پارىژدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش لازىم

تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

194628
پارىژدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش لازىم

«پارىژدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش لازىم»


7 – يانۋاردا پارىژدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر تۈركىيەدە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا يېڭى تالاش - تارتىشلارنى باشلىدى. ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى ھەققىدە ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئېلىپ بېلىۋاتقان بۇ تالاش – تارتىشلاردا كۆرىنەرلىك ھالدا ئىككى خىل قاراش ئالدىنقى قاتارغا چىقتى. بەزىلەر مەسىلىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ غەرب ئىمپېرىيالىزمى ئىكەنلىكىنى، يەنە بەزىلەر مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر غەربنىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلسا، ئىككىنچى خىل پىكىردىكىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلماقتا. بۇ ھەر ئىككى خىل پوزىتسىيە خاتا بولمىغان تەقدىردىمۇ، يېتەرسىز ئىكەنلىكى ئىنىق. چۈنكى بۇ پوزىتسيەلەر مەسىلىسىگە ئاق ياكى قارا دەپ باھا بەرمەكتە ۋە تەرەپلەرنى كاتېگورىيەگە ئايرىپ ئومۇمىي يۈزلۈك ئەيىبلەپ، بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ۋەھالەنكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئومۇمەن ھاۋا رەڭلىك كېلىدۇ ۋە جەمىيەتلەر بولسا، ئۆبجەش كۈلتۈرلۈك بولىدۇ. جەمئىيەت ۋە خەلقئارا مۇناسۋەتلەر بىر – بىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان بولغاچقا بۇنداق مەسىلىلەر ئومۇمەن كوللىكتىۋىزملىققا ئىگە بولىدۇ. مانا بۇ ۋەجىدىن مەسىلىلەرنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلىرى ۋە سەۋەپلىرىنى ئىنچىكە تەكشرۈشكە توغرا كېلىدۇ. توغرا ۋە ئادىل پوزىتسىيە، دەپ مانا بۇنى دەيدۇ. دەل مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى ۋە تېررولۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ توغرا،ئادىل بولۇش ئۈچۈن مەسلىنىڭ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلىرىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** * **** *** ** **** *** **** ** ****
ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىنى ۋە تېررورىزم مەسلىسىنى ئانالىز قىلغاندا سادىر بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ خاتالىق مۇسۇلمانلارنى ياكى غەرپلىكلەرنى بىرلا رەڭدىن تەشكىل تاپقان خەلق توپى قاتارىدا كۆرۈپ، ھەممىنى بىراقلا جىنايەتچى دەپ قاراشتىن ئىبارەتتۇر. ئەسلىدە مۇسۇلمانلار ياكى غەربلىكلەر دەپ باشلانغان ھەر قانداق ئەيىبلەش ياكى ماختاش خاراكتېرلىك جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى خاتا. چۈنكى مۇسۇلمانلار 1 مىليارد 700 مىليون ئىنساندىن تەركىپ تاپقان بولسا، غەربلىكلەر 1 مىليارد ئىنساندىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئىچىدە، ئىنتايىن ياخشى ئىنسانلارمۇ بولغانغا ئوخشاش ناھايىتى ناچار ئىنسانلارمۇ بولىدۇ. غەرب ئەللىرىدە مۇسۇلمانلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەيدىغانلار بولغانغا ئوخشاش، تىنچلىقپەرەۋەر دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. ئىسلام دۆلەتلىرىدىمۇ غەربلىكلەردىن نەپرەت قىلىدىغانلارمۇ بولغانغا ئوخشاش، غەرب بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كېتىشنى قوللايدىغالارمۇ بار. مەيلى قايسى خىلدىكىلەر مىسال كۆرسىتىلسە، كۆرسىتىلسۇن، ئۇلار ھەرگىزمۇ پۈتۈن ھەممەيلەنگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. خەلقئارا قانۇننىڭ ئەڭ نۇقتىلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرسى بولغان جىنايەتنىڭ خۇسۇسىيلىقىمۇ بۇنداق ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشنى رەت قىلىدۇ ئەلۋەتتە.
دەرۋەقە ھېچ بىر خۇسۇسىي قاراش ياكى ھەرىكەت ئۇ جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرى نە بارلىق غەربلىكلەر تەرىپىدىن توغرا شەكىلدە چۈشۈنۈلمىدى، نە ئەمەلىي ئىجرا قىلىنالمىدى. نە ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرىمۇ بارلىق مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن توغرا شەكىلدە چۈشۈنۈلۈپ، توغرا ئىزاھلىنىپ، توغرا ئىجرا قىلىنمىدى. بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئىشلىتىپ قىلغان ھەرىكىتى، قۇرئان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەكىللىك قىلمىغانغا ئوخشاش، بىر خىرىستىيان ياكى يەھۇدىنىڭ ئىنجىل ۋە تەۋراتنى ئىشلىتىپ سادىر قىلغان جىنايىتىمۇ ئەيسا ياكى مۇسا ئەلەيھىسسالاملارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇنىڭدەك پارىژدىكى تېررولۇق ۋەقەسىنى سادىر قىلغان ئاكا – ئۇكىلارمۇ قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالامغا ۋەكىللىك قىلمىغانغا ئوخشاش، نورۋېگىيەدىكى تېررولۇقنى سادىر قىلغان بىرېۋىكنىڭ جىنايەتلىرىنىمۇ ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ياكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى مۇسا ئەليھىسسالامغا چېتىۋالغىلى بولمايدۇ. خۇسۇسىي ھەرىكەت ھەر دائىم كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس بولىدۇ. بۇ ھەرگىز مۇقەدەس كىتابلارنىڭ خاتالىقى ھېسابلانمايدۇ. كۇۋاشى، بىرېۋىك ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قىلشمىشلىرىنى ئاساس قىلىپ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى، پۈتۈن خىرىستىيانلارنى ياكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى دىنىي ۋە مۇقەدەس قىممەت قاراشلارنىڭ ھەر شەكىلدە سۇيىئېستىمال قىلىنىشىغا ۋە ياكى ھاقارەت قىلىنىشىغا قارشى تۇرۇش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئوتىدۇر. غەرب كۈلتۈرىدە مۇقەدەس ئېتىقادلارغا ھاقارەت قىلىش قانداق چەكلەنگە بولسا، ئىسلامدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە مەنئىي قىلىنىدۇ. بۇ ئالەمشۇمۇل ۋە ئىنسانپەرۋەر قانۇنغا رىئايە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
پىكىر - ئىپادە ئەركىنلىكىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەلۋەتتە. بىراق خەلقئارا پىكىر - ئىپادە ئەركىنلىكى پىرىنسىپى ھەرگىزمۇ مۇقەددەس ئېتىقادلارغا ھۇجۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بولۇپمۇ پىكىر - ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ خەلقئارا مالىمانچىلىقلارنى تۇغدۇرىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىلىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق ھەققىدە كەڭ ئومۇملاشقان بىر قايىللىق بار.
پارىژدىكى ھۇجۇمدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرگە ئالاقىدار يەنە بىر مۇھىم ئىش، مەسىلىنىڭ ئەسلىدە بىر كوللىكتىپ مەسىلە ئىكەنلىكىگە سەل قارالغانلىقىدۇر. چۈنكى پارىژ ھۇجۇمىنىڭ تېگى - تەكتىدىكى ئامىلنى 200 يىللىق غەرب ۋە ئىسلام دۇنياسى مۇنسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن نۇرغۇنلىغان خاتالىقلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. پارىژدىكى ھۇجۇمنى ئويلىغىنىمىزدا فىرانسىيەنىڭ 1800 – يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئىشغال قىلىشىنى باشلىغانلىقىنى ھەمدە ئالجىرىيەدىكى ئىېمپېرىيالىزىمىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىراق ئىشغالىيىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغالىيەت ھەرىكىتى، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان ناھەقچىلىقلارنىڭ ئەلقائىدىگە ئوخشاش تېررولۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن سۇيىئېستىمال قىلىنغانلىقىنى رەت قىلىغىلى بولمايدۇ. بۇ مىساللار ھەرگىزمۇ تېررورلۇققا ئۆزرە قىلىپ كۆرسەتىلگەن ئەمەس - ئەلۋەتتە، بەلكى مەسلىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى ۋە كوللىكتىۋىزملىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ جەھەتتە يەنە بىر مۇھىم ئەھۋال، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ياكى گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئورتاقلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان يېشىل ئەۋلات لايىھەسى، بولۇپمۇ ئافغانىستاندا سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى مۇجاھىتلارغا ياردەم قىلىنىشى قاتارلىقلار بۈگۈنكى مەسىلىلەرنىڭ كوللىكلىتىۋزىملىق يىلتىزى ھېسابلىنىدۇ. ئەمدىلىكتە بۇ ھەمكارلىقلار تارىختا قالدى. بىراق ئافغانىستان، ئىراق ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەلقائىدە ۋە «ئى ش ئى د» تەشكىلاتلىرىنىڭ ئويناۋاتقان روللىرىنىمۇ نەرزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، ئاكا – ئۇكا كۇۋاشىلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرى پۇخراسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. ئەلقائىدە ۋە «ئى ش ئى د» تەشكىلاتلىرىغا غەرب دۆلەتلىرىدىن كېلىپ قېتىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپلىكى، بۇ دۆلەتلەردىكى مائارىپ، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ھەتتا ئىچكى سىياسەتلەرنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىشىنى جىددىي تەققەززا قىلماقتا. بۇ ھەرگىزمۇ بۇ دۆلەتلەرنى تېررولۇقنىڭ مەنبەسى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇ خىل شەخسلەرنىڭ قانداقلارچە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇ مەسىلە يالغۇز مۇسۇلمانلارغىلا ئائىت ئەمەس، بەلكى غەربلىكلەرنىڭمۇ ئۆزىگە تەنقىدىي نەزەر بىلەن قارىشىنى تەققەزا قىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، كاتوگورىيە بويىچە ئەيىبلەشلەردىن ئۇزاق تۇرغىلى، ھەم مەسىلەرنىڭ ئەسلىدە ئۆزئارا غىدىقلىشىشلاردىن ئاپىرىدە بولغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولۇشى مۇمكىن. پەقەت مانا مۇشۇنداق قىلالىغاندىلا ئاندىن ئورتاق مەسىلىلەرگە ئورتاق ھەل قىلىش چارىسى تاڭقلى بولۇشى مۇكىن.
قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر