يېقىنقى دەۋر ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ھەققىدە ئانالىز

رايوننىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيورلىرى ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا ۋە خىتاي بولۇپ ھېسابلانسا، رايون خاراكتېرلىك ئاكتىيورلىرى تۈركىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىسرائىلىيە ۋە قاتاردىن ئىبارەتتۇر. ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېقىنقى دەۋر تارىخى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ مانا بۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلەش لازىم.

283085
يېقىنقى دەۋر ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ھەققىدە ئانالىز


«يېقىنقى دەۋر ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ھەققىدە ئانالىز»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىنقى دەۋر ئوتتۇرا شەرق تارىخى ۋە سىياستىدە مۇنداق 4 تۈرلۈك مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.


1 – ئەرەب باھارىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىشى


2 – ئەرەب ئىسرائىلىيە توقۇنۇشلىرىنىڭ داۋاملىشىشى


3 – ئىران يادرو پىروگراممىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر


4 - تۈركىيە مەركەزلىك ھەل قىلىش باسقۇچى


ئەلۋەتتە شۇنچە كەڭ جۇغراپىيە ۋە نوپۇسقا ئىگە ئوتتۇرا شەرق ھەققىدە كونكېرت ۋە مۇئەييەن ھادىسىلەر ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئانالىز ئىلىپ بېرىشقىمۇ بولىدۇ. بىراق بارلىق ئانالىزلارنىڭ باشلىنىشى ۋە خۇلاسىسى يەنە يۇقىرىقى 4 مەسلىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي ئاكتىيورلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. رايوننىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيورلىرى ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا ۋە خىتاي بولۇپ ھېسابلانسا، رايون خاراكتېرلىك ئاكتىيورلىرى تۈركىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىسرائىلىيە ۋە قاتاردىن ئىبارەتتۇر. ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېقىنقى دەۋر تارىخى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ مانا بۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلەش لازىم. بۇلاردىن باشقا يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى، ھاماس، كۇرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارالىق لوبىسى ۋە «ئى ش ئى د» قاتارلىق دۆلەت سىرتى ئاكتىيورلارمۇ بار. بۇلارنى دۆلەتلەردىن ئايرىم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدىغان ئاكتىيورلار دېيىشمۇ ئاسان ئەمەس- ئەلۋەتتە. يېقىنقى مەزگىلدە بۇ ئاكتىيورلارنى بويلىغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان تارىخى ۋە سىياسىي ۋەقەلەرنى مۇنداق خۇلاسىلاشقا بولىدۇ.


تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.


*** **** ****** ***** **** ***** ****


يېقىنقى دەۋر ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ ئاساسىنى 2003 – يىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىشى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر تەشكىل قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ناھەق ۋە نەتىجىسىز ئىراق ئىشغالىيىتى رايوندا ئامېرىكىغا ۋە غەرپكە بولغان غەزەپ - نەپرەتنى ئاشۇردى. بۇ قارشى ئىنكاسلار قىسمەن رادىكال دۆلەت سىياسەتلىرىدە، قىسمەن خەلقنىڭ نامايان قىلغان پوزىتسىيەلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن ئىراننىڭ يادرو كۈچكە ئىگە بولۇش تىرىشچانلىقى ۋە كۈنسىرى ئىشىۋاتقان پائالىيەتلىرى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەلقنىڭ ئۆز ھاكىمىيەتلىرىگە قارشى كۆتۈرىۋاتقان ئىسيانلىرىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنە ئىراقنىڭ ئەمەلىي جەھەتتىن پارچىلىنىپ بولغانلىقى، كۇرت سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ ۋە تېررورلۇق تەشكلاتى «پ ك ك»نىڭ كۈچىيىشى ۋە ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە ئەۋج ئېلىشى قاتارلىقلارنى قوشۇمچە قىلىشقا بولىدۇ.


دېمەك 21 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 10 يىلىدا رايوندا كۆرۈلگەن ئاساسلىق چوڭ مەسىلىلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەتتۇر.


ئىراننىڭ ھەربىي، تېخنىكىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك سىياسىي تەسىرى ئىراق، لىۋان ۋە پەلەستىنگىچە كېڭىيىشكە باشلىدى. كۇرت سىياسىي ھەرىكىتى ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئىراق بىلەن تۈركىيەنى بىئارام قىلدى. پەلەستىن مەسلىسى ھەل بولماي داۋاملىشىۋەردى. ئافغانىستان مەنبەلىك ئەلقائىدە تېررولۇق تەشكىلاتى ئىراق ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگىچە كېڭەيدى. يىغىپ ئېيتقاندا 2010 – يىلىغا كەلگەندە ئوتتۇرا شەرق ئاساسەن دېگۈدەك ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئىران ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان رۇسىيە، خىتاي ۋە شۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى.


ئوباما 2009 - يىلىدا پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن رايوننى ئىجابىيلىققا ئىگە قىلىدىغان ھەتتا قايتىدىن شەكىللەندۈرىدىغان ئىككى مۇھىم ئەھۋال كۆرۈلدى. دەسلەپتە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مودىل شېرىكلىك پىروگراممىسى دائىرىسىدە رايوندىكى بارلىق مەسىلىلەرنى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق يولى ئارقىلىق ھەر قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشنى باشلىدى. بۇ دائىرىدە ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە قەدەملەرنى تاشلىدى. ئەردوغان بىلەن ئوباما ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىن، لىۋان، ھەتتا ئەرمېنىيە - ئەزەربەيجان مەسىلىلىرىنىمۇ ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئىجابىي باياناتلارنى بەردى. بۇ ئىلگىرىلەشلەر ۋە تاشلانغان قەدەملەرنىڭ تۈنجى نەتىجىسى ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى مەسلىىسىنىڭ ھەل بولۇشى، ئىراقنىڭ قايتىدىن مۇقىملىققا ئىگە بولۇشى، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىسىدە ھەل بۇلۇشقا دائىر يېڭى ئۇمۇتلەرنىڭ تۇغۇلىشى قاتارلىقلار بولدى.


ئوباما باشچىلىقىدىكى ئىككىنچى مۇھىم ئىلگىرىلەش بولسا، ئەرەب باھارىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. تۇنىىستا باشلانغان تىنچلىققا ۋە مۇقىملىققا ئىگە يول بىلەن دېموكراتىيەلىشىش باشقۇچى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مىسىرغا كېڭەيدى. ئەرەب باھارىنىڭ ئاساسلىق پەلسەپىسى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، تىنچلىقپەرۋەرلىك ۋە مۇقىملىق ئاساسىدىكى ئۆزگىرىش نىشانلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار پۈتۈن رايوندا ئىشقا ئىشىشقا باشلىدى. ئەسلىدە بۇ رايوندىكى يېڭى ئىنقىلاپ ھەرىكىتىنىڭ ئۇچقۇنلىرى ئىدى. خۇددى سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن شەرق ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىنقىلاپقا ئوخشاپ كېتەتتى. ئوتتۇرا شەرق ۋە ھەتتا پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا ئەنە شۇنداق ئىلغار بىر ئىنقىلاپنىڭ ۋە زامانىۋېلىشىشنىڭ ئىشقا ئىېشىغا دائىر چوڭ ئۈمىدلەر قوزغالغان ئىدى. مانا بۇ نۇقتىدىن رايونغا سىياسىي بىر باھارنىڭ يېتىپ كېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك دەپ قارىلاتتى.


بىراق ئەرەب باھىرىغا دائىر بۇ ئۈمىد ۋە ئېھتىماللار باشقا دۆلەتلەرگە كەڭ تارقىلالمىغانغا ئوخشاش دەسلەپكى قەدەمدىكى دۆلەتلەردىلا ئاساسىي جەھەتتىن چېكىنىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. دەسلەپتە لىۋىيە ۋە سۇرىيەدىكى ئەرەب باھارى باسقۇچى قانغا بويالدى. لىۋىيەدىكى قەززافى ھۆكۈمىتى خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە ئاران دېگەندە ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا مۇستەھكەم بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلمىدى. بۇنىڭدا يەرلىك ھەربىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى قۇتۇپلىشىش ۋە تۇقۇنۇش نۇقتىلىق سەۋەب بولدى. بۇ باھار سۈرىيەدە بولسا تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچ بىر رول ئوينىدى. سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن ئەسەد ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش تاشقى مۇداخىلە ۋە ئىشچى ئۇرۇشلارغا سەھنە بولدى. سۈرىيەدىكى مالىمانچىلىق ھەم ئۆزىگە، ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. بىرىنچى بولۇپ بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغىنى مىسىر بولدى. مىسىرنىڭ دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغان مۇرسى ھۆكۈمىتى ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. لىۋىيە، سۈرىيە ۋە مىسىر ئۆرنەكلىرى ئەرەب باھارىنى تەتۈر ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن رايون بۇرۇنقىدىنمۇ ناچار ھالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ئەھۋال ھەممىدىن بەك پەلەستىن مەسىلىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. ئاندىن ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتلەردىمۇ چۈشنۈشمەسلىكلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا، مەلۇم بىر ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا «تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ قىممەتلىك يالغۇز قىلىشى» بولدى.


2014 - يىلدىن 2015 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئوتتۇرا شەرقتە ئىجابىي نۇقتىدىن ئىككى ئەھۋال كۆرۈلدى دېيىشكە بولىدۇ. بىرىنچىسى 2014 - يىلىدىكى ئىران بىلەن 5+1 دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا باشلانغان يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسى، ئىكىنچىسى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي چارە باسقۇچى ئىدى.
ئەمدىلىكتە 2015 - يىلىدا قالغان ئەھۋاللارنىڭ قايسى يۈزلىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ ئىككى ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ئۈمىد بەخش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ ئىككى ئەھۋال گەرچە بىر - بىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ نەتىجىلىك ئاخىرلىشىشى ئىراق، سۈرىيە، ھەتتا پارىس قولتۇقى ۋە پەلەستىن رايونىغىمۇ ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە سۈرىيە ۋە «ئى ش ئى د» مەسلىسى ھەل بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى يۇقىرى.


ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر