مەرسىن ۋە مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى -2

مەرسىن ۋە مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە

226713
مەرسىن ۋە مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى -2

«ئون تۆتىنچى قائىدە: ھەق تائالا مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۆزگىرىشلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا تەسلىم بولغىن، ھايات ساڭا قارشى ئەمەس، سەن بىلەن بىرلىكتە ماڭسۇن. تۇرمۇشۇم ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قايغۇرۇپ كەتمىگىن، سەن تۇرمۇشنىڭ ئۈستىنىڭ ئاستىدىن تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىسەن؟»
ھۆرمەتلىك رادىيوسى ئاڭلىغۇچى دوستلار! بۈگۈنكى ئۇپۇق سىزىقى ناملىق پىروگراممىمىزنى تۈركىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئەلىف شافاكنىڭ ئاشىق ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان ئۈزۈندە بىلەن باشلىدۇق. «مەۋلانا» جالالىدىن رۇمىنىڭ «ئاشىق شەرىئىتى» دېگەن ئۇقۇمىنى چىقىش قىلىپ، تەسەۋۇپ پەلسەپىسى بىلەن دۇنيا سۆيگۈسىنى بىر يەرگە يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈرگەن مەزكۇر كىتابتا بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ.
بىزمۇ ئالدىمىزغا چىققان ئۆزگىرىشلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ مەقسىتىگە ئاساسەن شەكىللەندۈرۈشنى مۇۋاپىق دەپ ئويلايمىز.
بۈگۈن سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا ساكاريا شەھىرى ۋە بۇ شەھەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ساكاريا تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا، ئىستانبۇلغا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان 1 مىليون نوپۇسقا ئىگە سانائەت شەھىرىدۇر. تارىخى ھىتىتلارگىچە تۇتۇشىدىغان بۇ كىچىك ۋە گۈزەل شەھەر، ھەم تەبىئىي گۈزەللىكلىرى ھەمدە ئۇزۇن تارىخى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ياشلار ئەڭ كۆپ بارىدىغان چارك كوچىسى ساكاريا شەھىرىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بولسىمۇ، يېنىدىكى ساپانجا كۆلى، ساكاريا دەرياسى، يايلاقلىرى، تۈزلەڭلىكلىرى ۋە كارتەپە چانا تېيلىش مەركىزى قاتارلىقلار بۇ شەھەرنى تېخىمۇ جەلىپكارلىققا ئىگە قىلماقتا. بۇ شەھەردە ناھايىتى ھەل قىلغۇچ جەڭلار يۈز بەرگەن بولۇپ، ھەتتا بۇ جەڭلەر مەدھلىيلىنىدىغان مارشلارمۇ ئىجاد قىلىنغان، ساكاريا جۇغراپىيەلىك جەھەتتە قارادېڭىز ۋە مارمارا دېڭىزىغا يېقىنلىقى جەھەتتىنمۇ مۇھىم ساياھەت مەركىزى بولۇپ قالغان.
........
ئەمدى بۇ شەھەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. مەكتەپ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور مۇزاففەر ئەلماس بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. بۈگۈن سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلارغا مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىزنىڭ بىر قىسىمىنى سۇنىمىز.
مەكتەپ مۇدىرى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «1992-يىلى قۇرۇلۇپ ئاكادېمىك ۋە ئۇل-ئەسلىھە خىزمەتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاماملاپ بولغان ئالىي مەكتىپىمىز، مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 2002- ISO لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى، شۇنداقلا ‹مۇكەممەل سەۋىيەلىك لاياقەت گۇۋاھنامىسى›ئىگە بولغان تۇنجى ۋە بىردىنبىر دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپتۇر. تەجرىبىخانىلار، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەردىن سىرت تور قۇرۇلۇشى ۋە ئۇچۇر-ئالاقەت ساھەسىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىلەنمۇ دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرگە ئۈلگە بولالايدىغان ئالىي مەكتەپتۇر.
ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 4 ئىنىستېتۇت، 13 پاكۇلتېت، 4 ئوتتۇرا تېخنىكوم، 1 دۆلەت ئوپرا ئۆمىكى ۋە 14 كەسپىي تېخنىكوم بار بولۇپ، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئالىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق سەۋىيەسىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. مەكتەپ مۇدىرلىقىغا قاراشلىق 3 بۆلۈم باشقارمىسى بىلەن 13 تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەت مەركىزىمۇ ئۆز ساھەلىرىدە مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئالىي مەكتىپىمىز يىراقتىن ئوقۇش مەركىزى دائىرىسىدە ماگىستىرلىق، ئارىلاش ئوقۇ-ئوقۇتۇش تولۇق كۇرس پىروگراممىلىرى، ئالىي تېخنىكوم پىروگراممىلىرى ۋە گۇۋاھنامىلىق ئوقۇش پىروگراممىلىرى بىلەن مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.»
مەكتەپ مۇدىرىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن ساكاريادا ئوقۇشنى تاللاشى كېرەكلىكىنى سورىدۇق. ئۇ سوئالىمىزغا قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: « ساكاريا يېزا-ئىگىلىك، سانائەت ۋە مۇلازىمەت كەسپىلىرىدە تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى ئورنى ۋە مۇۋاپىق سېلىنما شارائىتلىرى، شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگە شەھەرلەردىن بىرىدۇر. ساكاريانىڭ تارىخى بايلىقلىرىنىڭ موللىقى، ئۆزىگە خاس تەبىئىي قۇرۇلمىسى، ئەنقەرە، ئىستانبۇل، بۇرسا، كوجائەلىگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەرگە يېقىن بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقوغۇچىلىرىمىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
ساكاريا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى شەھىرى بولغان ئىستانبۇل بىلەن ئەنقەرەنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان يول ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان بولۇپ، كوجائەلى، بۇرسا ۋە ئەسكشەھىر قاتارلىق مۇھىم شەھەر مەركەزلىرىگە پەقەت بىر نەچچە سائەتلىك مۇساپىدە بولۇشتىن سىرت، ئىستانبۇلغا 148 كىلومېتىر، ئەنقەرەگە 350 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئالىي مەكتىپىمىزگە ئوقۇشقا كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوقۇش جەريانىدا تۈركىيەدىكى نۇرغۇن چوڭ ۋە مۇھىم شەھەرلەرنى كېزىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.
ئوقۇغۇچىلىرىمىز شەھىرىمىزدە قونالغۇ ئېھتىياجىنى قامداشتىن ئەنسرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، بۇ جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق شارائىت يارىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرى ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ كەلمەكتە. »
مەكتەپ مۇدىرىدىن يەنە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى تاللىشى كېرەكلىكىنى سورىدۇق. ئۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتىن 2500 چەتئەللىك ئوقۇغۇچى سانى بىلەن تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئالىي مەكتىپىمىز چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق سەۋىيەسىدە ئوقۇش پۇرسىتى تەقدىم قىلماقتا. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىز كۆپ قىسمى تەجرىبىلىك، چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقىغان، خەلقئارالىق ژۇرناللاردا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئالىي مەكتىپىمىز ئىلىكترونلۇق ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىلىرى بىلەن مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى 24 سائەت ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادىمىكلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلماقتا. ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمنامىلەر دائىرىسىدە ھەر يىلى ئەراسمۇس ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسىدىن 200دىن ئارتۇق ئوقوغۇچى پايدىلانماقتا. بۇ شارائىتلاردىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ نىسىۋېسىنى ئالماقتا. »


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر