مەسلىھەتچى سۈىپتىدە ھەربىي خادىملارنى يوللىماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى پۇتىن، لاۋروۋ ۋە باشقا رۇسىيە مەسئۇللىرى رۇسىيەنىڭ باششار ئەسەدنى ھەر قايسى جەھەتتىن قوللاپ - قۇۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا. بۇنىڭغا قارشى ئوباما رۇسىيەنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىنىڭ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى، جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىنى ۋە نەتىجىسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ئارىلىقتا ئوبامانىڭمۇ ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلارنى ھەربىي تەلىم – تەربىيە ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى خاتىرىلەپ ئۆتۈش لازىم.
مانا بۇ خىل بىر قانچە خەۋەردىنلا شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى سۈركىلىشى كەسكىنلەشمەكتە. بۇ تالاش - تارتىش ئەلۋەتتە يېڭى ئىش ئەمەس، ئەمما قانچە ئۇزۇنغا سوزۇلغانسىرى سۇرىيەدىكى ۋەيرانچىلىقلارمۇ شۇنچە ئۇزۇن داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** **** *** ***** *****
2011 – يىلى باشلانغان ۋە بارغانچە چوڭقۇرلىشىپ كەتكەن سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى، دەسلەپكى قاراشتا دۆلەتلىك ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىدەك قىلسىمۇ، ماھىيەتتە خەلقئارا سىياسەت مەسلىسىدىن ئىبارەتتۇر. ئىچكى ئۇرۇش دەسلەپتە ئەسەد ئەسكەرلىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بولسىمۇ، كىيىنچە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ، يەنى بىر تەرەپتە سەئۇدى ئەربىستان، تۈركىيە ۋە قاتار، يەنە بىر تەرەپتە ئىران، ئىراق ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تېخىمۇ كېڭەيدى. بىراق ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، بۇ ئىشتا دۇنيانىڭ چوڭ كۈچلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرىمىز. ئەلۋەتتە ئەنگلىيە، خىتاي ۋە فىرانسىيە، قاتارلىق ب د ت نىڭ چوڭ كۈچلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ھەتتا تارىخىي رولى سەۋەبىدىن ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنى ھەمدە چاندۇرماسلىقىتىكى ئۇستىلىقى جەھەتتىن خىتاينى نەزەردىن ساقىت قىلىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بىراق ئەمەلىي ۋەزىيەتكە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ باشتىن تارتىپلا ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ۋە بۇنىڭ مەسىلىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئالاھىدە يېزىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەتتا مەسىلىنىڭ ھازىرقىدەك چېگىش نۇقتىغا كېلىپ قىلىشىدا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى پەۋقۇلئاددە كۈچ ھېسابلىنىدىغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇقىم بىرەر سىياسەت تۇتماسلىقىدىن ئىبارەتتۇر. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يا بىۋاستە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ياكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تورمۇزلاپ قويۇش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ ھەل بولىشىنى توشقۇنلۇققا ئۇچراتماقتا. ئامېرىكا ۋە ئىتىتىپاقداشلىرى قوزغىلاڭچىلارنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق ياردەم قىلغان بولسا، رۇسىيە ۋە ئىتىپاقدىشى بولغان ئىرانمۇ ئەسەدكە ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ياردەملىرىنى داۋملاشتۇردى. بۇ قارىمۇ - قارشى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشلەر تەرەپلەردىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى يېڭىشىگە توسالغۇ بولدى. شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرىدا شەكىللەنگەن كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرى ئىچكى ئۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە سۈرىيەدە شەھەرلەر ۋەيران بولدى. يۈز مىڭلىغان ئىنسان ئۆلدى ۋە مىليونلىغان خەلق مۇساپىر پاناھلانغۇچىغا ئايلىنىپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى جەھەتتىكى بارلىق قارار تەكلىپلەرنى رەت قىلدى. بۇ تورمۇزلاپ قويۇش سەۋەبىدىن خەلقئارا جامائەتچىلىكمۇ سۈرىيەگە قارىتا نەتىجىلىك سىياسەتلەرنى يولغا قويالمىدى ۋە ئۇرۇشنى توختىتالمىدى.
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈركىلىشى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى قانداق چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتكەن بولسا، بۇ ئۇرۇشقا ھەل قىلىش چارىسى تىپىلىشمۇ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنىدىغان كېلىشمگە باغلىق ھالغا كېلىپ قالدى. بۇ جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم يىپ ئۇچلىرى ۋە ئالامەتلەر مەۋجۇت. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدۇر. ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ 5+1 دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن بۇ مەسىلىگە بىرەر ھەل قىلىش چارىسى تاپالىغانلىقى سۈرىيە مەسلىسىگە نىسبەتەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۇمىد چىرىغى ياقتى. 5+1 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ سۈرىيە ئۈچۈنمۇ بىرەر كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كۈتۈلمەكتە.
ئىككىنچىدىن پۇتىن ۋە ئوبامانىڭ باياناتلىرى ئارىسىدا بېرىلگەن سىگناللار بولۇپ، مەسىلەن، پۇتىننىڭ «ئەسەدنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرىدىغان يەنە بىرسى كۆرسىتىلەلمەيۋاتىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئارىسىدا، «ئەگەر ئەسەدنىڭ ئورنىغا باشقىچە بىر ھاكىمىيەت قۇرۇشقا بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەسەدسىز بىر سۈرىيە قۇرۇشمۇ مۇمكىن بولىدۇ» دېگەن سىگنال بار ئىدى.
بۇ يەدە مۇنداق 3 – بىر يىپ ئۇچىمۇ بولىشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ دائېش ۋە باشقا تېررولۇق تەشكلاتلىرىغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئىبارەتتۇر. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى قۇرۇلىدىغان ئەسەدسىز يېڭى بىر سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلدىغاندەك كۆرىنىدۇ. بۇنىڭ يولىمۇ ئەسەدكە قارشى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دائېشنى يېتىم قالدۇرۇپ، كۈچلۈك بىر تاللاشنى سونىشى بولۇپ قالغۇسى. دەل مانا شۇنداق بولغاندا مۆتىدىل قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئەسەدكە قارشى دۆلەتلەرنىڭ دائېشسىز بىر ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىشىغا توغرا كېلىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدا ئاساسلىق ۋەزىپە ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ يەلكىسىگە چۈشىدۇ. ئالدى بىلەن رايوندىكى دۆلەتلەردىن (يەنى سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، قاتار ۋە ھەتتا ئىران) ۋە شۇلار بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە، فىرانسىيە، خىتاي، قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭمۇ ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ جەھەتتە مۇھىم يىپ ئۇچلىرىمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى بولغانغا ئوخشاش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتېففان دە مستورانىڭمۇ بارلىق تەرەپلەر بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. ئەڭ مۇھىمى مىستۇرانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان تىنچلىق پىلانىنىڭ 17 – ئاۋغۇستتا بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغانلىقىدۇر.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن كۆرۈۋلىشقا بولىدىغان سېگنال مۇنداق:
سۈرىيە مەسلىسىنىڭ باشلىنىشىدا بولمىسىمۇ، ھەل قىلىنىشىدا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈركىلىشى ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتا. بۇ ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن تورمۇزلانغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى بىرىنچى بولۇپ، يەنە مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىران بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى ۋە ئورنىتىدىغان ھەمكارلىقىغا مۇناسۋەتلىك. بىراق بۇ باسقۇچتا باشقا ئاكتىيورلارنىڭ رۇلىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئاكتىيورلار ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان قوبۇل قىلارلىق ۋە كۈچلۈك فورمۇلا ئەسەدسىز بىر سۈرىيەنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ يولىنى ئېچىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر بۇ ئىش ئۇتۇققا ئېرىشەلمىسە، ئەپسۇسكى، ئەسەدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئېنىق.
ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 





خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر