بىرلىكىمىز، باراۋەرلىكىمىز ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى قوغدايلى

ئى ئاللاھىم! مىللىتىمىز ئارىسىدا فىتنە تىرىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلارغا قارشى بىر تەن، بىر ۋۇجۇت بولۇشقا ۋە بىر مۇش، بىر بىلەك بولۇپ قارشى تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلغىن! ساڭا ئىمان كەلتۈرگەن بۇ ئېسىل مىللەتكە ياردەم قىلغىن، كۈچ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىن! ئامىن!

344263
بىرلىكىمىز، باراۋەرلىكىمىز ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى قوغدايلى

 

بىرلىكىمىز، باراۋەرلىكىمىز ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى قوغدايلى


ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، «ھەممىڭلار اﷲنىڭ ئارغامچىسىنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە تەپرىقچىلىق قىلماڭلار، اﷲنىڭ سىلەرگە قىلغان ئېھسانلىرىنى ئەستە تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆز- ئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، اﷲ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى ۋە ئۇنىڭ فەزلى ـ كەرىمى بىلەن ئۆز- ئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر ئۇتقا تولغان ئورەكنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، اﷲ سىلەرنى ئۇنىڭدىن قۇتقازدى. اﷲ ئۆز ئايەتلىرىنى (ئالامەتلىرىنى) سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مۇشۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۈمىدكى، بۇ ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە نىجاتلىقنىڭ توغرا يولى كۆرۈنگەي» (سۈرە ئەل ئىمران 103 – ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «بىر – بىرىڭلاردىن نەپرەتلەنمەڭلار، ئاداۋەت تۇتماڭلار! بىر – بىرىڭلارغا ھەسەت قىلماڭلار! بىر بىرىڭلاردىن يۈز ئۆرىمەڭلار! ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى قېرىنداش بولۇڭلار» دەيدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
تارىخ ھەر بىر ئىنساننىڭكىگە ئوخشاش مىللەتلەرنىڭمۇ قىيىن دەۋرلىرىگە شاھىت بولغان. ھەر قايسى مىللەت ئەزالىرىنى ئىمتىھان جەنبىرىدىن ئۆتكۈزىدىغان بۇنداق دەۋرلەردە يۈرەكلەر بۇرۇقتۇم، دۇئارلار ساداسىز ئەھۋالدا قالىدۇ. مانا ئەزىز مىللىتىمىزمۇ چوڭ ئازابلارنى باشتىن كۈچۈرۈپ، كاتتا زەپەرلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن باشقا يەنە، نۇرغۇن خىيانەتلەرگىمۇ دۇچار بولغان ۋە ئېغىر بەدەللەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، چاناققەلئە، ساكارىيا ۋە دۇلمىپىنارلارنىڭ قان ۋە ئوق - دۇرا پۇراپ تۇرغان ئەينى چاغدىكى كۆرۈنىشى ھازىرمۇ خاتىرىلىرىمىزدە ئۆز پېتى ساقلىنىپ كەلمەكتە. نەتىجىدە جانابى ئاللاھ جەننەت ۋەتىنىمىزنى قوغداپ قالدى. بارلىقىنى جەننەت ۋەتىنى ئۈچۈن پىدا قىلغان ئەجدادىمىزغا ئاللاھ غەلىبە ئۇتۇقلارنى بەخش ئەتتى. قولىدا قورالى بولمىىسمۇ، يۈرىكىدە ئىمانى بولغان بۇ ئۇلۇغ مىللەت، ئەڭ قېيىن سىناقلاردىن ئۆتتى. بىزلەر بىر - بىرىمىنى قەدىرلەپ، بىرلىك، بارارۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق روھى بىلەن پاراسەتنىڭ نۇرى ۋە ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ يورۇقلۇقى ئارقىلىق مۇشەققەتلىك دەۋرلەردىن ئۆتەلىدۇق. چۈنكى گەرچە ئىمكانىيەتلىرىمىز چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما رۇھىمىزدا، سەجدىمىز ئارقىلىق ئوخشاشلا مېھرىبان ئاللاھقا قول بولۇشنىڭ ۋە ئوخشاش بىرلا قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ ھوزۇر - ھالاۋىتى بار ئىدى. ئوخشاش سەپتە تۇرۇش، ئوخشتاش زېمىندا، ئوخشاش بايراق، ئوخشاش ئېتىقاد ۋە مۇقەددەسلىككە شەيدا بولۇشنىڭ بەرىكىتى بار ئىدى. ۋىجدانى داتلاشقان، ئىنساپى چۈرۈپ كەتكەن، ئىنسانلىقنى ئۇنۇتقان كۈچلەرگە قارشى بىزنى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغازغان نەرسە مانا بۇ قىممەتلىك روھ ئىدى.
ئەزىز قېرىنداشلار!
مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىيىن ۋە مۇرەككەپ بىر باسقۇچىنى باشتىن كەچۇرىۋاتىمىز. چېگرالىرىمىز سىرتىدا ئۇرۇشلار پارتلاپ، زۇلۇمدىن قاچقان مىليونلىغان ئىنسانلار ۋەتىنىمىزدە پاناھلانغان بۇ نازۇك ۋەزىيەتتە بىزنىمۇ ئۇرۇش يالقۇنىنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرمەكچى بولۇۋاتقان كۈچلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بىزنى زىددىيەتكە سېلىپ، كۈچىمىزنى ئاجىزلىتىش، قېرىنداشلارنى ئۆز - ئارا قىرغىنچىلىققا سېلىشنى قەستلەۋاتقانلار بار، قاراڭغۇ ئۇيۇنلار بىلەن بۇ ئەزىز مىللەتنى بۆلۈپ پارچىلاشقا، قورقۇتۇپ، ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق يوق قىلىشقا ئۇرىنىۋاتقانلار بار. پەرزەنتلىرىمىزنى خائىنلارچە ئۇيۇنلىرىغا سۇيىئېستىمال قىلىپ، ئانىلىرىنىڭ باغرىدىن يۇلۇپ ئېلىۋاتقان، قىزلىرىمىزنى تاغلارغا قاچۇرىۋاتقان، دادىلارنىڭ ئالدىدا تېزلىنىپ ئولتۇرىدىغان ئەدەپ – ئەخلاغلىق يېگىتلىرىمىزنى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىۋاتقان رەزىل كۈچلەر بار. دىنىمىزنى يوق قىلىپ، نەپرەت ۋە ئۆچ - ئاداۋەتنى جار سېلىۋاتقان، تىنچلىققا تۇلغان زېمىنىمىزغا تەپرەت ئۇرۇقلىرىنى چاچماقچى بولۇۋاتقانلار بار، نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلىرىمىز، گۇناھسىز پەرزەنتلىرىمىز ۋە ساقچىلىرمىز شاھادەت شەربىتىنى ئىچتى. ئانىلىرىمىزنىڭ يۈرەكلىرى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى پۇچۇلاندى. شۇڭا ھەممىمىز چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدىمىز.
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئەلۋەتتە بۇ قېيىن كۈنلەردىنمۇ ئۆتۈپ كېتىمىز. ئاللاھنىڭ يارىدىمى بىلەن بۇ ئازابلارنىمۇ يېڭىپ كېتىمىز. تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى قايتىدىن بەرپا قىلىمىز. بىراق تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلىمەسلىكىمىز ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھېلە - نەيرەڭ توزاقلارغا ھۇشيار بولىشىمىز لازىم. مۆئمىنلەرگە خاس بەسىرەت ۋە پاراسەتنى قولدىن بەرمەيلى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بويىچە، «بىر - بىرىگە مەھكەم چېتىلغان خىشلارغا ئۇخشاش» قېرىنداشلىقىمىز ئارىسىغا سۇ كىرىشىگە قەتئىي يول قويمايلى! ھېچ بىر ئىنساننى، ئوخشاش بىرلا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۋاتقان، ئوخشاش پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغان، شاتلىقىمىز ۋە قايغۇرلىرىمىزنى ئورتاق، بايلىق ۋە يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى تەڭ تارتىشقان گۇناھسىز قېرىنداشلىرىمىزنى ئەخلاقسىز جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرى تۈپەيلى ئەيىبلىمەيلى! خوشنىمىز ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزدىن تېررورلۇقنىڭ ھېسابىنى سوراپ يۈرمەيلى! شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بىز كۈشكۈرتۈشلەر تۈپەيلىدىن كوچىلاردا بىر – بىرىمىز بىلەن چېدەل قىلغىنىمزدا پەقەت ۋە پەقەت خائىن گورۇھلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلغان بولىمىز. قېرىنداشلىرىمىزغا كەمسىتىش نەزىرى بىلەن باققىنىمىزدا،سان ساناقسىز شېھىتلىرىمىز جان پىدا قىلغان مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزغا خىيانەت قىلغان بولىمىز. بۇنداق ۋەزىيەتتە غەزەپلىنىش ئەقلىمىزنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئۆچ – ئاداۋەت كۆزىمىزنى كورلاشتۇرىدۇ. جاھىلىيەتنىڭ ئەسەبىيىتى بىزنى خورىتىدۇ. بۇلارنى ياخشى بىلىشىمىز لازىم. تىلىمىز غەزەپ - نەپرەتكە ئەمەس، قەلبىمىزدىكى سۆيگۈ – مۇھەببەت، مېھرى - شەپقەتكە تەرجىمان بولسۇن! ياخشى ئويلىنايلى! باشتىن كەچۈرىۋاتقان بۇ ئازابلار تېخىمۇ چوڭ ئازابلارغا سەۋەب بولمىسۇن، دۇشمەنلىرىمىزنى سۆيۈندۈرمەيلى!
ئەزىز قېرىنداشلار!
بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، ئايال بالا – چاقىلىرىمىزنى، جىنىمىز ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزنى، تارىخىمىز، كۈلتۈرىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى يوق قىلىشقا ئۇرىنىۋاتقان ئالىم كۈچلەرنىڭ قايسى نۇقتىلارغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئۇچۇق نامايان قىلىپ بەرمەكتە. سۈرىيەدە، ئىراقتا، يەمەندە، لىۋىيەدە، ۋە مىسىردا، ئۈممەتنىڭ بىرلىكى، خەلقنىڭ شان شەرىپى، ۋەتەننىڭ ھۆرمىتى ئاياق ئاستى قىلىنماقتا. خەلقىمىز چوڭقۇر بەسىرىتى بىلەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىدىن خەۋەرداردۇر. كۈچىمىزنى ۋە بىر پۈتۈنلىكىمىزنى قوغداپ، دۇنياغا ئۈمىت نۇرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مىللىتىمىزنىڭ ۋەزىپسىدۇر. ھازىر بىر – بىرىمىزگە ھەق – ھوقۇق، سەۋر تاقەت، مېھرى - شەپقەتنى تەۋسىيە قىلىدىغان ۋاقىتتۇر. توغرا ئەقىل بىلەن «مىڭ ئويلاپ بىر سۆزلە» دېگەندەك بىر بىرىمىزنى خەيرىلىك ئىشلارغا چاقىرىشقا، يامان ئىشلارغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن كۆكرەك كىرىشكە ھەر قانداق چاغدىكىدىن تېخىمۇ بەك ئېھتىياجىمىز بار.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ئۇنداقتا قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! شۇ مۇبارەك جۈمەدە پەرۋەردىگارىمىزغا قول سوزۇپ يالۋۇرايلى!
ئى ئاللاھ! ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! ئەزىز شېھىتلىرىمىزگە رەھمەت ۋە شەپقىتىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىغىن ۋە جامالىڭنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلغىن! ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر – تاقەت ئاتا قىلغىن! دىنىمىزنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىچكى - تاشقى مۇسىبەتلەردىن بىزنى قوغدىغىن! تىنچ - ئامانلىقىمىزنى دۈشمەنلەرنىڭ قىلتاقلىرىدىن ساقلىغىن، ۋىجدانىمىزنى يوقىتىدىغان، بىرلىك – باراۋەرلىكىمىزنى ۋە ئاكتىپچانلىقىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرىنىۋاتقانلارغا قەتئىي پۇرسەت بەرمىگىن! قولى قەلەم تۇتىدىغان ئەۋلاتلىرىمىزغا قورال تۇتقازغان زالىملارنى سەن «ئەڭ قاتتىق ئازاب بەرگۈچى» دېگەن سۈپىتىڭ بىلەن ئازابقا دۇچار قىلغىن! بىز ئۈچۈن قۇرغان توزاقلىرىغا ئۆزىنى چۈشۈرگىن!
ئى ئاللاھىم! مىللىتىمىز ئارىسىدا فىتنە تىرىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلارغا قارشى بىر تەن، بىر ۋۇجۇت بولۇشقا ۋە بىر مۇش، بىر بىلەك بولۇپ قارشى تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلغىن! بىز باشتىن كەچۈرىۋاتقان بۇ بارلىق ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى كۆتۈرىۋەتكىن! مىللىتىمىزنىڭ ھېچ بىر ئەزاسىنى ھەق – ھوقۇق، ئادالەتتىن ۋە ئۆزئارا مېھرى مۇھەببەتىن ئايرىمىغىن! ساڭا ئىمان كەلتۈرگەن بۇ ئېسىل مىللەتكە ياردەم قىلغىن، كۈچ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىن! ئامىن!

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر