ئۇكرائىنا كىرىزىسى

ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى

342175
ئۇكرائىنا كىرىزىسى

يېقىندا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىمىي كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىنانى كۆزىتىش كومىتېتى ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى. مارىئۇپول پورتى ئەتراپىدا ۋە مۇستەقىللىق تەرەپدارى كۈچلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى گورلوۋكا يېزىسىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا پۇقرالارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى. مىسنىك 2 كېلىشىمى ئىمزالانغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقان بولۇشىغا قارىماي. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىچە ئىزىغا چۈشمىدى.
ئالدى بىلەن، ئۇكرائىنادىكى يېقىندىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرگە بىرقۇر نەزەر تاشلاپ چىقايلى.
ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسېنيۇك 7 – ئاۋغۇست كۈنى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى بونباس رايونىدىكى توقۇنۇش ۋەزىپىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
11 – ئاۋغۇست كۈنى دونېتسك شەھىرىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئائىت 4 ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.
ئىلكا كۇچېرىۋا دېموكراتىك پائالىيەتلەر فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئۇكرائىنادا دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقىنى قوللاۋاتقانلارنىڭ % 64 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇ نىسبەت ئالدىنقى يىللاردا ناھايىتى تۆۋەن ئىدى.
رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا كۆرە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شەرقتىكى بىر قىسىم ھالقىلىق نۇقتىلارغا 65 مىڭ ئەسكەر ۋە ئونلارچە ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.
17 – ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قىرىمدا زىيارەتتە بولدى. رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا خەلقلىرىنىڭ قېرىنداش ۋە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن، «ئۇكرائىنا چوقۇم قەددىنى رۇسلايدۇ ھەمدە كېلەچىكىنى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلىدۇ» دېدى. بۇ زىيارەتتىن كېيىن، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋنىڭ قىرىمدا زىيارەتتە بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، موسكۋاغا نوتا تاپشۇردى.
20 – ئاۋغۇست كۈنى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو پۇتىننىڭ باياناتىغا جاۋابەن، «ئۇرۇش مەزگىلىدە بىزنىڭ ھېچقانداق قېرىنداش خەلقىمىز يوق. ياۋروپاغا يېقىن بىرلا ئۇكرائىنا خەلقى بار، قارشى تەرەپتە بولسا كىرىزىس ئىچىدە ياشاۋاتقان رۇسىيە خەلقى بار» دېدى.
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا ئالاھىدە كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئالېكسادېر ھۇگ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ۋە قاتتىق توقۇنۇشلارغا سەھنە بولىدىغان رايونلارنىڭ سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتتى. ھۇگ، «ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يوق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەم دونېتسك ھەم ئۇكرائىنا كونىترول قىلىۋاتقان رايونلاردا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېنىقلاپ چىقتۇق» دېدى.
20 – ئاۋغۇست كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا ۋەزىيەتنى ئىزىغا چۈشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى ھەمدە تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندى گېنېرال بېن ھوجېز، «مېنىڭ قارىشىمچە، ھەممىمىز رۇسىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى. ھوجېز، ئىلگىرى رۇسىيەنى ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەم ياۋروپا ئۈچۈن «ئەڭ زور خەۋپ» دەپ قارىغان، ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغانىدى.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوران فابيوس، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ۋەقەلەر توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇكرائىنا، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرىنىڭ 24 – ئاۋغۇست بېرلىندا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئۇكرائىنادا 25 – ئۆكتەبىر كۈنى مەھەللىي سايلاملار ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەھەللىي سايلاملاردا ھەرقايسى پارتىيەلەر ئۈچۈن سايلام چەكلىمىسىنىڭ % 3 تىن % 5 كە چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. دونېتسك بىلەن لۇگانسك پوروشېنكونىڭ سايلام توغرۇلۇق ماقۇللىغان قارارنامىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئايرىم - ئايرىم ۋاقىتلاردا سايلام ئۆتكۈزۈش قارارى ئالدى. دونېتسكتە مەھەللىي سايلاملارنىڭ 18 – ئۆكتەبىر كۈنى، لۇگانسكتە بولسا 1 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا. ھالبۇكى، بۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەكتە.
رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش بارغانسېرى يامانلاشماقتا. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سىياسەتتىن مائارىپقىچە تۈرلۈك ساھەلەردە چەكلىمىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت ئىنتايىن قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرمەكتە. «كۈز پەسلىدە ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ» دەپ قارايدىغانلارنىڭ قارىشىنىڭ توغرا چىقماسلىقىغا تىلەكداشمىز.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر