سۇرۇچ ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەسى

تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

311018
سۇرۇچ ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەسى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 135
«سۇرۇچ ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەسى»

 

20 – ئىيۇلدا 32 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان سۇرۇچتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭى ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ تەڭ بىرلا ۋاقىتتا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرى يۈز بەردى. پ ك ك ئادىيامان جەيلانپىناردا، دىياربەكىر ۋە باشقا ۋىلايەتلەردە تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنى شېھىت قىلىپ، پۇقرالارنىڭ يولىنى توستى. ئاپتومۇبىللىرىنى تارتىۋېلىپ ئوت قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەۋجىگە چىققان تېررورلۇق ۋەقىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كۈنتەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئىجتىمائىي جەھەتتىن خەلق ئىچىدە ئەندىشە پەيدا بولغان بولسا، سىياسىي جەھەتتىن ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئىنتتايىن چوڭ بىر ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدە دائېشنىڭ ۋە ئىراقتا پ ك ك نىڭ بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى. ھەر كۈنى توختاتماي ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا دائېش ۋە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي خەۋپسىزلىك سىياسىتىنى ئارىدىن 3 – 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ھەرىكەتكە سالغان بولدى.
بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان مۇھىم ئەھۋاللاردىن بىرسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى تېررولۇق ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىگەنلىكى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئىجابىي ئىنكاسلارنى قايتۇرغانلىقى بولدى. ئامېرىكا قاتارلىق بارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوخشاش پوزىتسىيەنى نامايان قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ 4 – ماددىسى دائىرىسىدە ناتو كېڭەش يىغىنىنى جىددى چاقىردى ۋە ئىجابىي ئىنكاسلارغا ئېرىشتى. ئاخىرىدا تۈركىيە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بىلدۈرۈپ، خەلقئارا قانۇننىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ***** **** ******* **** ****
بۇ ھەرگىزمۇ تۇيۇخسىز يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە بىر ۋەقە ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە تۈركىيەنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتى، ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنياغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە نۇرغۇن تەرەپلىرى بار. تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، سۇرۇچ ۋەقەسىدىن كېيىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بوسۈش خاراكېترلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى 3 نۇقتا تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.
1 – تۈركىيەنىڭ تېررولۇققا قارشى كۈرەش سىياسىتىدە كۈچلۈك يۇقىرى ئۆرلەش ۋە كېڭىيىش كۆرۈلدى. تۈركىيە ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈنجى قېتىم پ ك ك غا قارشى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا پاراللېل ھالدا دائېشقا قارشىمۇ ھەربىي ھەرىكەتنى باشلىدى. تۈركىيە ئىنتايىن چوڭ بىر قەدەمنى تاشلاپ دائېش تېرروچىلىرىغا قارشى خۇددى ئامېرىكىغا ئوخشاشلا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى. ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن باشقا يەنە يۈزلىگەن دائېش ئەزالىرى قولغا ئېلىنىشقا باشلاندى. تۈركىيەنىڭ پ ك ك ۋە دائېشقا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىشى گەرچە نىشاننى چوڭايتىشتەك كۆرۈلسىمۇ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭى بىر ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشماقتا.
بۇ جەھەتتىن 2 – مۇھىم نۇقتا، تېررولۇق قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ باشلانغانلىقى بولۇپ، تۈركىيە 30 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان پ ك ك تېررولۇق تەشكىلاتى يېتىم قالدۇرۇلۇپ، ئەمدىلىكتە دائىشقا قارشى كۈرەشكە مەركەزلەشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىدۇر. بۇ ئىستراتېگىيە ناتو ئەزالىرى تەرىپدىنمۇ قوللاپ - قۇۋۋەتلەنمەكتە. ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن كېلىۋاتقان تېلېگراممىلارمۇ تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تېخىمۇ مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان دائېشقا قارشى كۈرەشكە قاتنىشالىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پ ك ك نىڭ چەتكە قېقىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ ئىستراتېگىيە تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە دائىشقا قارشى كۈرەشكە مەركەزلىشىدىغانلىقى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدىكى ۋە رايوندىكى رولىنىڭ تېخىمۇ بەك ئالدىنقى قاتارغا چىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
بۇ يەردىن يەنە مۇنداڭ مۇھىم 3 نۇقتىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ چارە باسقۇچى ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش باسقۇچىنىڭ قانداق داۋاملىشىدىغانلىقى مەسىلىسىدۇر. تۈركىيە دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان چارە باسقۇچىنىڭ ئەمدىلىكتە بۇرۇنقى شەكىلدە ماڭمايدىغانلىقىنى ۋە ئوخشاش بولمىغان جەھەتلەردىن ئىلگىرىلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئۇيلاشسا بولىدۇ. بىراق بۇنىڭ زادى قانداق ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە قاراپ كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ دائېش رادىكالىزمىغا ۋە تېررورلۇقىغا قارشى قايسى ئۇسۇللار بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىمۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، بۇنى كۈتۈپ كۆرىشىمىز لازىم. بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، ھەر ئىككى تېررولۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش پەقەتلا ھەربىي ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت بولماسلىقى لازىم. چۈنكى ھېچ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پەقەتلا ھەربىي ھەرىكەتلەر بىلەن يوق قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.
تۇغرىسىنى ئېيتقاندا، تېررورلۇق لاي ۋە يۈندە ئازگىلىدا تۆرەلگەن پاشا، قۇرۇتلارغا ئوخشايدۇ. تېررورلۇقنىڭ لاي ئازگىلى ھېسابلىنىدىغان تېررورزم ئېڭى ۋە سەۋەبلىرى يوقۇتۇلماي تۇرۇپ، پەقەتلا تېررورچىلارنى يوقۇتۇش ھەل قىلىش چارىسى بولالمايدۇ. شۇڭا تۈركىيەنىڭ ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەتتا ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دائېشقا قارشى ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلالىشى ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ۋە بىر گەۋدىلەشكەن سىياسىي ھەل قىلىش چارىلىرىنىمۇ يولغا قويۇش كېرەك. بۇ دائىرىدە ئەڭ مۇھىم باشلىنىش سۈپىتىدە دائېش تېررورلۇقىنىڭ مەنبەسى بولغان ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تەسىرىنى يوق قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك ۋاستە دائېش ئىشلىتىۋاتقان خاتا سۆز ۋە تەشۋىقاتلارنىڭ شۇنداقلا خاتا ئەقىدىلەرنىڭ چۈرىتىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ جەھەتتە تاشلىنىدىغان تۈنجى قەدەملەرنىڭ بىرسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز مەقسىتىگە سۇيىئېستىمال قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىغا تەۋە ئۇقۇم ۋە قاراشلارغا قارشى توغرا پىكىر ۋە توغرا قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بولۇشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئىسلامنىڭ توغرا تەپەككۈرىنى تەشۋىق قىلىپ توغرا ئىجرا قىلىش، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە دائېشنىڭ ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش زورۈر. بۇ جەھەتتە تۈركىيەنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئىسلام ئېڭى ۋە ئىسلامىي پائالىيەتلەر، ئىسلام بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك رولى، تارىخىي ۋە گىئوپولىتىكىلىق شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك ئورنى بۇ رول ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئالدىن مۆلچەرلەشكە بولىدىغان ياكى مۆلچەرلەشە بولمايدىغان بارلىق چىقىملارنى توغرا ھېسابلاپ چىقىش بىرىنچى دەرىجىلىك تەقەززا ھېساپلىنىدۇ. بىراق بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى بۇ چېقىملارغا ھەمەيلەننىڭ ئورتاق بولۇشى ۋە بارلىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھەل قىلىش چارىسىغا تۆھپىسىنى قوشۇشى لازىم.
ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر