مانجۇ-جۇڭغار ئۇرۇشى

مانجۇ - جۇڭغار ئۇرۇشىدا جۇڭغارلار غالىپ چىققان بولسا، ياۋرو-ئاسىيا تارىخى، جۈملىدىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر تارىخى باشقىچە يېزىلغان بولار ئىدى. جۇڭغارلارنىڭ مەغلۇبىيىتى، مانجۇلارنىڭ غالىبىيىتى خىتايلارغا بۈگۈنكىدەك چوڭ دۆلەت خەرىتىسى ئاتا قىلغان ئىدى.

194914
مانجۇ-جۇڭغار ئۇرۇشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: -13ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم نەۋرىلىرى شەرقتە موڭغۇلىيە ۋە خىتايدىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىدىل-ئۇرال بويلىرى ھەم ئىران ئېگىزلىكىگىچە بولغان جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بىر قانچە ئايرىم خاندانلىقلارنى قۇردى. ئىدىل-ئۇرال بويلىرىدا قۇرۇلغان ئالتۇن ئوردا خانلىقى پۈتۈن سلاۋىيان تۇپراقلىرىنى بويسۇندۇردى. ئوتتۇرا ئاسىيادا چاغاتاي خانلىقى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلدى. ئىران ئېگىزلىكىدە بولسا، ئىلخانلار خاندانلىقى مەيدانغا چىقتى. شەرقتە بولسا، قۇبىلايخان باشچىلىقىدا يۈەن خاندانلىقى قۇرۇلدى. نەتىجىدە، پۈتۈن ياۋرو-ئاسىيادا چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرۇشى ئاستىدىكى پارچە-پارچە ئايرىم خاندانلىقلار دەۋرىگە كىرىپ، ياۋرو-ئاسىيا تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلىپ، يەنى موڭغۇل كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ مۇسۇلمانلىشىشى ۋە تۈركلىشىشى ئەمەلگە ئاشتى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى چاغاتاي خانلىقى ئاستىدا بولغان بولسا، تۇرپان رايونىدا ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى ھېچقايسى خانلىققا بويسۇنماي ئايرىم مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، مىلادى 1209-يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن چىڭگىزخاننىڭ ئالدىغا كېلىپ، بەيئەت قىلغاندا ئۇنى ئۆزىنىڭ 5-ئوغلى دەپ جاكارلاپ، ئۇنىڭغا قىزىنى بېرىپ، كۇيئوغۇل قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ دۆلىتىنى مۇستەقىل باشقۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشى ئىدى. شۇڭا تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى پەقەت موڭغۇلىيەدىكى باش خانغىلا بويسۇنىدىغان بولۇپ، چىڭگىز ئەۋلادلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈرەشلىرىگە قاتناشمىدى.

يۈەن سۇلالىسىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تېمۇرىيلەر خاندانلىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، 15-ئەسىردە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ پارچىلىنىپ، بىر قانچە خانلىقلارغا بۆلۈنىشىدىن كېيىن، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىر مەزگىل تېمۇرىيلەر ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرەشلىرى مەيدانغا كەلدى.

نەتىجىدە، 16-ئەسىرنىڭ بېشىدا ياركەنتنى پايتەخت قىلغان سەئىدىيلەر دۆلىتى قۇرۇلدى. ھىندىستاندا بولسا، بابۇر رەھبەرلىكىدە موغۇل ئىمپېرىيەسى قۇرۇلدى.

مانا شۇ ۋاقىتتا، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە ھازىرقى تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ غەربىي قىسمىدا موڭغۇللارنىڭ ئۇيرات قەبىلىسى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئەسلىدە موڭغۇل قەبىلىلىرى 14-15-ئەسىردە ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى «ئورمانلىقلار»، يەنە بىرى «ئوتلاقلىقلار» دەپ ئاتىلىپ، ئورمانلىقلار «غەربىي موڭغۇللار»، ئوتلاقلىقلار «شەرقىي موڭغۇللار» دەپ ئاتالغان ئىدى. 14-ئەسىردە خىتايلارنىڭ مىڭ سۇلالىسى بىلەن شەرقىي موڭغۇللار ئارىسىدا كۆپ ئۇرۇشلار داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا غەربىي موڭغۇللار ،يەنى «ئۇيراتلار» دەپ ئاتالغان قەبىلە كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇيراتلار تۆت چوڭ قەبىلىدىن تۈزۈلگەن ھەم ئۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭغار قەبىلىسى كۈچلۈكرەك ئىدى. مىلادى 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنە شۇ ئۇيراتلار جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ باشچىلىقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

-1635يىلى، جۇڭغار قەبىلىسى باتۇر خۇنتەيجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭغار خاندانلىقىنى قۇردى ۋە ئىلىنى بازا قىلىپ قازاقلار رايونىغا كېڭەيدى. مىلادى 1670-يىلى باتۇر خۇنتەيجىنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئىنىسى غالدان ھاكىمىيەتنى ئىگىلىدى. ئەنە شۇ غالدان دەۋرىدە جۇڭغار خاندانلىقى كېڭىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، شەرقتە خالخا، يەنى شەرقىي موڭغۇللارنى بويسۇندۇردى.

بۇ ۋاقىتتا، سەئىدىيە خاندانلىقىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاپپاق خوجا تىبەتكە قېچىپ بېرىپ، دالاي لامادىن ئىلتىپات تىلەپ، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن غالداننىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى، غالدان قوشۇنلىرى 1679-يىلى قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرىپ قانلىق ئۇرۇش ئارقىلىق سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىپ ھاكىمىيەتنى ئاپپاق خوجىغا تاپشۇردى. 1680-يىلى يەنە بىر قېتىم قوشۇن ئەۋەتىپ، قەشقەر ،ياركەنت ۋە باشقا جايلاردىكى ئىسياننى باستۇردى.

بۇ جەريانلار ھەققىدە ئۇيغۇر كىلاسسىك قوليازما ئەسەلىرىدىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغان ئىدى.

جۇڭغار خاندانلىقى تارىخىدا باتۇر خۇنتەيجىدىن كېيىن، دۆلەتنى كېڭەيتكەن ئاساسلىقى ئۈچ خان ئۆتكەن بولۇپ، غالدان بوشۇكتۇ مىلادى 1670-يىلىدىن 1697-يىلىغىچە ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ساۋان رابدانا 1697-يىلىدىن 1727-يىلىغىچە، غالدان سېرېن 1727-1745-يىللىرى ئارىسىدا ھاكىمىيەت تۇتتى. غالدان بوشۇكتۇ بىلەن غالدان سېرېن دەۋرىدە جۇڭغارىيە قوشۇنلىرى قازاقلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمنى بويسۇندۇردى. جۇڭغار قوشۇنلىرى پەرغانە ۋادىسى، تاشكەنت قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ كېلىپ، چىڭگىزخاندىن كېيىنكى موڭغۇللارنىڭ يەنە بىر قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.

جۇڭغار خاندانلىقى قۇرۇلۇپ، ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەۋاتقاندا، شەرقتىكى مانجۇرىيەدە مانجۇلار باش كۆتۈرۇپ، ئۇلارنىڭ داھىيسى نۇرخاچ ھازىرقى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۈچ ئۆلكە، يەنى مانجۇرىيەنى ئىگىلەپ، 1616-يىلى مانجۇ دۆلىتىنى قۇردى. مىلادى 1636-يىلى، بۇ دۆلەت رەسمىي تۈردە «چىڭ ئىمپېرىيەسى» دەپ ئاتالدى. بۇ ۋاقىتتا، خىتايدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان بولۇپ، 1644-يىلى لى زىچېڭ مىڭ سۇلالىسىنى يوقاتتى. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي مانجۇ قوشۇنلىرى ۋۇ سەنگۇي قوماندانلىقىدىكى ياللانما خىتاي قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇرۇش قىلىپ، پۈتۈن شىمالىي خىتاينى ئىگىلەپ، بېيجىڭنى پايتەخت قىلىپ بېكىتتى.

ئىلىنى مەركەز قىلغان جۇڭغارلار خاندانلىقى قەشقەرىيە، ئالتاي، خالخا ۋە يەتتىسۇ رايونلىرىغا كېڭىيىۋاتقاندا مانجۇ قوشۇنلىرىمۇ پۈتۈن خىتاينى ئىگىلەپ، گەنسۇدىن ئۆتۈپ، جۇڭغار خاندانلىقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇندى. نەتىجىدە، غالدان بىلەن كاڭشى خان ئارىسىدا 1697-يىلى ئۇرۇش پارتلىغان بولسىمۇ، ئەمما مانجۇلار تېخى جۇڭغارلارنىڭ قولىدىكى جايلارغا كىرەلمىگەن ئىدى.

غالدان دەۋرىدىن باشلاپ، ياكى مانجۇلار جۇڭغار خاندانلىقىنى يوقاتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى خاندانلىق ئارىسىدا ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش 1690-1697-يىلى ئارىسىدا يۈز بەردى. بۇ ئۇرۇشتا، خالخا رايونى مانجۇلار قولىغا ئۆتتى.

ئىككىنچى قېتىملىق جۇڭغار-مانجۇ ئۇرۇشى 1715-1739-يىللىرى يۈز بەردى. 1715-يىللىرى جۇڭغار قوشۇنلىرى تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق مانجۇ-جۇڭغار ئۇرۇشىدا تۇرپان ۋە قۇمۇل ئىككى دۆلەتنىڭ تالىشىش نۇقتىسى بولغان ئىدى. ئەنە شۇ مەزگىلدە مانجۇ قوشۇنلىرىنىڭ ئايىقى تۇرپانغا يېتىپ كەلدى.

ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇرۇش 1755-1759-يىللىرى ئارىسىدا يۈز بېرىپ، جۇڭغار خاندانلىقى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلدى. شۇنىڭدەك، جۇڭگو مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 1759-يىلىدا مەنچىڭ قوشۇنلىرى پۈتۈن شىمالىي رايونلاردا جۇڭغار ۋە باشقا قەبىلىلەر ئۈستىدىن دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى.

-1755يىلى مانجۇ-جۇڭغار ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئاكا-ئۇكا خوجىلار، يەنى بۇرھانىدىن خوجا ۋە خوجا جاھان مانجۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، قەشقەرىيەدە مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاش كۈرىشىگە ئاتلاندى. 1759-يىلى جاۋ خۇي باشچىلىقىدىكى مەنچىڭ قوشۇنلىرى ئاكا-ئۇكا خوجىلار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئاخىرى پۈتۈن قەشقەرىيەنى ئىشغال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مانجۇ ئىمپېرىيەسى بىلەن جۇڭغار خاندانلىقى ئارىسىدا داۋاملاشقان 70 يىل ئەتراپىدىكى ئۇرۇش نەتىجىسىدە، مانجۇ –چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاياق ئىزى تەڭرى تاغلىرى ۋە پامىر ھەمدە ئىلى ۋادىلىرىغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، ياۋرو-ئاسىيا تارىخىدا رۇسىيە ۋە مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى مەركىزىي ئاسىيادا ئۇچرىشىش دەۋرىگە كىردى. ئەگەر مانجۇ - جۇڭغار ئۇرۇشىدا جۇڭغارلار غالىپ چىققان بولسا، ياۋرو-ئاسىيا تارىخى، جۈملىدىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر تارىخى باشقىچە يېزىلغان بولار ئىدى. جۇڭغارلارنىڭ مەغلۇبىيىتى، مانجۇلارنىڭ غالىبىيىتى خىتايلارغا بۈگۈنكىدەك چوڭ دۆلەت خەرىتىسى ئاتا قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر