سۇ بۇلغىنىشى

دۇنيادىكى ھاياتلىقنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغان سۇ، يەر شارى ھەمدە پۈتكۈل جانلىقلاردا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. سۇنىڭ بۇلغىنىشى، پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ بۇلغىنىشى دېگەنلىك بولىدۇ.

246494
سۇ بۇلغىنىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۇنيادىكى ھاياتلىقنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغان سۇ، يەر شارى ھەمدە پۈتكۈل جانلىقلاردا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. سۇنىڭ بۇلغىنىشى، پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ بۇلغىنىشى دېگەنلىك بولىدۇ.
سۇ بۇلغىنىشى سۇنىڭ سۈپىتىنى بۇزىدىغان ئورگانىك، ئانئورگانىك، بىئولوگىيەلىك ۋە رادىياكتىپلىق ماددىلارنىڭ مەلۇم مىقداردا سۇغا ئارىلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك جەھەتتىن بۇلغانغان سۇ، بىئولوگىيەلىك ھاياتنى بۇزىدۇ. بۇلغانغان سۇدىكى مىكروئورگانىزملار ۋە خىمىيەلىك ماددىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى:
- دورا چېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېھقانچىلىق پائالىيەتلىرى؛
- تۇپراقنىڭ شورلىشىشى؛
- چىرىگەن ئۆسۈملۈكلەر؛
- ھايۋانلاردىن چىققان كېرەكسىز ماددىلار؛
- سانائەت ۋە ئائىلە ئەخلەتلىرى.
تۈركىيەدە بولۇپمۇ سانائەت قۇرۇلۇشلىرىدىن چىققان كېرەكسىز سۇيۇقلۇق ماددىلار سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، سانائەتلىشىش بىلەن باشلانغان يېزىلاردىن شەھەرگە كۆچۈش، تېز سۈرئەتتە پىلانسىز ھالدا شەھەرلىشىشكە سەۋەب بولغان. تەرتىپسىز شەھەرلىشىش، كېرەكسىز سۇلارنىڭ پاكىزە سۇغا ئارىلىشىپ، بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:
- سانائەت تۇرالغۇلاردىن يىراق جايلارغا قۇرۇلۇشى ۋە سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز سۇلار قايتا تازىلانغاندىن كېيىن، تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلىشى كېرەك.
- سۇ مەنبەلىرى ئىنسانلار ۋە ھايۋانلاردىن قوغدىلىشى كېرەك.
- ئوراش، قاچىلاش ئىشلىرىدا، ئەينەك ۋە كارتونغا ئوخشاش قايتا قوللانغىلى بولىدىغان ماددىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.
- دېھقانچىلىقتا زىيانسىز دورىلار ئىشلىتىلىشى لازىم.
- ھەر تۈرلۈك كېرەكسىز ماددىلار قايتا پىششىقلاپ ئىشلىنىشى ياكى بىۋاستە يوقىتىلىشى كېرەك.
- تەبىئەتتە پارچىلىنىشى قىيىن بولغان خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئىشلەتمەسلىك لازىم.
پاكىزە سۇ دۇنيادا ھاياتلىقنىڭ داۋام قىلىشى ۋە جانلىقلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ھاياتلىقنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن سۇنىڭ قوغدىلىشى شەرت. بۇ ھەممە كىشىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىدۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر