شامال ئېنېرگىيەسى

شامال ئېنېرگىيەسى ۋە ئەھمىيىتى.

271543
شامال ئېنېرگىيەسى

نۆۋەتتە ئىنسانلار ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئېنېرگىيەنىڭ كۆپ قىسمى كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار ئارقىلىق قامدالماقتا. بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجى تەبىئەتتىكى چەكلىك مىقداردىكى بۇ مەنبەلەرنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. تەبىئىي بايلىقلارنىڭ داۋاملىق ئوخشاش نىسبەتتە ئىشلىتىلىشى، «تەبىئىي بايلىقلار يېقىن زاماندا تامامەن يوق بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال، چەكلىك ۋە سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزمەكتە. سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاشۇرۇۋاتقان يەنە بىر ئامىل بۇ مەنەلەرنىڭ پاكىزە بولۇشىدۇر. نېفىت ۋە كۆمۈرگە ئوخشىغان تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇلار ھەم زىيانلىق گازلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ھەم مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. كۈنىمىزدە زادى سەل قاراشقا بولمايدىغان بۇ بۇلغىنىش دۇنيانىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت سالماقتا. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە يۈزلىنىشتۇر. قۇياش، شامال ۋە دولقۇن قاتارلىق پۈتمەس - تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەنبەلىرى تەبىئەتكە ھېچ زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بۇ مەنبەلەردىن بىرى شامال ئېنېرگىيەسىدۇر.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
شامال ئېنېرگىيەسى ئۇدا بىرقانچە مىڭ يىلدىن بۇيان تۈرلۈك مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. تارىختىن بۇيان ئۇن تارتىش ۋە يەلكەنلىك كېمىلەردە ئىنسانلارغا خىزمەت قىلدۇرۇلۇپ كەلگەن شامال ئېنېرگىيەسى، نۆۋەتتە توك چىقىرىش ئۈچۈنمۇ قوللىنىلماقتا. شامال كۈچى يۇقىرى بولغان ساھىللار، ئوچۇق دېڭىزلار ۋە ۋادىلار قاتارلىق يەرلەردە ئىشلىتىلىدىغان شامال تۇربىنىلىرى ھەرىكەت ئېنېرگىيىكىنى توك ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرماقتا. خام ماددا چىقىمى كەتمەيدىغان چىقىمى ئاز ۋە پاكىزە يوللار ئارقىلىق توك ئىشلەپچىقىرىلماقتا.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
تۈرلۈك شەكىللەردە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان شامال تۇربىنىلىرى رايونلۇق ۋە كىشىلىك جەھەتتىن ئىشلىتىشكىمۇ باب كېلىدۇ. توك يەتكۈزۈش قىيىن ۋە كۆپ چىقىم كېتىدىغان يەرلەردە شامال تۇربىنىلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق توك ئىشلەپچىقىرىلماقتا. شامال ئېنېرگىيەسى تەبىئىي بايلىقلار ۋە مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا ئەڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقان ۋاسىتىلەردىن بىرىدۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر