قېرىنداشلىقنى يوق قىلىدىغان ئاپەتلەر، ئەيىپ كولاش ۋە گۇمانخورلۇق

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بويىچە، ھەقىقىي مۆئمىن، غەيبەت قىلىش، ئەيىپ ئىزدەش ۋە قالايمىقان سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق تىلىنى زەھەرلىك ئوققا ئايلاندۈرىۋالمايدۇ. پىكىر، تەپەككۈرىنى گۇمانخورلۇق بىلەن كىرلەتمەيدۇ.

374630
قېرىنداشلىقنى يوق قىلىدىغان ئاپەتلەر، ئەيىپ كولاش ۋە گۇمانخورلۇق

 

قېرىنداشلىقنى يوق قىلىدىغان ئاپەتلەر، ئەيىپىنى كولاش ۋە گۇمانخورلۇق

ئەزىز قېرىنداشلار!
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، «ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلەڭلاردىكىلەرگە ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر- بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، اﷲ دىن قورقۇڭلار، اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر» (سۈرە ھۇجىرات 12 ـ ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «بىر - بىرىڭلارنىڭ قۇسۇرىنى ئىزدىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارنىڭ خۇسۇسىي ئەھۋاللارنى ماراپ يۈرمەڭلار( يەنى جاسۇسلۇق قىلماڭلار) بىر بىرىڭلارغا ھەسەت قىلماڭلار، بىر - بىرىڭلاردىن يۈز ئۆرىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، ئاللاھنىڭ قۇللىرى ۋە قېرىنداش بولۇڭلار" دەيدۇ. (بۇخارى ئەدەپ بابى)
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
ئىسلام دىنىمىز ئىنساننىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە غۇرۇرىغا تېگىدىغان ھەر تۈرلۈك پوزىتسىيەلەرنىڭ ھەممىنى ھارام قىلغان. چۈنكى ئىنساننى ئىنسان قىلىدىغان ئەڭ چوڭ بايلىق ئۇنىڭ ئىززەت - ئابىرويىدۇر. ئىنساننىڭ ئۆز - ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئىنسانلارنىڭ ھۆرمىتىنى كۆز ئالدىدا تۇتقان ھالدا ھەرىكەت قىلىشى، ئىنساندەك ياشاشنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز كائىناتتا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان ئىنسانلار ئىنسانلىق مەرتىۋىسى ئىمان بىلەن كامالەتكە يېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىماننىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مۆئمىننىڭ "ئىشەنچلىك كىشى" بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەرىپىگە بىنائەن، ھەقىقىي مۆئمىن، غەيبەت قىلىش، ئەيىپ ئىزدەش ۋە قالايمىقان سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق تىلىنى زەھەرلىك ئوققا ئايلاندۈرىۋالمايدۇ. پىكىر، تەپەككۈرىنى گۇمانخورلۇق بىلەن كىرلەتمەيدۇ. باشقىلارنىڭ ئەيىپ - نۇقسانلىرىنى بازارغا سالمايدۇ. ئىنسانلارنى مەسخىرە قىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ.
شۇڭا ئۇلۇغ دىنىمىز مۆئمىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىقنى بىزگە تەڭداشسىز ئۈلگە سۈپىتىدە تەقدىم قىلىدۇ. بۇ قېرىنداشلىق گويا بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغان ئەزالىرىغا ئوخشاش بىر گەۋدە ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېرىنداشلىق بىنانىڭ بىر بىرىگە مەھكەم چېتىلغان تام ۋە خىشلىرىغا ئوخشاش مۇستەھكەم بولىدۇ. بۇ قېرىنداشلىقتا قېرىندىشمىزنىڭ جىنى جىنىمىزدۇر، قېرىندىشىمىزنىڭ شەرەپى ۋە غۇرۇرى بىزنىڭمۇ غۇرۇرىمىز ۋە شەرىپىمىزدۇر. ئۇنىڭ يوقسۇللۇقى بىزنىڭ يوقسۇللىقىمىز، ئۇنىڭ بايلىقى بىزنىڭ بايلىقىمىزدۇر. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزنىڭ مەۋجۇتقىمىز، ئۇنىڭ يوقلۇقى بىزنىڭ يوقلىقىمىزدۇر. بۇ قېرىنداشلىقتا قېرىندىشىمىزنىڭ جىنى، مېلى، ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە شەرىپى مۇقەددەستۇر. قېرىندىىشمىز ئاللاھنىڭ نەزەر سېلىش ئوبىكتى بولغان بىر قەلب ئىگىسىدۇر ۋە شۇڭا ھەر قانداق بىر قەلب ئاددى كىچىك ئىمالار بىلەنمۇ ئازار بېرىشكە بولمايدىغان دەرىجىدە قىممەتلىكتۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار!
كۈندىلىك ھاياتىمىزدا مىڭىمىز ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرتما خەۋەرلەر بىلەن تولىمۇ چارچاپ كەتمەكتە. قۇلاقلىرىمىز ئارزۇ قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغان ھەر خىل سۆزلەر بىلەن تولماقتا. بەزىدە تىلىمىزدىنمۇ ھېچ سەزمەستىن ئورۇنسىز سۆزلەر تۆكۈلمەكتە. ۋاھالەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئاڭلىغاننى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ كىشىگە يېتەرلىك گۇناھ بولىدىغانلىقىنى(ئەبۇ داۋۇد)، ئىنسانلارنىڭ ئويلاشمايلا ئېغىزىدىن چېقىرىدىغان سۆزلىرى تۈپەيلىدىن جەھەننەمگە تاشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى(مۇسلىم) تەلىم بەرگەن ئىدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز قىلغاندا ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىدى ۋە ھېچ كىشى ھەققىدە ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ يامان گىپىنى قىلمايتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئىنسانلاردا يامان ئىش ھەرىكەتلەرنى كۆرگەن ھامان ئۇلارنى تۈزۈتىش ئۈچۈن «ئىنسانلارغا نېمە بولغاندۇ؟ مۇنداق ۋە مۇنداق ئىشلارنىمۇ قىلىدىكەن» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەيبەت، گۇمانخورلۇق، گەپ توشۇش، باشقىلارنىڭ خۇسۇسىي ئەھۋاللارنى ماراپ يۈرۈش قاتارلىق مۆئمىنلەرگە قەتئىي ياراشمايدىغان قىلمىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇش كېرەكلىكىنى، يا ياخشى سۆزلەرنى قىلىش ۋەياكى ئېغىزىنى يۇمۇش لازىملىقىنى تەلىم بەرگەن ئىدى.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
ئۇلۇغ پەرۋرەدىگارىمىز ئىسرا سۈرىسىنىڭ 36 – ئايىتىدە «ھەققىدە مەلۇماتىڭ بولمىغان ئىشلارنىڭ پېيىگە چۈشمە، چۈنكى قۇلاق، كۆز ۋە قەلب، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا جاۋاپكاردۇر» دەپ بۇيرىغان بولۇپ، بۇ ئايەت بىزگە مەسئۇلىيىتىمىزنى، ھەر بىر ئىشىمىزنىڭ، سۆزىمىزنىڭ شۇنداقلا ھەر بىر كۈنىمىزنىڭ ھېساپقا تارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بىز بۇ ھەقىقەت تۇرۇغلۇقمۇ يەنىلا بەزى ئورۇنسىز خەۋەرلەر سەۋەبىدىن ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك سالاھىيەتلىرىگە نۇقسان يەتكۈزۈدىغان، ئائىلىلەرنى بۇزىدىغان، قېرىنداشلىق ۋە دوسلۇققا زىيان سالىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماقتىمىز. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، توغرا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ باقماستىن ئۇدۇل كەلگەنلا خەۋەرلەرگە ئەگەشكەنلەر ھېچ بولمىغاندا شۇ خەۋەرنى تارقاتقانلار بىلەن ئوخشاشلا جاۋاپكاردۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار!
غەيبەت، يالغانچىلىق، تۆھمەت ۋە يامان گۇمان قاتارلىق ئەخلاقىي ئاجىزلىقلار ئىنسانلار ئوتتۇرىسدىكى ئىشەنچ، سۆيگۈ - مۇھەببەت ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۆچ - ئاداۋەت، دۇشمەنلىككە ئوخشاش ئىسلامنىڭ روھىغا زىت ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاخىرەتتە ھەممە ئىشنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە تارازىدا تارتىلدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا ھېچ قانداق پۇشايماننىڭ پەيدىسى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇ ھەشمەتلىك كۈندە ھەر بىر ئېغىز سۆزىمىز ۋە گۇمانىمىزدىن ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى قەتئىي ئۇنتۇمايلى! ئۇ كۈندە ئەبەدىي نېئمەتكە ئېرىشىدىغانلارنىڭ تەپەككۈرىگە، قەلبىگە، تىلىغا، قولىغا، جۈملىدىن پۈتۈن بەدىنىگە مەھكەم ئىگە بولۇپ، ھاياتقا ھەقىقىي مۆئمىنچە تەپەككۈر بىلەن قارىغانلار بولىدىغانلىقىنىمۇ ھەرگىز ئەستىن چىقىرىپ قويمايلى!
ئاللاھ ھەممىمىزگە بەدگۇماندىن، غەيۋەت - شىكايەتتىن ئۇزاق، ھەقىقىي مۆئمىنگە خاس ئەخلاق - پەزىلەت ئاتا قىلسۇن، ھەممىمىزنى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ئۈلگە قىلسۇن، ئامىن!!!

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر