كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تەسىرى

كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى.

231450
كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تەسىرى

پۈتكۈل جانلىقلارغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ۋە ياشاش ئۈچۈن كېرەكلىك مەنبەلەرنى سۇنۇۋاتقان دۇنيا، تارىختىن بۇيان تۈرلۈك تەبىئىي ئۆزگىرىشلەرگە ئۇچراپ، كەلمەكتە. دەرۋەقە، يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ئۆز ئىچىدە بىر تەڭپۇڭلۇق ۋە ماسلىققا ئىگە. بىراق بولۇپمۇ يېقىنقى ئەسىردە سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقان بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر دۇنيانىڭ تەبىئىي تەڭپۇڭلۇقى ئىچىدە ئەمەس، ئەكسىچە ئىنسانلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. تەبىئىي بولمىغان بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغىنى، يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا مەيدانغا كېلىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشىدۇر.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە كۆرە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىماتنىڭ ئىللتىپ كېتىش سەۋىيەسى 1 دەرىجە ئاشقان. بۇ شۇنداقلا نەزەر تاشلىسا ئەھمىيەتسىزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، تەبىئىي تەڭپۇڭلۇققا ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنسان ۋۇجۇدىغا قاراش يېتەرلىكتۇر. ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1 گرادۇس ئۆرلەپ كەتسە ناھايىتى ئېغىر كېسەللەر ئوتتۇرىغا چىققىنىدەك، سەييارىمىزدىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى نەتىجىسىدە سۇ ئايلانمىسى ئۆزگىرىپ كەتتى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى مۇزلار ئېرىشكە باشلىدى، قار ۋە مۇز قاتلاملىرى تارايدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ دېڭىز سەۋىيەسى بارغانسېرى يۈكسەلمەكتە. يەنە يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى سەۋەبىدىن دەھشەتلىك ھاۋا ھادىسىلىرى كۆپەيدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرغاقچىلىق ۋە چۆللىشىش ئاپەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ماددىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەل ۋە قارا قويۇن پالاكەتلىرىمۇ يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇلارنىڭ ھەمممىسى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا زىيان يەتكۈزۈپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەكتە، ھايۋان تۈرلىرىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە زىيانلىق ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولماقتا. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كۈچلۈك تەدبىر قوللانمىغان تەقدىردە، بۇنداق پالاكەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى تۈركىيەگىمۇ بىۋاسىتە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ ۋە ئىچكى ئانادولۇ رايونلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان قۇرغاقچىلىق بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. يەنە قىسمەن رايونلاردا كۆرۈلگەن سەل ئاپەتلىرىمۇ يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. كۈندىلىك ئىستېمال ئادەتلىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى ئىشلىتىشكە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ھەم پالاكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەسسە قوشۇش مۇمكىن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر