ئۈچ تەرەپ يىغىنى چاقىرىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى

ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى.

251261
ئۈچ تەرەپ يىغىنى چاقىرىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى

ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى خەلقئارا سىياسەتتە ناھايىتى كۆپ كۆزگە چېلىقىدىغان بىر مېخانىزمدۇر. بولۇپمۇ رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ياكى رايونلۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرى چاقىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. نېمىشقىكىن بۇنداق يىغىنلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيەسىگە قەدىمى يەتمەيدۇ. ھالبۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇنداق يىغىنلار ئارقىلىق رايونلۇق مەسىلىلەرنى ئۆزئارا تېخىمۇ قولاي ھەل قىلغان بولاتتى.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرۇلۇق نۇرغۇنلىغان يىغىنلارنى چاقىردى. رايونلۇق تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ ئەزا بولدى. بىراق بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈچتىن ئارتۇق دۆلەت ئەزا بولغان تەشكىلاتلار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ تەشكىلاتلاردا بىر ياكى ئىككى يەر شارى خاراكتېرلىك ئويۇنچى دۆلەت بار بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ يۆنىلىشىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قولىدا ئىدى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئەسلىدە ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى باردۇر. ئۈچ دۆلەت بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى چەت ئەلنى ئارىلاشتۇرماستىن ھەل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە. ئۈچ دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئىككى دۆلەت ئىختىلاپلىشىپ قېلىپ، يوللارنىڭ ھەممىسى تاقىلىپ قالغان تەقدىردە، ئۈچىنچى دۆلەت ھەرىكەتكە ئۆتۈپ مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينىماقتا ياكى يېڭى چارە تەكلىپلىرىنى سۇنماقتا.
بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنەكلىرىنى تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرىدىن كۆرۈۋاتىمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە گىرۇزىيە، ئىران ۋە تۈركمەنىستان بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. يېقىندىن بۇيان ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرىغا ئايلىنىشقا، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇشقا باشلىدى. تۈركىيەنىڭ بالقان رايونى ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن، ئەزەربەيجاننىڭ رۇسىيە ۋە ئەرمېنىيە بىلەن دۆلەت باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرى چاقىرماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرى تاموژنا بىرلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە بۇنىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئايلىنىشىغا سەۋەب بولدى. ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى موڭغۇلىيەمۇ 2014 – يىلى رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنى ئىشقا ئاشۇردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىنمۇ 2007 – يىلدىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇچرىشىشلارغا ئۈچ رەھبەر ئىشتىراك قىلماقتا. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رايون سىرتىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشلىرى ۋە ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. بۇنىڭغا قازاقىستاننىڭ رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بىلەن، تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان ۋە ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرىنى مىسال كەلتۈرۈشىمىز مۇمكىن. بىراق بۇ دۆلەتلەر بۇنداق يىغىنلارنى ئۆزئارا ئىشقا ئاشۇرالمايۋاتىدۇ.
تاجىكىستانلىق سىياسەتشۇناس ئالىم ئابدۇلغېنى مامادازىموۋ بۇلتۇر دۈشەنبىدە چاقىرىلغان 14 – نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ ماۋەرائۇننەھىر ئۈچ تەرەپ لايىھەسى تۈزۈلگەنىدى، بىراق بۇ لايىھە ئىشقا ئاشۇرۇلالمىدى.
رايونلۇق ھەمكارلىقنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. مەسىلەن، 2013 – يىلى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە غەربىي تەڭرى تاغلىرى رايونىنى UNESCO دۇنيا تەبىئىي بايلىقلار مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايون خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مىراسى بولغان ساتما، چېدىر قاتارلىق مىراسلارنىڭمۇ UNESCO تىزىملىلىگە كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
رايون دۆلەتلىرى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرماقتا. مەسىلەن، 2014 – يىلى بىشكەكتە رايون دۆلەتلىرى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سەۋىيەسىدە بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان 2012 – يىلى بىر يەرگە جەم بولدى، ئەمما مەركىزى ئاسىيادا ئورتاق ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى. 2014 – يىلى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان مەزكۇر مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلدى، ئەمما ھازىرچە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىنى چاقىرىپ، ئورتاق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلماقتا.
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي رايوندا مەسىلىلەر ئۆز پېتى تۇرماقتا. رايوننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەر تاشلىنالمىدى. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە، ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە؛ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ياكى باش مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە، ھەتتا دۆلەت باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇلالماسلىقىدۇر. ئالدى بىلەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە يىغىنلار چاقىرىلىپ، ئەنئەنىۋى ھالغا كەلتۈرۈلگەن ۋە مىنىستىرلار تەرىپىدىن باشقا ساھەلەردە ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان تەقدىردە، ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
رايوندا ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى تەقەززا قىلىۋاتقان شۇنداق كوپ سەۋەبلەر باركى، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، فەرغانە ۋادىسىنىڭ كېلەچىكى، ئانقلاۋ رايونلىرى، ئارال كۆلى مەسىلىلىرى قاتارلىقلار. شۇ ۋەجىدىن، ئورتاق مىراس، ئورتاق تىل قاتارلىق ئىجابىي مەسىلىلەرمۇ داۋاملىق كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن. رايون رەھبەرلىرى ھازىردىن باشلاپلا ئۆزئارا بىر يەرگە جەم بولۇپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلمىسا، ئەتە كېچىكىپ قېلىشلىرى مۇمكىن.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر