گاگاۋۇزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلاملىرى

مولداۋىيەنىڭ گاگاۋۇزىيە ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىدە 2015 – يىلى 22 – مارت كۈنى رايونلۇق پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلدى.

257200
گاگاۋۇزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلاملىرى

4 يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملاردا 10 نامزات رىقابەتلەشتى. نامزاتلارنىڭ سانى رايوننىڭ تارىخىي جەھەتتىن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. سايلاملارغا % 58.1 سايلىغۇچى ياكى 63793 كىشى ئىشتىراك قىلدى. سايلاملار ئاساسىي جەھەتتىن تىنچ ئۆتتى.
گاگاۋۇزىيە مەركەز سايلام كومىتېتىنىڭ باياناتىغا كۆرە، گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنت سايلاملىرىدا مولداۋىيە سوتسىيالىست پارتىيەسى قوللىغان مۇستەقىل نامزات ئىرىنا ۋلاھ دەمىر غەلىبە قىلدى. دېموكرات پارتىيە قوللىغان مۇستەقىل نامزات نىكولات دۇدوگلو % 19.05، ۋالېرى يانىئوغلۇ % 7.96، ئاپتونۇم جمھۇرىيەتنىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن دىمىترى كرويتور % 6.42، باشقا 6 نامزات % 5 ئاۋازغا ئېرىشتى.
بۇ سايلاملار گاگاۋۇزىيەگە نىسبەتەن بىرقانچە تۈرلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىچىدىن، بۇ سايلاملاردا تۇنجى قېتىم ناھايىتى كۆپ ئايال نامزاتلار غەلىبە قىلدى. ئىككىنچىدىن، گاگاۋۇزلار رۇسلار بىلەن، مولداۋىيەلىكلەر بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان شۇ كۈنلەردە ئاياللارنىڭ غەلىبە قىلىشى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى گاگاۋۇزىيەدىكى سايلام رىقابىتىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تىنچ ئۆتتى. گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى مىخائىل فورمۇزال، ئىرىنا ۋلاھنىڭ زەپىرىنى تەبرىكلىدى. ۋلاھنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىمۇ سايلام نەتىجىلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرمىدى. گاگاۋۇزىيە مەركەز سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى كارامۇ ئىرىنا ۋلاھنىڭ زەپىرىنىڭ رەسمىي قوبۇل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىرىنا ۋلاھ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئۇدا 6 يىلدىن بۇيان پىرېزىدېنت سايلاملىرىغا تەييارلىق قىلغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىم نىشانىنىڭ گاگاۋۇزىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى. مولداۋىيەنىڭ فېدېراتسىيە سىستېمىسىغا ئۆتۈشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن ۋلاھ، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن گاگاۋۇزىيە ۋە پرىدنېستروۋيې مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 2005 – يىلدىن بېرى پارلامېنت ئەزاسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان ۋلاھنىڭ پىرېزىدېنت سايلاملىرىدا غەلىبە قىلىشى، ئۇنىڭ ھەمىشە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، سايلام سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى جەريانىدا مولداۋىيە سوتسىيالىست پارتىيەسى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتىنىڭ ئۈستۈن قانىتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋالېنتىنا مايۋىيېنكو بىلەن تۆۋەن قانىتى دۇما رەھبىرى سېرگېي نارىشكىن سايلاملاردا ئىرىنا ۋلاھنى قوللايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى. سايلام سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى جەريانىدا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سەنئەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان رۇسىيەلىك ھەيئەتلەر ۋلاھنى قوللاش ئۈچۈن گاگاۋۇزىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى. بۇنىڭدىن بىئاراملىق ھېس قىلغان مولداۋىيەلىك سىياسىيونلار رۇسىيەلىك مۇخبىرلارنىڭ دۆلەتكە كىرىشىنى مەنئىي قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئورتودوكس خىرىستىيان بولغان كۆك ئوغۇزلار 2013 – يىلى 2 - فېۋرال كۈنى رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە بىلەن پۈتۈنلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. بولۇپمۇ ئۇكرائىنا كىرىزسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن، ھەل قىلىنىشنى كۈتۈۋاتقان پرىدنېستروۋيې مەسىلىسىنى باغرىغا بېسىپ ياتقان مولداۋىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
ئىرىنا ۋلاھ ئۇزۇن مۇددەت ئەزاسى بولغان كوممۇنىست پارتىيەدىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى ئايرىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئەمەلىيەتچان بىر لىدەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېلان قىلغان باياناتلىرىدىمۇ گاگاۋۇزىيەنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ۋلاھنىڭ مولداۋىيە سوتسىيالىست پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كىشىنېۋدە ئۇنىڭ نوپۇزىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. مولداۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى بولغان گاگاۋۇزىيە پىرېزىدېنتى ۋلاھ، مولداۋىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
گاگاۋۇزىيەلىكلەر ھەممىدىن بەكرەك رۇسىيە بىلەن تۈركىيەگە ئىشىنىدۇ. دەرۋەقە بۇ ئىككى دۆلەت ۋلاھنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى. ۋلاھمۇ سايلام مەزگىلىدە ھەممىدىن بەكرەك رۇسىيە ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ھەم بۇ ئىككى دۆلەتكە چىن ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋلاھنىڭ گاگاۋۇزىيەلىكلەر ئۈچۈن بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمىز.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر