خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى

ئانىلار كۈنى، ئاتىلار كۈنى، ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى دېگەندەك ئالاھىدە كۈنلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان بىردىن ۋەقەلەر بار. ئاياللار بايرىمىنىڭ تەبرىكلىنىشىگە سەۋەب بولغان ۋەقەنى، تىراگېدىيە دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

251779
خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانىلار كۈنى، ئاتىلار كۈنى، ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى دېگەندەك ئالاھىدە كۈنلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان بىردىن ۋەقەلەر بار. ئاياللار بايرىمىنىڭ تەبرىكلىنىشىگە سەۋەب بولغان ۋەقەنى، تىراگېدىيە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. 1857 - يىلى 8 – مارت ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە 40 مىڭ توقۇمچىلىق ئىشچىسى خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ، ئىش تاشلايدۇ. فابرىكا خوجايىنلىرى ئىشچلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا ئىنتايىن قوپال ۋە زالىملارچە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ باشقا فابرىكىلارغا تۇتۇشۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىش تاشلىغان ئايال ئىشچىلارنى زاۋۇت بىناسىغا سولاپ قويىدۇ. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا فابرىكىدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدۇ، بىنا كۆيۈشكە باشلايدۇ. سولاپ قويۇلغان ئاياللاردىن ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئوت ئاپىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ۋە فابرىكىنىڭ ئەتراپىغا قويۇلغان توسۇقلاردىن ئۆتەلمىگەن 129 ئايال ئىشچى كۆيۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
بۇ ۋەقە، پۈتۈن دۆلەتتە ۋە ھەتتا دۇنيادا چوڭقۇر ئويغىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئىشچىلارنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا يۈز مىڭلارچە ئادەم قاتنىشىدۇ. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ ۋەقە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدۇ. دانىيەدە 1910 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار يىغىنىدا، بۇ ۋەقە كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. 1857 – يىلى 8 – مارت فابرىكا بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن ئايال ئىشچىلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن « 8– مارتنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» دەپ بېكىتىش تەكلىپى تولۇق قوللاشقا ئېرىشىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. 1 – ۋە 2 – دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىدا بەزى دۆلەتلەردە ئاياللار بايرىمىنىڭ تەبرىكلىنىشى چەكلىنىدۇ. 1960 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ تىراگېدىيەلىك ۋەقە يۈز بەرگەن ئامېرىكىدىمۇ ئاياللار بايرىمى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. 1977 – يىلى 16 – دېكابىر ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا، 8 – مارتنى «خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» دەپ خاتىرىلەش قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا كۈنتەرتىپكە كېلىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
1 – ۋە 2 – دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرى ئارىسىدا بەزى دۆلەتلەردە چەكلەنگەن خەلقئارا ئاياللار بايرىمى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم 1921 – يىلى پارلامېنت ئېچىلىپ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنماستىن بۇرۇن «ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى» نى تەبرىكلەش باشلىنىدۇ. ئەمما، كەڭ كۆلەمدە تەبرىكلەش ۋە كوچىلاردىمۇ خاتىرىلەش 1975 – يىلىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. 90 – يىللاردىن كېيىن، ئاياللار تەشكىلاتلىرىنىڭ سانى ۋە تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن 8 – مارتنى تەبرىكلەشنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.
تۈرك ئاياللىرى تارىخ بويىچە ھەر قاتلامدا ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل مەسئۇلىيەتلەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالغان، بولۇپمۇ ئازادلىق ئۇرۇشىدا كۈرەشنىڭ ھەر بىر سەپلىرىدە مۇقەددەس ئۇرۇشقا كۆپ ياردەم قىلغان. ئاياللار ئوسمانلىدىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن خىلمۇ خىللىققا ۋە كىملىك بايلىقىغا ئىگە دۆلىتىمىزدە،ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تارىخىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭ رول ئوينىغان. تۈرك ئاياللىرى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ھەق – ھوقۇققا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ئاتاتۈركنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە رەھبەرلىكىدە «مەدەنىيەتلىك» دەپ بىلىنىدىغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن. 1926 – يىلى 17 – فېۋرالدا قوبۇل قىلىنغان «تۈركىيە مەدەنىيەت قانۇنى» بىلەن ئاياللارنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ كۆپەيگەن. تۈرك ئاياللىرى «شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى، دۇنيادا كۆرگەن ھەر بىر نەرسە ئاياللارنىڭ ئەسىرىدۇر» دەپ ئېيتقان ئاتاتۈركنىڭ قوللىشى ئاستىدا، باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئاياللارغا قارىغاندا يۇقىرى ئورۇننى قولغا كەلتۈردى.
خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنىدە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى ئۈچۈن، ئەركىنلىكى ئۈچۈن، سىياسىي ئادالەتسىزلىكلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت قىلىش شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ۋە تۇرمۇش شارائىتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ. ئاياللار جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. ئاياللار بولمىغان، ئاياللار يوق ھېسابلانغان بىر جەمئىيەتكە، مەدەنىيەت ئۆلچەملىرى رامكىسىدا باھا بېرىش مۇمكىن ئەمەس. ئاياللار ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، ئۇ جەمئىيەت مەدەنىي جەمئىيەتتۇر. ئاياللار ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، ئۇ جەمئىيەت ئىلغار جەمئىيەتتۇر. ئاياللار ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، ئۇ جەمئىيەت يېڭىلىق ياراتقۇچى جەمئىيەتتۇر. ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا كىشىلىك ھوقۇقتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئاياللارنىڭ تەلەپلىرى نەتىجىسىدە باشلانغان ۋە ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان كۈرەشتە، دۇنيادا ھەمدە تۈركىيەدە ئاياللار ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مۇساپىلەر بېسىپ ئۆتۈلدى. بىراق بۇنى ھەرگىزمۇ يېتەرلىك دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان ۋە يۇغلىشىپ قالغان ئادالەتسىزلىكلەر بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئېغىر بولمىسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا ھەر ئۈچ ئايالدىن بىرى ئۆمرىدە ئەڭ ئاز بىر قېتىم ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرايدۇ. دۇنيادا ئاياللار ئەڭ كۆپ زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، بۇ زوراۋانلىقلار ئەڭ ئاز جازالىنىدۇ. دۇنيادا 15 ياش بىلەن 45 ياش ئارىسىدىكى ئاياللار كېسەللىك ۋە قاتناش ۋەقەلىرىگە قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ زوراۋانلىق قىلىشى نەتىجىسىدە ئەڭ كۆپ ھاياتىدىن ئايرىلماقتا ياكى مېيىپ بولۇپ قالماقتا.
ب د ت نىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندىمۇ، دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ %66 نى ئاياللار قىلىدۇ. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي دۇنيا كىرىمىنىڭ %10 گە ئېرىشىدۇ. دۇنيادىكى بايلىقلارنىڭ ئاران %1 ى ئاياللارغا ئائىت. دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ زىياكەشلىكىگە يەنىلا ئاياللار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۆي – ماكانسىز قىلىش، كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇش، نومۇس – شەرىپىدىن ئەندىشە قىلىش، ياخشى كۆرگەنلىرىدىن ئايرىلىش، ھەم ئانا ھەم دادىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، قورقۇنچ ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قالىدۇ.
«8 – مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» دۇنيادا ۋە دۆلىتىمىزدە ئاياللارنىڭ مەسىلىلىرى كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان ۋە مۇنازىرە قىلىنىدىغان بىر كۈن بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، مۇھىم كۈن ھېسابلىنىدۇ. ئاياللار دۇچ كېلىدىغان زوراۋانلىقلار، باراۋەرسىزلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىلىكى بىلەن، «8 – مارت ئاياللار بايرىمى» نى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمىز.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر