ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتى

ئوبامانىڭ پىرېزىدېنتلىق مۇددىتىنىڭ توشۇشىشغا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قالغان ئەمدىكى مەزگىلدە ئۇنىڭ  تاشقى سىياسەتتىكى قابىلىيىتى كۆپرەك تالاش تارتىش قىلىنماقتا. ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىك بولغان  ياكى بولمىغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.

374632
ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتى

 

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 139
«ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتى»

ئوبامانىڭ پىرېزىدېنتلىق مۇددىتىنىڭ توشۇشىشغا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قالغان ئەمدىكى مەزگىلدە ئۇ يولغا قويغان تاشقى سىياسەتلەر مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلاندى. ھەممىدىن بەك تاشقى سىياسەتتىكى قابىلىيىتى كۆپرەك تالاش تارتىش قىلىنماقتا. ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىك بولغان ياكى بولمىغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. پىرېزىدېنت ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۈرغان 2009 – يىلىدىن بۇيان قايسى چوڭ قەدەملەرنى تاشلىدى ۋە بۇ قەدەملەر قانداق نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى؟ دېگەن بۇ سۇئالغا ئالدى بىلەن ئومۇملاشتۇرغان ئاساستا، ئاندىن كونكېرت شەكىلدە قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئومۇملاشتۇرغان ئاساستا قارىغاندا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى ئالدىنقى ھۆكۈمەتلەردىن پەرقلىق ھالدا، كۆپ تەرەپلىمىلىك پىرىنسىپنى ئۆزىگە ئاساس قىلدى. سابىق پىرېزىدېنت بوشنىڭ (2000- يىلىدىن 2008 يىللىرىغىچە بولغان) مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ خەلقئارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ۋە رايون خاراكېترلىك ئاكتىيورلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇسۇلىغا بەكرەك كۈچ چىقارغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭغا قارىتا 5+1 دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرىنى ئەڭ مۇھىم مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇكرائىنا ۋە ئافغانىستان مەسىلىلىرى، خەلقئارا ئىقتىسادى كىرىزىس، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى ۋە خەلقئارا مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەردە خەلقئارالىق كۈچلەر بىلەن زور دەرىجىدە ھەمكارلىقلار ئىشقا ئاشتى. بۇلار گەرچە ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمگە ئوخشاش غەلىبىلىك نەتىجە ياراتمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە تېخىمۇ مۆتىدىل بىر ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەسسە قوشتى.
پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئومۇملۇققا ئىگە باشقا سىياسىتى، بوشنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكى بولدى. ئوباما ئەل قائىدە رەھبىرى ئۇسامە بىنلادىننىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئافغانىستان، ئىراق ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتتى. ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىگە بولغان ئامېرىكىنىڭ كۆز قارىشىدىكى تېرورلۇق گۇمانىنى يوق قىلىشقا تېرىشتى. بىراق بۇ جەھەتتە «تولۇق ئۇتۇققا ئېرىشەلىدى» دېيىش تەس. چۈنكى سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئوتتۇرىغا چىققان ئىشىد (دائىش)قا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئوبامانى بۇ جەھەتتە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** ** ******* *** ** ***** ***** **
ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغان يەنە بىر تەرىپى تارىخىي كىرىزىسلەرگە ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا رادىكال قەدەملەرنى تاشلىشى بولدى. بۇ دائىرىدە 3 مۇھىم مىسال بولۇپ، ھەر بىرسى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە، ئامېرىكا تارىخىغا ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بۇ 3 مىسال تۆۋەندىكىچە:
1) ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى تەخمىنەن 35 يىلدىن بايان داۋاملىشىۋاتقان ئىران – ئامېرىكا مەسلىسىگە ئاخىرقى چېكىتنى قويدى.
2) كۇباغا قاراتقان ئېمبارگونى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى باشلاش ئارقىلىق، 50 يىللىق بىر مەسىلىگە خاتىمە بەردى.
3) ئەرەب باھارىنىڭ قوزغىلىشىدا رول ئويناپ، رايوندىكى تەخمىنەن 100 يىللىق ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۆھپە قوشتى.
ئوبامانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان ئەمما ئىجرا قىلىش باشقۇچىغا كەلمىگەن 4 – مۇھىم مىسال، پەلەستىن مەسلىسىنىڭ ھەل بولىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا قارىتا چوڭ ئۈمىت ياراتتى. بىراق داۋامى توختاپ قالدى. بۇلاردىن باشقىمۇ خېلى كۆپ مىساللارنى كەلتۈرۈشە بولىدۇ لېكىن ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان سەۋىيەدە ئەمەس.
ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ھازىردىن باشلاپلا «مەغلۇبيەت» دەپ تارىخقا قەيت قىلىنىشقا باشىلىغان تەرەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىسىر ۋە سۇرىيەگە قاراتقان سىياسىتى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئوباما ئەرەب باھارىنىڭ باشلىنىشىدا ئىجابىي رول ئوينىغان تۇرۇغلۇق، ئەرەب باھارى شامىلىنىڭ تەتۈرگە ئايلىنىپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمىدى. ئوبامانىڭ مىسىردا سىسى باشلىغان ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ياكى كۆرسىتەلمەسلىكى، سۈرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختاتقۇدەك سىياسەت يولغا قويالماسلىقى، لىۋىيە، يەمەن ۋە ئىراقتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماسلىقى قاتارلىقلار ئالدىنقى قاتاردىكى سەلىبىي مىساللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھەممىسدىن مۇھىمراقى ئىشىد (دائىش) تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالماسلىقى بولدى. تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئالدىن كۆرەلمىگەن ۋە توسۇپ قالالمىغان ئوباما ھۆكۈمىتى، 2014 – يىلى ئاۋغۇستتا دائېشقا قارشى 4 باسقۇچلۇق كۈرەش ئىستراتېگىيەسىنى بەلگىلەپ چىقتى. دائېشقا قارشى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش، يەرلىك كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسىنى يوق قىلىش ۋە چېگرا رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بىراق بۈگۈن يېتىپ كېلىنگەن نۇقتىغا قارايدىغان بولساق، دائېشقا قارشى كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنىڭ تېخىچە بىرەر ئۈنۈملۈك نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. دائېش ھازىرمۇ ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئاكتىپ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەلۋەتتە بۇ مەغلۇبىيەتتە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ تېگىشلىك ھەسسىسى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بىرلەشمە ئارمىيە ئىستراتېگىيەسىنىڭ كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئىشقا ئاشۇرۇلىشىدا ئوبامانىڭ كۆرسەتكەن ئاجىزلىقلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
بۇ ۋە باشقا بارلىق مەسىلىلەردىكى نەتىجىسىزلىكلەرنى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم يېپىپ كېتەلىدى. ھەتتا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم تۇلۇق نەتىجىلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تەقدىردە باشقا بارلىق مەسىللەرنىڭمۇ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىشكە باشلايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ كېلىشىمنىڭ ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى قاتارلىق باشقا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. «ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى، رايوندىكى باشقا مەسىلىلەرنىڭمۇ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ» دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ مۇھىم پۇرسەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇتۇققا ئايلىنىشى ئۈچۈن رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە توغرا كېلىدۇ. تۈركىيە ۋە ئىراققا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئامېرىكا – ئىران كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلىشىگە ئوچۇق ياردەمدە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە قاتارلىق رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ يۈزلىنىشنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى ۋە ياردەمدە بولۇشى لازىم. ئامېرىكا – ئىران كېلىشىمىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارىلىشى ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنىڭ رايوندا ۋە خەلقئارادىمۇ ئومۇملاشقان بولۇشى كۈتۈلمەكتە.
ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان يەنە بىر مىسال، سۈرىيە ئۇرۇشىدا ئويناۋاتقان رولى بولىدۇ. ئوباما بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى تاپالىغان ياكى تاپالمىغانلىقىغا كۆرە ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئەسكە ئېلىنىدۇ. دائېش ۋە پ ك ك قاتارلىق تېررولۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قەتئىي پوزىتسىيەسى، ئوبامانىڭ رايوندىكى ئوبرازىنى كۈچەيتىدۇ. ئىران ۋە كۇبادىكى نەتىجىسىدىن كېيىن ئەسەد بولمىغان بىر سۈرىيە تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك غەلىبىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر