ھاۋا بۇلغىنىشى

ئاتموسفېرادا گاز، چاڭ – توزان، تۇمان ۋە ھورغا ئوخشاش ماددىلارنىڭ ھاياتلىققا تەسىر كۆرسەتكىدەك دەرىجىدە ئېشىشى ھاۋا بۇلغىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ.

219964
ھاۋا بۇلغىنىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاتموسفېرا قاتلىمى دۇنيادا ھاياتلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، ئەمما باشقا پىلانېتالاردا تېپىلمايدىغان شەيئىيدۇر. ئاتموسفېرا ھاياتلىق ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئوكسىگېن ۋە باشقا ھەر خىل گازلارنى ساقلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قۇياشنىڭ زىيانلىق نۇرلىرىدىن قوغدايدىغان قالقان ھېسابلىنىدۇ. ئاتموسفېرادا گاز، چاڭ – توزان، تۇمان ۋە ھورغا ئوخشاش ماددىلارنىڭ ھاياتلىققا تەسىر كۆرسەتكىدەك دەرىجىدە ئېشىشى ھاۋا بۇلغىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاتموسفېرانىڭ تۆۋەن قاتلىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ساپ ھاۋا قاتلىمى، ئازوت، ئوكسىگېن، كاربون 4 ئوكسىد ۋە ناھايىتى ئاز مىقداردىكى ھەر خىل گازلاردىن تۈزۈلگەن. ئۈستۈنكى قاتلامدا قۇياشنىڭ زىيانلىق نۇرلىرىنى قايتۇرۇپ، يەرگە چۈشۈشىنى توسۇپ قالىدىغان ئوزۇن قاتلىمى بار. تۆۋەندىكىلەر ھەر ئىككى قاتلامنى بۇلغايدىغان ۋە تەركىبىدە زەھەرلىك گاز بولغان شەيئىيلەردىن ئىبارەت:
زاۋۇت تۇرخۇنلىرى، كېرەكسىز گازلار، پۇراق يوقىتىش دورىلىرى ۋە ھاشارەت يوقىتىش دورىلىرى.
زەھەرلىك گازلار ئوزۇن قاتلىمىنى نىپىزلىتىپ، زىيانلىق نۇرلارنىڭ يەر يۈزىگە چۈشۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ھەر خىل تېرە راكى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. ئۆلۈم – يېتىم ھادىسىلىرى كۆپىيىدۇ، ئورمان ئوت ئاپىتىگە ئوخشاش ھەر خىل ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
زىيانلىق گازلار ھاۋادىكى سۇ ھورلىرىغا ئارىلىشىپ، كىسلاتالىق يامغۇر پەيدا قىلىدۇ. كىسلاتالىق يامغۇرلار ئورمانلارغا ۋە يېشىل جايلارغا چوڭ زىيان سالىدۇ، سۇغا ئارىلىشىپ بارلىق ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھاۋادىكى كاربون 4 ئوكسىد مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى بىرىكىپ قالغان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئاتموسفېرا سىرتىغا چىقىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. سەرا گازىنىڭ تەسىرى بىلەن يۇقىرى ئۆرلىگەن تېمپېراتۇرا مۇزلارنىڭ ئېرىشىغا ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان بۇ خىل زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچىدۇر. ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:
1 – ئوزۇن قاتلىمىغا زىيان سالىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماسلىق لازىم.
2 – تاش قالدۇق يېقىلغۇلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىپ، باشقا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە يۈزلىنىش لازىم.
3 – تاشيول قاتنىشىنىڭ ئورنىغا، دېڭىز ۋە تۆمۈر يول قاتنىشىغا يۈزلىنىش لازىم.
4 – ئۇزۇن مۇساپىلەردە ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنى، قىسقا مۇساپىلەردە پىيادە مېڭىش ياكى ۋېلىسپىتكە ئوخشاش قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىش لازىم.
يېشىللىقنىڭ كۆپىيىشىگە ھەسسە قوشۇپ، بار بولغان يېشىللىقلارنى قوغداش كېرەك.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر