«قايسى ئىسلام؟ قايسى مەدەنىيەت؟»

تۆۋەندە پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

218826
«قايسى ئىسلام؟ قايسى مەدەنىيەت؟»


«قايسى ئىسلام؟ قايسى مەدەنىيەت؟»


«قايسى ئىسلام؟ قايسى مەدەنىيەت؟» دېگەن بۇ تېما خۇددى «قايسى غەرب؟ قايسى ياۋروپا؟» دېگەنكە ئوخشاشلا ئۇقۇم خاراكتېرلىك بىر ئانالىزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. "غەرب" ۋە "ياۋورپا" دېگەن ئۇقۇم ئوخشاش بولمىغان چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلى پوزىتسىيەلەرگە دۇچار بولغانغا ئوخشاش "ئىسلام" ۋە "مەدەنىيىتى" دېگەن ئۇقۇملارمۇ شۇ خىل ھالەتلەرگە دۇچ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.
ئىسلام دېگەن نېمە؟ قانداق بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا بىرلا ئەمەس بەلكى بىر قانچە تۈرلۈك جاۋاپلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بەزى مۇسۇلمان كىملىكىگە ئىگە شەخسلەرنى ياكى "ئى ش ئى د"، "باكو ھارام" ۋە ياكى "ئەلقائىدە" قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلام نامىدىن تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئىنتايىن يېڭى مىسال ئورنىدا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. تارىخىي نۇقتىدىنمۇ بۇ خىلدىكى شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى كۆرۈلۈپ باقمىدى دېگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن ھەسەن سابباھ ۋە ھەششاشىيلەرگە ئوخشاش 11 ـ ئەسىردە ئۆتكەن ئاشقۇن تەشكىلاتلارنى ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىيەنى، كۈيئوغلى ۋە 4 ـ خەلىپە ھەزرەتى ئەلى رەزىيەلللاھۇ ئەنھۇنى شېھىت قىلغان خاۋارىچلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ- ئەلۋەتتە.
شۇنىسى ئېنىقكى، بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئىسلام دىنىغا، تارىخىغا ۋە بارچە مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى بۇ تەشكىلاتلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ھەتتا ئىسلام ئالىملىرىمۇ بۇلارنىڭ ئىسلامغا تەۋە ئەمەسلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ****** **** ***** **** *** ****** *****
ئىسلام تۈپ ئاساسىي نۇقتىسىدىن قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، يەنى سۈننەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان يوليورۇق، چەكلىمە ۋە تەۋسىيەلەرنى مەنبە قىلغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرمۈشىنى مۇشۇ دائىرىدە رەتكە سېلىشنى خالايدۇ. ئىنسانلار ۋە مۇسۇلمانلار بۇ يوليورۇق، چەكلىمە ۋە تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئەركىن. چۈنكى دىندا زورلاشنىڭ يوقلىقىنى قۇرئان كەرىم ئۆزى ئالاھىدە جاكارلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇلارنىڭ زادى قانداق چۈشۈنىلىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكى ئۆلىمالارنىڭ ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىزاھلاشلىرىغا باغلىق ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىردىن بىر ئىزاھلاش ھوقۇقىغا ئىگە كۈچ بولمىغانلىقى تۈپەيلى ئىسلام ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر شەكىللىنىشكە باشلىدى. 15 ئەسىرلىك ئىسلام چۈشەنچىسىنى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىنغىنىمىزدا بىرىنچى بولۇپ سۇننىيلىك ۋە شىئەلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ پىكرىي ئېقىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىلى نامايان بولىدۇ. پەرىقلىق قاراشلار بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماستىن زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەر ئىككى ئېقىمنىڭ ئىچىدە يەنە باشقا يېڭى قوشۇمچە ئېقىملارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. سۇننىيلەرنىڭ ئىچىدە، خاۋارىچلار، موئتەزىللە، فىھىھشۇناسلار، تەسەۋۋۇپچىلار ۋە سەلىفىيلەر قاتارلىق پىكرى ئېقىملار ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، شىئەلەرنىڭ ئىچىدە 12 ئىمامچىلىق قاراشلىرى، زەيدىلىك ۋە جافىرىلىككە ئوخشاش پىرقىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىسلامنىڭ چۈشەنچىسى ئىجرا قىلىنىشى ۋە سىياسىتىگە ئالاقىدار بۇ پىكرىي ئېقىملاردىن باشقا يەنە يېقىنقى 200 يىلدىن بۇيانقى زامانىۋېلىش دەۋرىدىمۇ بەزى يېڭى پىكىرلەر پىرقىلەر ئۇتتورىغا چىققان بولدى.
زامانىۋېلىش دەۋرىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ نۇقتىلىق سەۋەبى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۈچەيگەن ۋە كېڭىيىۋاتقان غەرب دۇنياسى ئالدىدىكى مەغلۇبىيىتى ۋە ئاجىزلىشىشقا يۈز تۇتىشى ئىدى. ئىسلام دۆلەتلىرى ئىلىم – پەن ۋە خەلقئارا سىياسەتتە تەرەققي قىلغان غەرب ئەللىرىگە سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇنلىغان نۇقتىلاردىن ئارقىدا قالغان ئىدى. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنلىرى غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنلغان، ئىسلام كۈلتۈرى غەربلىكلەرنىڭ تەسىرىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئاساسي قۇرۇلۇشلىرى ۋەيران قىلىنغان، ئەڭ مۇھىمى ئىسلام دۆلەتلىرى بۆلۈنۈپ پارچىلىنىپ تاشلانغان ئىدى. ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ مەغلىبىيەتلەرگە قارىتا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ۋە قايتىدىن كۈچلىنىش مەقسىتىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. جامالىدىن ئافغانىي باشلچىلىقىدىكى مۇسۇلمان مۇتەپەككۈر زىيالىيلارنىڭ ۋە ئوخشاش بولمىغان دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى قىسقارتىپ ئېيقاندا مۇنداق 3 تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
1 – زامانىۋىي زىيالىيىلار ۋە گۇرۇپپىلار بولۇپ، بۇلار غەرب دۇنياسىغا قارشى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىشى ۋە كۈچلىنەلىشى ئۈچۈن زامانىۋېلىشىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. ئوسمانلى خەلىپىلىك دەۋرىدىكى يېڭى ئوسمانلىلار، مىسىر ۋالىيسى مەھمەت ئەلى پاشا ۋە ئاخىرىدا مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك قاتارلىقلار مانا شۇ خىل قاراشقا ئىگە ئىدى. بۇ زامانىۋىلىشىش تەرەپدارى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى زامانىۋىي ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە يېڭىلاپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. زامانىۋىيلىشىش تەرەپدارلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق زامانىۋېلىشىشقا تىرىشقان بولسا، يەنە بىر قىسمى ئاممىۋىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي نۇقتىدىن زامانۋېلىشىشنى ئىلگىرى سۈرەتتى.
2 – ئەسلىيەتچى مۇتەپەككۈرلەر ۋە ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلىنىشىنىڭ پەقەت ھەقىقىي مەنىدىن ئەسلىگە قايتىش، يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئىلىگىرى سۈرەتتى. مەسىلەن مىسىردا ھەسەنۇل بەننا ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قاتارلىقلار بۇ پىكىرى ئېقىمنىڭ نامايەندىلىرى ئىدى.
3 – قارشىلىق كۆرسىتىش ئېقىمى بولۇپ، بۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ غەربتىن قۇتۇلۇشىنىڭ بىردىن بىر يولى غەربكە قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. بىراق بۇ كۈرەشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنتايىن خىلمۇخىل پوزىتسىيەلەردە بولاتتى. كۈرەشنىڭ سىياسىي ۋە ئىددىلولوگىيەلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن سەييىد قۇتۇب ۋە خۇمەينىگە ئوخشاش مۇتەپەككۈر سىياسەتچىلەردىن باشقا يەنە، كۈرەشنىڭ ھەربىي كۈچ ۋە زوراۋانلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارمۇ بار ئىدى.
بىراق بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ئېقىمىنىمۇ «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان «ئەلقائىدە»، «ئى ش ئى د»، «باكۇ ھارام» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئاجىز قالىدۇ» دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ تەشكىلاتلار ئىسلام دىنى ئەنئەنىسى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولمىغان يېڭى تۆرەلمە خاراكتېرلىك تەشكىلاتلاردۇر. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى، ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ئىسلام ئېتىقادىغا ۋە 15 ئەسىرلىك ئەنئەنىسىگە قەتئىي ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن، «ئى ش ئى د»نىڭ قول ئىلكىدىكى ئەسىرنى تېرىك كۆيدۈرىشى ۋە كاللىىسنى كىسىپ جازالىشى شەكىل جەھەتتىن ئىسلام دائىرسىگە كىرمەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىسلام ئەنئەنىسىگە ۋە مېھرى – شەپقەتلىك ئوبرازىغا قەتئىي ماس كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق. ئىسلام چۈشەنچىسىنى، ئەنئەنىسىنى ۋە دەۋىتىنى ياخشى بىلىدىغان مۇسۇلمانلار بۇ تۈردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى رەت قىلماقتا. ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارالىق راي سېناشلاردىمۇ «ئى ش ئى د»غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ 1 مىليارد 700 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىسلام دۇنياسىدا قانۇنلۇق ئورنى يوقلۇقى مەلۇم. بۇ تەشكىلاتلار قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئەسلى ئورگىنالىدىن ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە دىنىي مەنبەرلەرنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ سىياسىي مەنپەئەتلىرى ۋە مۇناسۋەتلىرى ئۈچۈن سۇيىئېسىتىمال قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن تۆرەلمەكتە شۇنداقلا ئىسلام مەدەنىياتىنىڭ پۈتۈنلەي سىرتىدا قالماقتا.
قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر