پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى

باش مىنىستىرى مۇھەممەد ناۋاز شېرىفنىڭ تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان زىيارىتى.

300570
پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى

پاكىستان باش مىنىستىرى مۇھەممەد ناۋاز شېرىف 20 – 21 – ماي كۈنلىرى تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى؛ تۈركمەنىستان – ئافغانىستان – پاكىستان – ھىندىستان تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى بىلەن CASA-1000 ئېلېكتر بېسىمى تورى لايىھەسى تەشكىل قىلدى.
پاكىستان باش مىنىستىرى مۇھەممەد ناۋاز شېرىف 20 – ماي كۈنى ئاشخابادتا زىيارەتتە بولدى. تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى مۇھەممەد ناۋاز شېرىف ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. ئۇچرىشىشلارنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى تۈركمەنىستان – ئافغانىستان – پاكىستان – ھىندىستان تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ئىدى.
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شېرىف، ئۇچرىشىشتىن كېيىن قوشما باياننامىنى ئىمزالىدى. تەرەپلەر يەنە تۈركمەنىستان – پاكىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ھەمدە تۈركمەنىستان سودا – سانائەت بىرلەشمىسى بىلەن پاكىستان سودا مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشان قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ، تۈركمەنىستان – ئافغانىستان – پاكىستان – ھىندىستان تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ – چوڭ ئېنېرگىيە لايىھەلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىۋاتقانلىقىنى، تۈركمەنىستان بىلەن پاكىستاننىڭ قوشنىسى ئافغانىستاننىڭ نورماللىشىشىغا ياردەم بېرىش ۋە خەلقىگە ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بەردىمۇھەممەدوۋ تۈركمەنىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭى سودا كارىدورلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى. پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شېرىف بولسا، تۈركمەنىستان – ئافغانىستان – پاكىستان – ھىندىستان خەلقئارالىق ئېنېرگىيە لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. شېرىف، تۈركمەنىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر يولىنىڭ تۇتتاشتۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شېرىف 21 – ماي كۈنى قىرغىزىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. شېرىف قىرغىزىستان باش مىنىستىرى تېمىر سارىيېۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. ئارقىدىن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. تەرەپلەر، ئېنېرگىيە، سېلىنما، مائارىپ ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشتى. قىرغىزىستان باش مىنىستىرى تېمىر سارىيېۋ، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا قىلغان سۆزىدە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان بىلەن بولۇپمۇ ھالقىلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. سارىيېۋ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى جانلاندۇرۇش شەرت – شارائىتلىرى تولۇق.» باش مىنىستىر سارىيېۋ، بولۇپمۇ ياز ئايلىرىدا تەبىئىي سۈيى ئېشىپ – تېشىپ تۇرىدىغان قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاندىن رايوندا ئېنېرگىيە جەھەتتىن قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەن پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننى يۇقىرى ۋولتاژلىق ئېلېكتىر تورى سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش نىشان قىلىنغان CASA-1000 لايىھەسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. شېرىف بولسا، پاكىستاننىڭ قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىيەنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، قىرغىزىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.
پاكىستان باش مىنىستىرى كېيىنچە پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، پارلامېنت باشلىقى ئاسىلبېك جېنبېكوۋ بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشلاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا ۋە سېلىنما مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. باش مىنىستىر شېرىف، پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن پارلامېنت باشلىقى ئاسىلبېك جېنبېكوۋنى پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
تۈركمەنىستاننىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز رايونى گالكىنىشنىڭ پاكىستان – ھىندىستان چېگرىسىدىكى فازىلكا ئولتۇراق رايونىغىچە سوزۇلىدىغان تۈركمەنىستان – ئافغانىستان – پاكىستان – ھىندىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1800 كىلومېتىر، سىغىمچانلىقى بولسا يىللىق 33 مىليارد كۇب مېتىر بولىدۇ. لايىھە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىغا ئوخشىغان خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. تۈركمەنىستان تەرەپ لايىھەنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى. قۇرۇلۇشى 3.5 يىلدىن 4 يىلغىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان لايىھە بۇ يىل ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.
CASA-1000 لايىھەسى بولسا، تاجىكىستاننىڭ 1300 مېگاۋاتلىق توكىنى ئافغانىستان بىلەن پاكىستانغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىنماقتا. توك مىقدارىنىڭ 300 مېگاۋاتلىق قىسمىنى ئافغانىستان، قالغان 1000 مېگاۋاتلىق قىسمىنى بولسا پاكىستان ئىشلىتىدۇ. لايىھە رايونلۇق ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ مۇھىم قىسمىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.
بۇ لايىھەنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنى ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى دېيىش مۇمكىن. بىراق رايون رەھبەرلىرى بۇ لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىغا خاتىمە بېرىشكە ياردەمچى بولۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىمەكتە. رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان CASA-1000 لايىھەسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى خالىمايۋاتىدۇ. بۇ لايىھەلەر بارلىق توسالغۇلارغا قارىماي پاكىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر