قىزىل ماشىنا

بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەردە قاتناش قائىدىسىگە بويسۇنمايدىغان قىزىل رەڭلىك بىر ماشىنا بار ئىكەن.

356522
قىزىل ماشىنا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەردە قاتناش قائىدىسىگە بويسۇنمايدىغان قىزىل رەڭلىك بىر ماشىنا بار ئىكەن. ماشىنىنىڭ رەڭگى شۇنداق گۈزەل ئىكەنكى، پۈتۈن ماشىنىلار ئۇنىڭغا ھەيران ئىكەن. ئورۇندۇقلىرى پار – پار پارقىراپ تۇرىدىكەن. يېڭى خېلدىكى چاقى بولغانلىقى ئۈچۈن تاغقىمۇ چىقالايدىكەن، شەھەردىمۇ ماڭالايدىكەن. بۇ يېڭى ماشىنىنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى ئۆزىدىن تولىمۇ ماختىنىدىكەن. ئۆزىگە ھەيرانلىق ئىچىدە قارىغان ماشىنىلار بىلەن ھەرگىزمۇ گەپ قىلىشمايدىكەن. قىزىل ماشىنا باشقا پۈتۈن ماشىنىلارنىڭ رەڭگىنى، تېزلىكىنى، شەكلىنى پەقەتلا ياقتۇرمايدىكەن. قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىرىنى مەسخىرە قىلىدىكەن. ئۇلار توغرىسىدا، «دىققەت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ مېنىڭكىدەك كومپىيۇتېرى يوق» دەيدىكەن. يامغۇر ياغقان كۈنلەردە باشقا ماشىنىلارنىڭ يېنىدىن تېز ئۆتىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا، يەردە يۇغلىشىپ قالغان يامغۇر سۇلىرى ۋە لاي – پاتقاقلار باشقا ماشىنىلارغا چاچراپ مەينەت قىلىۋېتىدىكەن.
بىر كۈنى بۇ قىزىل ماشىنا يامغۇر سۇلىرى يۇغلىشىپ قالغان يەردىن شۇنداق تېز ئۆتۈپتۇكى، ئاستا كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئالدى دېرىزىلىرىنى لاي قىلىۋېتىپتۇ. ئالدىنى كۆرەلمىگەن بىر ماشىنا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپتۇ. ئۇ سوقۇلغان ماشىنا يەنە بىر ماشىنىغا سوقۇلۇپتۇ ۋە نەتىجىدە زەنجىرسىمان قاتناش ۋەقەسى ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ. ئەتراپ بىردىنلا قالايمىقان بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇچقاندەك ماڭغان قىزىل ماشىنا بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلاپتۇ. ئەمما، كەينىگە قايتىپ دوستلىرىغا ياردەم قىلماپتۇ. قىزىل ماشىنا ئۆز – ئۆزىگە:
- ئۆزلىرىنىڭ شورى، دىققەت قىلغان بولسا ئۇنداق بولمايتتى. مەن يولۇمغا مېڭىۋېرەي، - دەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا يامغۇر سەۋەبىدىن تېشىپ كەتكەن دەريانىڭ سۇلىرى قىزىل ماشىنىنى ئېقىتىشقا باشلاپتۇ. قىزىل ماشىننىڭ ئېلېكتىر يولى ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكتىن ماڭالماپتۇ. قىزىل ماشىنا بۇنى كۆرۈپ:
- مېنى قۇتقۇزۇڭلار، سەل مېنى دەرياغا ئېقىتىپ كېتىۋاتىدۇ، - دەپ ۋارقىراپتۇ. قىزىل ماشىنا سۇ يۈزى ناھايىتى ئېگىز بولغاچقا ئالدى تەرەپنى كۆرەلمەپتۇ. دوستلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىمىغانلىقىغا ئىنتايىن پۇشايمان قىپتۇ. «لاي سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپ تۇرغىنىدا يىراقتىن ئۇنىڭغا توۋلاۋاتقاندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ. «نېمە بولغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ بولغۇچە بىرسى ئارقىدىن تارتقاندەك ھېس قىپتۇ. ئۇ كۆزىنى ئاچقاندا بارلىق ماشىنىلارنىڭ ئالقىش ياڭرىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ. باشقا ماشىنىلار قىزىل ماشىنىنىڭ دەرياغا ئېقىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ھەممىسى بىرلىكتە ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغان ئىكەن. سەلدە قالغان قىزىل ماشىنا بۇ قېتىم خېجىل بولۇپ كەتكەنلىكتىن قىپقىزىل بولۇپ كېتىپتۇ ۋە:
ھەممىڭلاردىن ئەپۇ سورايمەن، مەن سىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلمىدىم، ئەمما سىلەر مېنى قۇتقۇزۇۋالدىڭلار. بۇندىن كېيىن، مەن سىلەرنى ھەرگىزمۇ يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن، - دەپتۇ. چۆچىكىمىزمۇ بۇ يەردە ئاخىرلىشىپتۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر