ئىستېمالچىلارنىڭ ئېڭىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە

ئىستېمالچىلارنىڭ ئېڭىنى ئاشۇرۇش ۋە بۇ ھەقتە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى.

300608
ئىستېمالچىلارنىڭ ئېڭىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە

مۇستەھكەم ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇنسۇرلىرىدىن بىرى شەك – شۈبھىسىز ھالدا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېڭدۇر. ئىستېمالچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى بىلىشى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا بۇ ھەق – ھوقۇقلاردىن پايدىلىنىشى ھەم ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ پاراۋانلىقى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىستېمالچىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە بۇ مەقسەتتە قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى ئورنىتىش ھەمدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ئاساسىي قانۇندا كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغاندۇر. ئاساسىي قانۇننىڭ 172 – ماددىسىدا «دۆلەتنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش، بۇ ھەقتە مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېلىش ھەمدە ئۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش مەسئۇلىتى بار» تەرىقىسىدە بىر ھۆكۈم باردۇر. بۇ ھۆكۈمگە ئاساسەن قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئىستېمالچىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا تاشلىنىدىغان دەسلەپكى ۋە ئەڭ مۇھىم قەدەم ئىستېمالچىلارنىڭ ئېڭىنى ئاشۇرۇشتۇر. ئاڭلىق ئىستېمالچىلار سېتىۋالىدىغان مەھسۇلات ياكى لايىھە ھەققىدە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشى، باھا – سۈپەت جەھەتتىن ئەڭ ئۇيغۇن بولغىنىنى تاللىشى كېرەك. مۇلازىمەت، كاپالەت قاتارلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلەردىن خەۋەردار بولۇشى ۋە بۇ ھەقتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم. باشقا ئىستېمالچىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارنىڭمۇ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشىغا ياردەمچى بولۇش ئاڭلىق ئىستېمال قىلىشنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئىستېمالچىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەدبىرلەردىن بىرى؛ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئىزدەش باسقۇچىنىڭ قولايلاشتۇرۇپ بېرىلىشى ۋە ئىلتىماس سۇنۇش چىقىملىرىنىڭ ئازايتىلىشىدۇر. نەتىجىگە ئېرىشىش باسقۇچىنىڭ قىسقا بولۇشىمۇ ھەق – ھوقۇق ئىزدەشنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئىستېمال ئېڭىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ نېمىلىكىدىن خەۋەردار ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئامىل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىدۇر. يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ئېڭىنى يېتىلدۈرگەندىلا ئاندىن جەمئىيەتكە، مۇھىتقا، ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ھەمدە مۇھىت ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىستېمالچىلار قوشۇنىنىڭ كۆپىيىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
بىر نەرسە سېتىلۋالغاندا سەزگۈر بولماسلىق، قىلغان چىقىمغا لايىق مەھسۇلات سېتىۋالغىلى بولماسلىقتەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھەم كىشىلىك ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىقتۇر. بىز سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلات ياكى لايىھە ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارغا تولۇق ئېرىشكەندىن كېيىن سېتىۋېلىشىمىز، ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنىڭ نېمىلىكىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشىمىز، قىلغان چىقىمىمىزغا لايىق بىر نەرسە سېتىۋېلىشىمىز، ئاڭلىق ئىستېمال قىلىشنىڭ ۋاز كېچىلمەس ئۇنسۇرىدۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر