گازىئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتى -1

توكات شەھىر بىلەن گازىئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە سىلەرنى قىسقىچە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيمىز.

302250
گازىئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتى -1

تۇنا دەرياسى ئاقمايمەن دەيدۇ،
ئەتراپىمنى ۋەيران قىلمايمەن دەيدۇ.
شانى بۈيۈك ئوسمان پاشا،
پىلېنېدىن چىقمايمەن دەيدۇ.
قىلىچىنى تاشقا ئۇردى،
تاش يېرىلدى پارچە-پارچە.
شانى بۈيۈك ئوسمان پاشا.
ئەسكەرلىرىڭ بىلەن ئۇزۇن ياشا.
ياز پەسلىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە بىزمۇ سىلەرگە ئوتلۇق سالامىمىزنى يوللايمىز. يەنە بىر قېتىم ت ر ت تۈركىيەنىڭ ئاۋازى رادىيوسىىدا تارقىتىپ كېلىنىۋاتقان ئۇپۇق سىزىقى ناملىق بۇ پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ھاياجىنىنى ياشاۋاتىمىز. بۈگۈنمۇ تۈركىيەنىڭ ئالىي مائارىپى ھەققىدە سىز قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇمات بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
بۈگۈنكى ئۇپۇق سىزىقى ناملىق پىروگراممىمىزنى سىلەرگە بىر يىپ ئۇچى بېرىش ئارقىلىق ئوسمان پاشا مارشىنىڭ سۆزلىرى بىلەن باشلىدۇق. چۈنكى بۈگۈن نامىنى بۇ تارىخى قەھرىماندىن ئالغان گازىئوسمان ئۇنىۋېرسىتېتىنى سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

گازىئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتى تونۇشتۇرۇشتىن ئىلگىرى، مەزكۇر ئالىي مەكتەپ جايلاشقان توكات شەھىرى ھەققىدە سىلەرنى قىسقىچە مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيمىز.
توكات قارادېڭىز رايونىنىڭ ئوتتۇرا-ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئورمانلىق رايونلىرىدىن بىرىدۇر ۋە ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان يەرلىرىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتىن تۈركىيە بويىچە 6-ئورۇندا تۇرىدۇ. توكات 5000 يىللىق تارىخى بولغان، ئۈستىدە 14 دۆلەت ۋە نۇرغۇن بەگلىك ھۆكۈم سۈرگەن قەدىمىي ئولتۇراق رايوانىدۇر.
توكات نامىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن رىۋيەتلەر مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، توكات قەلئەسىگە مۇناسىۋەتلىك «سېپىللىق شەھەر» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان توخ-كاتتىن كەلگەن. مەشھۇر سەيياھ ئەۋلىيا چەلەبى بولسا توكات قەلئەسىنى ئامالىكا قەۋمىدىن ئەپسانىۋى قەھرىمان بولغان دوك ئاد نىڭ بىنا قىلغانلىقىنى ۋە شەھەرنىڭ نامىنىڭ ئۇنڭىدىن كەلگەنلىكىنى يازغان.
ئەمدى مەزكۇر قەدىمىي ۋە گۈزەل شەھەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى گازىئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور مۇستافا شاھىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ئالىي بىلىم يۇرتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات ئالىمىز. پىروفېسسور دوكتور مۇستافا شاھىن گازىئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېكايىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نامىنى پىلېنې قەھرىمانى غازى ئوسمان پاشادىن ئالغان ئالىي مەكتىپىمىز 1992-يىلى ياپ-يېشل بىر تەبىئەتنىڭ ئىچىدە، شەھەر مەركىزىگە 8 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى تاشلىچىفىتچىلىكىتە بەرپا قىلىنغان. مېدىتسىنا ۋە ئېغىز بوشلۇقى پاكۇلتېتلىرى بولغان ئەلى شەۋكى ئەرەك مەكتەپ قورۇيىمىز بولسا شەھەر مەركىزىگە بىنا قىلىندى. ئالىي مەكتىپىمىز 9 پاكۇلتېت، 4 ئىنىستېتۇت، 8 ئالىي تېخنىكوم، 15 كەسپىي تېخىنىكوم، 13 تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەت مەركىزى قاتارلىق ئىلىم يۇرتلىرىدا 30000غا يېقىن ئوقۇغۇچىغا تەلىم-تەربىيە بەرمەكتە. نۇرغۇن بۆلۈمىمىزدە قوش كەسىپ ۋە قوشۇمچە كەسپ پىروگراممىلىرى يولغا قويۇلماقتا.
گازىئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەراسمۇس، مەۋلانا ۋە فارابى ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىلىرى يولغا قويولماقتا. بۇ پىروگراممىلار دائىرىسىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلمەكتە. شۇنداقلا ئوقوغۇچىلىرىمىزغا مەكتەپ ئىچىدە خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىلدى. تاشلىچىفىتچىلىك مەكتەپ قوروسىدا قىز ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى بار. ۋىلايەت مەركىزدىكى قىز ۋە ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرى بولۇشتىن سىرت، نۇرغۇن خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرى مەۋجۇت. مەكتەپتىمىزدە يەنە پۇتبول مەيدانى، يېرىم يېپىق تەنتەربىيە زالى، پەي توپ مەيدانلىرى ۋە يېرىم ئولىمپىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قاتارلىق بەدەن چىنىقتۇرۇشقا مۇۋاپىق بولغان تەسىسلەر بار. ئوقۇغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان فوتو-سۈرەتچىلىك، تىياتىر، قىيا پاراشوتى، كىنو قاتارلىق كۇلۇپلاردا نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.»

«تۈركىيە مائارىپ ساھەسىدە جەلپ قىلارلىق ماكان بولۇش يولىدا تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلمەكتە. ئالىي مەكتەپ سانى ۋە مائارىپ سۈپىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىرلىكتە، تۈرك ئالىي مەكتەپلىرى خەلقئارا ساھەدە تونۇلۇشقا باشلىدى. تۈركىيە ئىرق، دىن ئايرىماستىن ھەر مىللەت ۋە ھەر كۈلتۈر خەلقىگە ئىسسىق قۇچاق ئاچقانلىقتىن، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ تۈركىيەدە ئوقۇشنى تاللىماقتا. تۈركىيەدىىك ئالىي مەكتەپلەرنى تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىرىۋاتقان بۇ مەزگىللەردە گازىئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ ئاكادېمىك خىزمەتلەر ۋە تەتقىقات جەھەتتىن ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ھېسابلىنىدۇ.»
مەكتەپ مۇدىرىدىن گازىئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قانداق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ ئالىي مەكتەپكە قايسى دۆلەتتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلىكىنى ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بۇ ئالىي مەكتەپتىن مەمنۇن ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئالىي مەكتىپىمىز چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تۈركچە ۋە چەت ئەل تىللىرىنى ئوقۇتۇش مەقسىتىدە لازىملىق ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە شارائىت يارىتپ بېرىش، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر، قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقوغۇچىلار بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا تۈركچە ئۆگىتىش، ئوقو-ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئەمەلىيەت ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئوخشاش شارائىتلار يارىتىپ بېرىلمەكتە.
گازىئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات مەركىزى 2012-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2013-2014 ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەۋسۇمىدا تەلىم-تەربىيە بېرىشكە باشلىغان مەركىزىمىزدە تۈركمەنىستان، كېنيا، گېرمانىيە، ماراكەش، ئېفىيوپىيە ۋە سۈرىيەگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن تۈركچە ئۆگەنمەكتە. ئوقۇغۇچىلىرىمىز تۈركچىنى ۋە تۈرك كۈلتۈرىنى ئەمەلىي ئۆگەنلىكلىرى ئۈچۈن، تىل ئۆگىنىشتە كىشىنى خوشال قىلىدىغان سەۋىيەگە يەتتى. تۈركچە ئوقۇتۇش مەركىزىمىزدىن شەھىرىمىزدە ياشاۋاتقان چەت ئەللىكلەرمۇ پايدىلانماقتا. بۇ مەركىمىزنىڭ مەقسىتى چەت ئەلدىن ئوقۇش مەقسىتىدە كەلگەن ئوقوغقۇچىلىرىمىزغا تۈركچىنى ئۆگىتىش، تۈركىيەنى، توكاتنى ۋە تۈرك كۈلتۈرىنى تونۇشتۇرۇش، تۈركچە ۋە باشقا تىللارنى ئۆگىتىش جەھەتتىن ئەمەلىي خىزمەتلەر ئېلىپ بارماقتا.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر