100 – يىلىغا قەدەم قويغاندا 1 – دۇنيا ئۇرىشىنىڭ نەتىجىلىرى

290097
100 – يىلىغا قەدەم قويغاندا 1 – دۇنيا ئۇرىشىنىڭ نەتىجىلىرى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 116
«100 – يىلىغا قەدەم قويغاندا 1 – دۇنيا ئۇرىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە نەتىجىلىرى»

 

دەرۋەقە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدە مېڭلىغان كىتاب ۋە ماقالە يېزىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئۇنى خۇلاسىلاپ بولۇشمۇ ئاسان ئەمەس. بىراق 100 يىللىق پەنجىرىدىن قارايدىغان بولساق، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىنسانىيەت ۋە دۇنيا تارىخىي نۇقتىسىدىن بەزى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالىشىمىز مۇمكىن. يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى، 1917 – يىلىدىكى فىرانسىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن گېرمانىيە، ئاۋستېرىيە، ھونگىرىيە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى، بۇلغارىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ غالىبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى.
ئۇرۇش پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ ھەممىدىن بەك تەسىرگە ئۇچرىغىنى يەنىلا غالىپلار بىلەن مەغلۇپلار بولدى. غالىپلار ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنياغا يېڭى بىر تەرتىپ ئورنىتىشقا تىرىشقان بولسا، مەغلۇپلار بۇ تەرتىپتىن ئېغىر زەربىلەرنى يېگەن بولدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ تەپسىلاتى كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە سەۋىيەسىمۇ كۆپ خىل بولۇپ، مۇنداق 3 ئۆزگىچە مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.
1 –، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، كلاسسىك ئىمپېرىيالىست سىياسەتلەر دەۋرنىڭ ئەڭ يۈكسەك نۇقتىسىدۇر. 19 – ئەسىردە كۈچلەنگەن ياۋروپا دۆلەتلىرى دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى ئىمپېرىيالىست سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۈرغاندىن كېيىن، 20 – ئەسىردە، بىر – بىرىگە قارشى ئۇرۇشىدىغان نۇقتىغا كېلىپ قالدى. بىراق بۇ ئۇرۇش يالغۇز ئىمپېرىيالىست دۆلەتلەر ئارىسىدىلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىمۇ قوينىغا سۆرەپ كىردى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى شۇلارنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرسى ئىدى.
2 –، بۇ ئۇرۇش كلاسسسىك ئىمپېرىيە دەۋرلىرىگە خاتىمە بېرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 17 – ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان خەلق دۆلىتى مودىلىنى ئومۇملاشتۇردى. بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ئوسمانلى ۋە ئاۋسترىيە – ھونگىرىيە ئىمپېرىيەلىرى بولدى. بولۇپمۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە تەۋە دۆلەتلەر بىلەن خەلقلەر غالىپ دۆلەتلەرنىڭ ئىمپېرىيالىست مەنپەئەتلىرىگە ماس ھالدا يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈلدى. ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ قورۇلۇشلىرىدا بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئالامەتلىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مېزوپوتاميادىن شىمالىي ئافرىقىغا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقانلارغا قەدەر بولغان رايوننىڭ گىئوپولىتىكىلىق شەكىللىنىشى دەل بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بىراق شۇنداقتىمۇ ئىپېرىيالىستلارنى تۇلۇق ئۇتۇققا ئېرىشتى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ دەل بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشنىڭ 3 – مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ئىمپېرىيالىست دۆلەتلەر 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىنى تۇلۇق ئىشقا ئاشۇرالمىدى. بۇ جەھەتتە تۈركىيە تېروتورىيەسى ئىچىدە ئەرمەن، كۇرد ۋە گېرىت دۆلەتلىرىنى قۇرۇش پىلانلىرىنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى مىسال كۆسىتىشكە بولىدۇ. ئوسمانلىنىڭ ۋارىسلىرى بولغان تۈركىيە خەلقى ئىپېرىيالىستلارغا قارشى غەلىبىلىك كۈرەشلەرنى قىلدى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدىكى ئازادلىق ئۇرۇشى دېپلوماتىك ۋە ھەربىي چارە - تەدبىرلەر بىلەن ئەرمەن، كۇرد، گېرىت پىلانلىرىنى بىت - چىت قالىپ تاشلاپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشتەك غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نۇقتىدا ئۇرۇشنىڭ ۋە ھەتتا دۇنيا تارىخىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن چاناققەلئە ئۇرۇشىنى ئالاھىدە ئەستە تۇتۇش لازىم.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسۋەتلىك ئانالىزىنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** *** **** ****** ****** ******** ***
1 – دۇنيا ئۇرۇشنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇىدىغان يۇقىرقى ئۈچ نۇقتىدىن بۈگۈنمۇ ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ساۋاقلار بار.
1 - بولۇپمۇ 20 – ئەسىردە ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە ئومۇمىي ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەسلىدە 1- دۇنيا ئۇرۇشى نەتىجىلىرىنىڭ قانداق ناچار پىلانلانغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمپېرىيالېست كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە جەدۋەللەر بىلەن سېزىپ چىققان چېگرالىرىنىڭ نېمە دېگەن سۈنئىي مەسىلە ۋە ياسالما تۇغدۇرما قېيىنچىلىقلار ئىكەنلىكى مانا سۈرىيە ۋە ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان دائېش پاجىئەسى بىلەن ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۈگۈنكى ۋەقەلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسلىدە ئاياقلاشمىغان بولۇپ، مانا بۈگۈن يەنە باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. بۇنداق ئەھۋالدا بۈگۈنكى ۋەزىيەتنى يۈز يىللىق بىر رايون ئۇرۇشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە بۈگۈنكى كۈنگە ئەكىس ئېتىشى دېيىشكە بولىدۇ. بىراق بۈگۈنكى كۈندىكى رايوننىڭ ۋەزىيىتى 100 يىل ئىلىگىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ. نۆۋەتتىكى ئۇرۇشلاردا تاشقى ئىمپېرىيالېست دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۈچلۈك ئاكتىيورلىرىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا رول ئوينىماقتا. بۇ ئەھۋال بىر تەرەپتىن ئىجابىي ئىلگىرىلەش دەپ كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى رايوننىڭ تەقىدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئۆز كۈچىنى ئىسپاتلىغان رايونلۇق دۆلەتلەرمۇ ئورۇن ئالماقتا. دېمىسىمۇ رايوننىڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرى رايونلۇق سىياسەتلەردە باشلامچىلىق رولى ئويناش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق بۇ جەھەتتە سەلىبىي ۋەزىيەتلەرنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قويۇق توقۇنۇشلار ساقلىنىپ كەلمەكتە. ھەتتا توقۇنۇشلار دۆلەتلەر ئارا، مەزھەپلەر ياكى ئەتنىك گۇرۇپپىلار ئارا توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىمۇ دىۋەيلەپ تۇرماقتا. دائېش ۋە ھىزبۇللاھقا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشلىرى چوڭ بىر پارتلاشنىڭ ئۈچقۇنلىرى بولۇش ئېھتمالىغا ئىگە. بۇ تۇقۇنۇشلارنىڭ رايون خەلقىگە پايدا كەلتۈرمەيدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر پەقەت 25 يىللىق ئىراق ئۇرۇشى، 5 يىللىق سۈرىيە ئۇرۇشى ۋە 100 يىللىق پەلەستىن مەسلىسىنىلا نەزەرگە ئالغان تەقدىردىمۇ، رايوننىڭ قانداق ئېغىر قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئۇچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بەزى مۇتەخەسسىلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قارىتا «مەشھۇر شەرق ئۇرۇشىغا ۋە بارلىق ئۇرۇشلارغا خاتىمە بەرگەن بىر ئۇرۇش بولدى» دەپمۇ باھا بەرگەن بولۇپ، بىراق بۈگۈنكى كۈندە بۇ كۆز قاراشلارنىڭ پۈتۈنلەي ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق شەرق مەسىلىسى (يەنى ئوسمانلىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلى دېمەكچى) ھەل بولغىنى يوق. مەسىلىلەر مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملاشماقتا. 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، باشقا ئۇرۇشلارغا خاتىمە بەرگىنىمۇ يوق. چۈنكى 20 – ئەسىردىن بۇيان 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن باشقا يۈزلىگەن ئۇرۇشلار مەيدانغا كەلدى.
دەرھەقىقەت، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى نەتىجىلىرىدىن ۋە مىڭلىغان يىللىق ئۇرۇش تارىخىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەسلىدە بۇ ئۇرۇشلار ھېچ بىر مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. «ئۇرۇشقا قارىتا» ناملىق دۇنياغا مەشھۇر كىتاپنىڭ يازغۇچىسى كارل ۋون كلاسېۋىتىزمۇ ئوتتۇرىغا قويغانغا ئوخشاش، ئۇرۇشلار ماھىيەتتە سىياسەتنىڭ ئۈسكىنىسى بولۇپ كەلمەكتە. يەنى، ئەسلىدە مەسىلىلەرنى سىياسەت ۋە سىياسەتشۇناشلار ھەل قىلىشى لازىم. بىراق ئۇرۇش بىر ۋاستىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندىمۇ ئۇرۇش پەقەتلا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قورال سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۈرۈپ بېرىدۇ، لېكىن ئۇرۇش بولغان جايلاردىكى ئاجىز خەلقلەرنى پارچىلاپ، تېخىمۇ نامراتلاشتۇرىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ يېتەرلىك كۈچكە ئىگە بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشقا كىرىشى ئۆز دۆلىتىنى قىمارغا تىققانلىققا ئوخشايدۇ. تارىختا بۇنىڭ يۈزلىگەن ئۆنەكلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قىمار ئوينايدىغانلارنىڭ ئومۇمەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ئەھۋال.
ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر