چار رۇسىيەنىڭ تۈركىستاندىكى ھەربىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ باشلىنىشى

رۇسىيە ۋە مەنچىڭ ئىمپېرىيەلىرى-18-19ئەسىرلەردە مەركىزىي ئاسىيانىڭ شەرقىي ۋە غەربىدە خاراكتېرى ئاساسەن ئوخشايدىغان ئىككى ھەربىي-مەمۇرىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنى تەسىس قىلدى.

375967
چار رۇسىيەنىڭ تۈركىستاندىكى ھەربىي  ھۆكۈمرانلىقىنىڭ باشلىنىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: -18-19ئەسىرلەردە رۇسىيە ۋە مەنچىڭ ئىمپېرىيەلىرى مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئىككى قىسىمى، يەنى ئەينى ۋاقىتتا ئىشلىتىلگەن جۇغراپىيەۋى ئاتالغۇ غەربىي ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلەش بىلەن، بۇ رايوندا ئىدارە قىلىش خاراكتېرى جەھەتتىن ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى ھەربىي ئىدارە قىلىش ئورگىنى، يەنى ھەربىي-مەمۇرىي ھاكىمىيەت ئورگىنى تەسىس قىلدى.
بۇلارنىڭ بىرى، مانجۇلارنىڭ ئىلىنى بازا قىلغان گېنېرال مەھكىمىسى بولۇپ، مانجۇلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيەسى 1763-يىلى ئىلى ۋادىسىدا كۈرە شەھىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇ يەردە گېنېرال مەھكىمىسى قۇرۇپ، يېڭىدىن ئىشغال قىلغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىنى ھەربىي-مەمۇرىي جەھەتتىن ئىدارە قىلىشقا كىرىشتى.
شۇنىڭغا ئوخشاش چار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى 1865-يىلى تاشكەنتنى ئىشغال قىلىپ، قوقان خانلىقىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېين، 1867-يىلى تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ، «تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقى» نى قۇرۇپ، پۈتۈن غەربىي تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
مانجۇلارنىڭ ئىلى گېنېرال مەھكىمىسى بىلەن رۇسلارنىڭ تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقىدا باش ھۆكۈمرانلارنىڭ ھەممىسى ئىمپېراتور تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان ھەربىي قوماندانلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلى گېنېراللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مانجۇلار بولغان بولسا، تۈركىستان گېنېراللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رۇسلار ئىدى.
مانجۇلارنىڭ ئىلى گېنېرال مەھكىمىسى تاكى 1912-يىلىغىچە مەۋجۇت بولدى، رۇسىيەنىڭ گېنېرال گۇبېرناتورلۇقىمۇ تاكى 1917-يىلىغىچە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىغان بولۇپ، بۇ گېنېرال مەھكىمىلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ يوقىلىش قىسمىتى ئوخشاشلىققا ئىگە. يەنى ئىلى گېنېرال مەھكىمىسى 1912-يىلىدىكى ئىلىدا كۆتۈرۈلگەن خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ قوزغىلىڭى ئارقىلىق ئاغدۇرۇلدى ۋە چىڭ ئىمپېرىيەسى سۇن جۇڭشەن ھەم يۈەن شىكەي تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مانجۇ سۇلالىسىغا خاتىمە بېرىلىپ، خىتاي مىللىتىنىڭ جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشتى.
تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقى كېيىنكى ۋاقىتتا «تۈركىستان ئۆلكىسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەت ئورگىنى 1917-يىلى پېتېربۇرگدىكى ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە بولشېۋىكلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشى ئارقىسىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بەردى.
ئۇنداقتا رۇسىيەنىڭ تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى قانداق بولدى؟
چار رۇسىيە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلەش ئۈچۈن، 1717-يىلى خىۋەگە ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن تاكى 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بۇ رايونلارغا قايتا يۈرۈش قىلالمىغان ئىدى. رۇسىيە پەقەت قازاق يايلاقلىرىنى قەدەممۇ قەدەم ئىگىلەپ، شىمالدىن جەنۇبقا سىلجىش چارىسى قوللىنىپ، ئالدى بىلەن يەتتىسۇنى ئىگىلىدى. 1864-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چىمكەنتكىچە بولغان جايلارغا يېتىپ كېلەلىدى. بۇ ۋاقىتتا ۋېرنېي، يەنى ئالمۇتا ئۇلارنىڭ مۇھىم ھەربىي بازىسىغا ئايلاندى.
رۇسىيە ھەربىي تارىخچىسى گېنېرال مىخايىل تېرېنتىيېۋنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىش تارىخى» ناملىق 1906-يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابىدىكى ۋە باشقا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يېزىلغان ئەسەرلەردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1865-يىلى گېنېرال مىخايىل چېرنىيايېۋ 1800 كىشىلىك قوشۇن باشلاپ 12 زەمبىرەك بىلەن تاشكەنتنى ئىشغال قىلىش جېڭىگە ئاتلاندى. تاشكەنتنى ئىشغال قىلىش رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا، يەنى غەربىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ياكى تۇرالماسلىقىنى بەلگىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپ، گېنېرال مىخايىل چېرنىيايېۋ باشقا گېنېراللارنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، چوڭ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن تاشكەنتكە ھۇجۇم باشلىغان ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئۆزبېك تارىخچىلىرىنىڭ يېزىشىچە، بىراق، چېرنىيايېۋنىڭ تاشكەنت ھۇجۇمى دەسلەپتە قارشىلىقلارغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ قىرغىنچىلىق ۋە رەھىمسىز باستۇرۇش چارىسى قوللانغان. تارىخىي مەنبەلەردە بايان قىلىنىشىچە، تاشكەنتنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان 15 مىڭ كىشىلىك قوقان خانلىقى قوشۇنى ئىككى مىڭغا يەتمەيدىغان رۇسىيە ئىشغالچى قوشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتمىگەن. شەھەر خەلقىمۇ رۇس ئارمىيەسىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتمىگەن بولۇپ، شەھەر ئىچىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى خەلقنى قارشىلىق كۆرسەتمەسلىككە چاقىرىق قىلغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 1865-يىلى 15-ئىيۇن كۈنى چېرنىيايېۋ قوشۇنى تاشكەنتنى ئىشغال قىلىۋالغان.
ئەينى ۋاقىتتا 100 مىڭ نوپۇسقا ئىگە تاشكەنت غەربىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شەھەر بۇخارا خانلىقى بىلەن قوقان خانلىقىنىڭ تالىشىش نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىدى. رۇس قوشۇنلىرى ئەنە شۇ قوقان خانلىقى بىلەن بۇخارا خانلىقى ئارىسىدىكى تالىشىشتىن زېرىككەن كۈچلەردىن پايدىلانغان ئىدى. ئەگەردە شۇ قېتىم تاشكەنتلىكلەر چېرنىيايېۋ قوماندانلىقىدىكى مەزكۇر ئازغىنا رۇس قوشۇنىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسا، بۇ قوشۇننى تارمار قىلىشى تەبىئىي ئىدى. ئەمما قوقان خانلىقى بىلەن بۇخارا ئارىسدىكى ئىچكى زىددىيەتلەر، تاشكەنتتىكى ھەربىي قوماندانلار ۋە يۇرت ئاقساقاللىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار چېرنىيايېۋنىڭ تەۋەككۇلچىلىكىنى غەلىبىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنى داڭلىق شەخسكە ئايلاندۇردى ۋە تاشكەنتنىڭ تاكى ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغىچە 120 يىل رۇسىيە ۋە كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونترولى ئاستىدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
تاشكەنت ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىستان ئوبلاستىنى قۇرۇپ، ئۇنى ئورېنبۇرگ گېنېرال گۇبېرناتورلۇقىغا تەۋە قىلدى ھەمدە گېنېرال چېرنىيايېۋ تۇنجى ئوبلاست باشلىقى بولدى. مەزكۇر ئوبلاست 1867-يىلىغىچە مەۋجۇت بولغاندىن كېيىن، 1867-يىلى 6-ئايدا چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە پېتېربۇرگقا قارايدىغان تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقىنى تەسىس قىلىپ، ئەسلى ئاۋستىرىيەلىك گېرمان قېنىدىن بولغان، ئەمما رۇسلىشىپ كەتكەن گېنېرال ئاديۇتانت كونستانتىن- فون كائۇفماننى گېنېرال گۇبېرناتورلۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. گېنېرال ئاديۇتانت كونستانتىن كائۇفمان رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزى رايونى، كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىشتا زور ھەسسە قوشقان ھەم مول باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، چار پادىشاھ ئالېكساندىر 2 - نىڭ يېقىن ئادىمى بولۇپ، ئالېكساندىر 2 -نىڭ ئۇنى تۈركىستاننىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىشى ئەمەلىيەتتە بېرىتانىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان، پامىر ھەم قەشقەرىيەنى تالىشىش «چوڭ ئويۇنى» ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقىغا دەسلەپتە سىر دەريا ۋىلايىتى ۋە يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ زور بىر قىسىمى كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى داۋاملىق زېمىن كېڭەيتىپ، بۇخارا ۋە خىۋە خانلىقلىرىنى قوشۇۋېلىش ھەم قوقان خانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئىدى ھەم بۇ جەرياندا تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقى پۈتۇن غەربي تۈركىستاننى، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ھۆكۇمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ئۆزبېكىستان تارىخى» ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، كائۇفمان ئۆزىنىڭ 14 يىللىق تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇق جەريانىدا، بۇ جايدا رۇسلارنىڭ يۇقىرى ئىمتىيازىنى تىكلىگەن ۋە تۈركىستانغا زور ساندىكى رۇس، ئۇكرائىن قاتارلىقلارنى كۆچۈرۈپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتەك، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە باشقا جەھەتلەردە رۇسلاشتۇرۇش سىياستىنى باشلاپ بەرگەن ئىدى. ئۇ چار رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەملىكىسىنى مۇستەھكەملەشتە زور رول ئوينىغان شەخس ئىدى.
كائۇفمان ھۆكۈمرانلىق قىلغان 14 يىل جەريانىدا، يەنى 1882-يىلىغىچە رۇس قوشۇنى يەنە داۋاملىق كېڭىيىپ، بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە خىۋە خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى رۇسىيەگە تەۋە ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇردى. 1876-يىلى قوقان خانلىقىنى يوقىتىپ پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىنى ئىگىلەپ، قەشقەرىيە بىلەن چېگرالاندى. نەتىجىدە، تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقى 5 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەر مەيدانى 1 مىليون 770 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى بەش مىليونلۇق زور ھاكىمىيەت ئورگىنىغا ئايلاندى. كائۇفمان يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن «يېرىم پادىشاھ» دەپ ئاتالدى.
كائۇفماننىڭ كېيىنكى ھاياتى ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتىشەھەر دۆلىتى ۋە ئەلاخان سۇلتان باشچىلىقىدىكى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر