ئاتاكان ۋە شىر

بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەردە ئاتاكان ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن.

324765
ئاتاكان ۋە شىر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەردە ئاتاكان ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن. ئاتاكان بازاردا كۆكتات ساتىدىكەن. ئوتياشتا پىشقان قاپاق، كۈدە، پىياز، شوخلىلارنى توپلاپ، بازارغا ئېلىپ بېرىپ ساتىدىكەن. ئۇ بازار بولىدىغان شەنبە كۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇرىدىكەن ۋە توپلىغان كۆكتاتلارنى «ئۇزۇن قۇلاق» دەپ ئاتايدىغان ئېشىكىگە ئارتىپ، بازارغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆيى بازارغا يىراق ئىكەن. ئاتاكان ئورمانلىقتىكى يول بىلەن ماڭغاندا بازارغا بالدۇر يېتىپ بارىدىكەن. ئانىسى ھەر دائىم ئۇنى ئورمان يولىدىن ماڭماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدىكەن. چۈنكى ئورماندا يىرتقۇچ ھايۋانلار بار ئىكەن. ئاتاكان ئانىسىغا ۋەدە بېرىدىكەن، ئەمما يەنىلا ئورمان يولىدىن ماڭىدىكەن.
بىر شەنبە كۈنى ئاتاكان ئورمان يولىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇزۇن قۇلاق:
-ئاتاكان بۇ يول بەك خەتەرلىك، - دەپ ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. ئاتاكان ئۇزۇن قۇلاقنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنتمۇ قىلماستىن، ئۇنىڭغا مېنىپ، ئورمان يولىدا بازارغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز يولنىڭ چېتىدە ئىڭراپ ياتقان بىر شىرنى كۆرۈپتۇ. شىرنىڭ تاپىنىغا تىكەن پېتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىڭراپ ياتقان ئىكەن. ئاتاكان ئاستاغىنە شىرغا يېقىنلىشىپ، تاپىنىدىكى ئۇزۇن تىكەننى تارتىپ ئاپتۇ. ئۇ كۆڭلىكىنى يىرتىپ، شىرنىڭ قاناپ كەتكەن تاپىنىنى تېڭىپ قويۇپ، يولىغا راۋان بوپتۇ. ئارىدىن كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. ئاتاكان ئانىسىنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سېلىپ، ئورمان يولىدىن ماڭماپتۇ. بىر شەنبە كۈنى بازار ناھايىتى قىزىپ كېتىپتۇ. ئاتاكان كۆكتاتلىرىنى بالدۇرلا سېتىپ بوپتۇ. ئۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قاپتۇ. ئۇ ئۇزۇن قۇلاققا قاراپ:
-ئۆيگە كەچ قالىمىز، كەل، ئاخىرقى قېتىم ئورمان يولىدىن ماڭايلى، ئۆيگە بالدۇر بارىمىز -دەپتۇ. ئاتاكان ئۇزۇن قۇلاق بىلەن ئۆينىڭ يولىغا چۈشۈپتۇ. ھاۋا ئاستا – ئاستا قاراڭغۇلىشىشقا باشلاپتۇ. ئاتاكان ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆزلىرىگە قاراپ ئېتىلىپ كېلىۋاتقان بىر شىرنى كۆرۈپتۇ. ئۇزۇن قۇلاق ئاتاكانغا:
-سەن قاچقىن، شىر سېنى يەپ كەتمىسۇن،- دەپتۇ. شىر ئېتىلاي دېگەندە، بىر مۆجىزە يۈز بېرىپتۇ. شىر بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىگە ياردەم قىلغان ئاتاكاننى تونۇۋاپتۇ، شىر كىچىك مۈشۈككە ئوخشاش ئاتاكاننىڭ ئۇدۇلىدا توختاپ يەردە ئىغىناپ، ئاتاكانغا تاتلىققىنە قاراپتۇ. ئاتاكانمۇ شىرنى تونۇپتۇ. بۇ شىر ئاتاكان تاپىنىدىن ئۇزۇن تىكەننى تارتىپ چىقىرىپ، تېڭىپ قويغان ھېلىقى شىر ئىكەن. ئورمان پادىشاھى شىر ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ. چۆچىكىمىزمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپتۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر