تۈركلەرنىڭ تائام كۈلتۈرى ھەققىدە

«قەلبكە تۇتۇشىدىغان يول ئاشقازاندىن ھاسىل بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ تۈرك تائام كۈلتۈرىدىكى مەنىسى ھەققىدە

334564
تۈركلەرنىڭ تائام كۈلتۈرى ھەققىدە

تۈرك تائاملىرىنىڭ مەشھۇرلۇقىنى سىلەرمۇ ئاڭلىغان بولساڭلار كېرەك. تائام تۈرلىرىنىڭ موللىقى جەھەتتىن دۇنيادا خىتاي ۋە فىرانسۇز تائاملىرى بىلەن ئوخشاش قاتاردا تۇرىدۇ. شورپىلار، تاتلىق-تۈرمىلەر، زەيتۇن مايلىق تائاملار، كاۋاپلار، تورتلار ۋە باشقا تائام تۈرلىرى تۈرك تائاملىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر. مەسىلەن بىرەر شورپا دۇكىنىغا كىرىسىڭىز، شورپا تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن قايسىسىنى ئىچىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىسىز. شورپىلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىچىلىدىغىنى تۆۋەندىكىلەر: مەرجىمەك، كالا-پاچاق شورپىسى، قېتىق شورپىسى، پەمىدۇر شورپىسى قاتارلىقلار. بۇ شورپىلارنىڭ چىرايلىق ئورىلىپ تەييار ھالەتتە ساتىلىدىغانلىرىمۇ بار، تۈركلەر بارغان يېرىگە بۇلارنى تەڭ ئېلىپ مېڭىشىدۇ، چۈنكى تۈركلەر بۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىشىدۇ.
تۇز، ئۇن، پىياز ۋە تەبىئىي قېتىق قاتارلىق ئاساسلىق ماتېرىياللارنىڭ يېنىدا كۆكتات ۋە دورا-دەرمەكلەر: ياز پەسلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۆيلەردە خېمىرلار يۇغۇرۇلىدۇ، بۇ خېمىرلار قۇرۇتۇلىدۇ. قۇرىغاندىن كېيىن ئۇششاق ھالەتكە ئېلىپ كېلىنىدۇ. بۇلار قىش پەسلىدە شورپا قىلىنىدۇ، بۇ تەملىك شورپىنىڭ نامى تارھانادۇر.
تۈركلەر شورپا ئىچىشكە ۋە سۇلۇق تائاملارنى يېيىشكە تولىمۇ ئامراق بولۇپ، بۇ تاماق ئادىتى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ساپال قاچىلاردا پىشۇرۇلغان كۆكتات ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشلۈك تائاملار تولىمۇ لەززەتلىك. تۈركلەر بۇ تائاملارغا مۇپتىلا بولۇپ قالغان،دېسەك ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
تۈرك تائاملىرىنىڭ تۈرلىرى ۋە خىلمۇ-خىللىقى ئۈستىدە توختالغاندا، چوقۇم بۇ خىلمۇ-خىللىق ۋە مول تۈرلەر ئارىسىدا بىر-بىرى بىلەن گارمونىك ھالەتتە بىرلىشىپ كەتكەن ئالاھىدە تائاملار ئۈستىدىمۇ توختىلىش كېرەك.
مەسىلەن، «كارنىيارىك» بىلەن «جاجىك» تۈرك تائاملىرى ئىچىدە ئايرىلماس ئىككى تۈردۇر. كارىنىيارىك دېگەن بۇ تاماقنى بىر تۈرك كومېدىيە ئارتىسى «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان پىدىگەن» دەپ تەرىپلەيدۇ. دېمىسمۇ، بۇ تاماق ئوتتۇرا قىسمى يېرىلغان ۋە ئىچىگە مەخسۇس تەييارلانغان قىما سېلىنغان بىر خىل تاماق تۈرىدۇر. بۇ تاماق ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن پەيدا قىلىدىغان ھارارەتنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن نىپىز تىلىنغان تەرخەمەك ئارىلاشتۇرۇلغان دوغاپ يەنى جاجىك ئىچىلىدۇ. جاجىك پەقەتلا كارنىيارىكتىن باشقا تاماقلاردىن كېيىنمۇ كۆپلەپ ئىچىلىدۇ. قىسقىسى، جاجىك تۈرك داستىرخانلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر.
تۈركلەر كارنىيارىككا ئوخشاش گۆشلۈك تاماقلارنىڭ يېنىدا ئاق پولىنى قوشۇپ يەيدۇ. پولو تۈرلىرى ئىچىدە بۇلغۇر پولىسى تولىمۇ مەشھۇر بولۇپ، تۈركلەر بۇلغۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ھامان شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشقا باشلايدۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇلغۇر پولىسىغا ئوخشاش، گۈرۈچ بىلەن قىلىنغان ئاق پولىمۇ تۈركلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلار قاتارىغا كىرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېۋەر تۈرك ئاياللىرى ئاق پولىغا قوشقان قوشۇمچە ماتېرىياللار بىلەن پولىنىڭ ئېتىبارى تېخىمۇ ئاشقان. ئۈزۈم، پۇرچاق، ئۆرۈككە ئوخشاش ماتېرىياللار قوشۇلغان ئاق پولۇ تولىمۇ لەززەتلىك.
ئاق پولىمۇ ئۆزىگە مۇۋاپىق جۈپلارنى تېپىش ئارقىلىق تەمىگە تەم قوشقان بولۇپ، بۇ جۈپلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى قۇرۇق پۇرچاقتۇر (كۇر فاسۇليە). بۇ بىر جۈپ ھەمراھنى تۈركلەر «ئاق پولۇ ئۈستىگە قۇرۇق پۇرچاق» دەپ تەرىپلىشىدۇ. بۇ تائام گويا مىللىي كىملىكنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بولۇپ قالغان. بۇ تاماق تۈرك تائاملىرىنىڭ تاجىسى بولۇپ قالغان، بۇ سەۋەبتىن بۇ تاماقنىڭ قېشىدىن «خىزمەتكار» تاماقلارمۇ ئايرىلمايدۇ. مەسىلەن، چىلىغان كۆكتات، جاجىك، پىياز، ئۆرۈك شەربىتى قاتارلىقلار.
گۆشلۈك تائاملار بىلەنمۇ ئاق پولى كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. بىراق بىراق خام ماددىسى گۈرۈچ بولغان يەنە بىر تاماقتىمۇ باش رول ئوينايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق. بۇ لەززەتلىك تاماقنىڭ ئىسمى «دولما» بولۇپ، بۇ تاماق تۈرك كىلاسسىك تائاملىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ تاماقنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى مۇنداق: ئىچىنى ئويغىلى بولىدىغان بىرەر كۆكتات تۈرى تەييارلىنىدۇ، بۇ كۆكتات تۈرىنىڭ ئىچى ئېلىنىدۇ، يەنى ئىچى كاۋاك ھالەتكە ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئارقىدىن ئىچىگە گۆش ياكى گۈرۈچ توشقۇزۇلىدۇ. بىراق ئۈزۈم تېلىنىڭ يوپۇرمىقى ياكى كاپۇسكا بىلەن يۆگىلىپ ئېتىلغان دولما تۈرلىرى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. داستىرخاندا گۆشلۈك دولما بولغان كۈندە تۈركلەر گويا بايرام كۈنىدەك خوشال بولۇپ كېتىدۇ. بۇ تاماقنىڭ ئەڭ ئالاھىدە كۈنلەردە چوقۇم تەييارلىنىشى بۇنىڭ ئىشىارىتىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا دولمىنىڭ زەيتۇن مايلىقىمۇ بار. ياز كۈنىدە بۇ كىشىگە تولىمۇ ياقىدۇ.
ئەمدى تۈرك تاتلىق-تۈرمىلىرى ئۈستىدە ئازراق توختىلايلى. تاتلىق-تۈرمىلەر ئىچىدە باكلاۋا تۈركىيەدە ياشايدىغان ھەر ئىنساننىڭ ئەڭ كۆپ سېغىنىدىغان يېمەكلەردىن ھېسابلىنىدۇ. مەيلى بۇ تاتلىق-تۈرمىنى تۈنۈگۈن يېگەن بولسىمۇ، بۈگۈن يەنە سېغىنىدۇ. تۈركلەر ھەر كۈنى يېسىمۇ يەنە يېگۈسى كېلىپ تۇرىدۇ، بۇنداق لەززەتلىك تاتلىق-تۈرمىدىن قانداقمۇ ۋاز كەچكىلى بولسۇن. نېپىز ۋە قاتمۇ-قات خېمىر، ئىچىدە پۇرچاق ياكى ياڭاق ۋە ئۈستىگە تۆكۈلگەن تاتلىق شەربەتلەر... تۈركلەر بۇنىڭغا «سېرىق ئاپەت» دېيىشىدۇ. چۈنكى باكلاۋا ئۇستىلىرى ئالتۇندەك سارغايغان باكلاۋاغا يۇقىرى باھا بېرىشىدۇ. باكالاۋانى ئېغىزىڭىزغا ئالىدىغان بولسىڭىز، بۇ تاتلىق-تۈرمىنىڭ لەززەتلىك ئىكەنلىكىنى دەرھاللا ھېس قىلىسىز، ئىچكى ماتېرىياللار بىرلىشىپ شۇنچىلىك لەززەتلىك ھاسىل قىلغانكى، ئاشقىزىڭىزغا كىرگەندە باشقىچە يەڭگىللەپ قالىسىز.
باكلاۋاغا ئوخشاش، نېپىز نان ياكى خېمىر ئارىسىغا ماتېرىيال قوشۇپ تاماق تەييارلاش ئەنئەنىسى تۈركلەرگە خاستۇر. بۇ تېخنىكا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ تائام كۈلتۈرىدە تولىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. دەرۋەقە، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تەييارلانغان قاتلىمىلار ۋە پىدىلەر كۈنىمىزدىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
تۈرك مانتىسىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان تاماقلاردىن بىرى بولۇپ، ھەر بىر كوچا دوقمۇشلىرىدا بىرەر مانتا دۇكىنى ئۇچرىتىسىز. تۈرك مانتىسى قىما ۋە نېپىز ئېچىلغان خېمىردىن تەييارلىنىدۇ. ئىچىگە قىما قويۇلغان خېمىرلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە نېپىز ۋە ئۇششاق قىلىش ئاياللار ئارىسىدا قول ماھارىتىنىڭ ئىشارىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ باسقۇچىلاردىن كېيىن تۈرك مانتىسى سۇدا پىشۇرۇلىدۇ. داستىرخانىغا سامساق قويۇلغان قېتىق بىلەن ئېلىپ كېلىنىدۇ. بىر تەخسە يېگەن كىشى مانتىنىڭ لەززەتلىكىدىن، ئىككىنچى قېتىم يەنە يېگۈسى كېلىدۇ.
نېپىز نان ئارىسىغا ماتېرىيال قويۇپ تاماق تەييارلاش ئەنئەنىسى ئۈستىدە توختالغاندا، قاتلىمىلار (بۆرەكلەر) ۋە پىدىلەر ئۈستىدىمۇ ئازراق گەپ قىلايلى.
ئەقلىمگە تۇنجى كەلگىنى ئىرىمچىكلىك قاتلىمىدۇر. ئانادولۇدا بۇ قاتلىمىنى ياخشى قىلىش ئاياللار ئارىسىدا تائام سەنئىتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندەك بىر ئىشتۇر. تۈرك ئاياللىرى قاتلىما قىلىش ياكى ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆيىدە باكلاۋا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ سىناقتىن ئۆتۈش ھەر قانداق بىر سەنئەت ساھەسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەندەك كىشىنى خوشال قىلىدۇ.
قاتلىمىلارنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولسىمۇ، سۇ قاتلىمىسىنىڭ تۈرك داستىرخانلىرىدا ئالاھىدە ئورنى بار. نېپىز ئېچىلغان خېمىرلار سۇدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىچىگە لازىملىق ماتېرىياللار قوشۇلىدۇ. بۇ قاتلىمىنى ئىستېمال قىلغىنىمىزدا، قاتلىمىنىڭ بەدەن ئەزالىرىمىز بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
قاتلىمىلار ناشتىلىقتىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، خۇددى سىمىتقا ئوخشاش. سىمىت چەمبەرگە ئوخشاش يۇمىلاق بولۇپ، ئەتىراپىغا كۈنجۈت قويۇلىدۇ. سىمىت نان تۈرى بولۇپ، باي ۋە كەمبەغەل بولۇپ ھەممە كىشى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ناشتىلىقتا بىر ئىستاكان چاي بىلەن سىمىت يەيدىغان بولسىڭىز، قورسىقىڭىز ئوبدانلا تويۇپ قالىدۇ، سىمىتمۇ گويا تۈركلەرنىڭ مىللىي تائاملىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.ئوخشاشلا، تۈركىيەدە لاھماجۇن ۋە پىدىمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم نەرسىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. بۇ پىزىغا ئوخشاش قالىدۇ. لاھماجۇن ئېچىتقۇسىز نېپىز تەييارلانغان خېمىر ۋە پىياز ئارىلاشتۇرۇلغان قىما بىلەن ئېتىلىدۇ. پىدىلەرگە خىلمۇ-خىل ماتېرىياللار قوشۇلىدۇ.
تۈركىيەدە كاۋاپ تۈرلىرىمۇ لاھماجۇن ۋە پىدىلەردەكلا ياخشى كۆرىلىدۇ. ھەتتا ياخشى كۆرۈش كەلىمىسى تۈركلەرنىڭ گۆشكە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ.كاۋاپ دۇكانلىرى، بولۇپمۇ دۆنەر كاۋاب دۇكانلىرى ھەممىلا يەردە مەۋجۇت. بۇ تاماقلارمۇ تۈرك تاماقلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر